app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

دولان مەشرەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي رولى

ۋاقتى:2014-05-02 13:55مەنبە: يوللىغۇچى:ئانىقىز چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى بەك ياخشى

دولان مەشرەپلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا جايلاردىكى مەشرەپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرسەك، بۇنىڭ پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسىلا بولماي، بەلكى جەمئىيەت ئۈچۈن چوڭ بىر ئىجتىمائىي رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

 ناھايىتى ئۇزۇن يىللارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى خېلى مۇكەممەللەشكەن ۋە ئىنتىزامى بولغان خەلق مەكتىپى، دېيىشكە بولىدۇ. مەشرەپلەر ئەڭ ئاۋۋال خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپىدۇر. چۈنكى، مۇشۇ سورۇن، مۇشۇ مەكتەپتە (ئەلۋەتتە باشقا ئامىللارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)باي ۋە رەڭمۇرەڭ خەلق سەنئىتى بارلىققا كەلگەن ۋە تەدرىجىي پىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.بۇ مەكتەپنىڭ ئىجادچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بولغان خەلق تارقاق ھالدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ناخشا-قوشاق، ساز-نەغمىلەرنى، ئۇ يەر-بۇيەردە ئوينالغان ئۇسسۇل ۋە قىززىق ئويۇنلارنى مەشرەپ ۋاستىسى بىلەن جەملىگەن ھەمدە مەشرەپ ئەھلىگە ئومۇملاشتۇرغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 مەشرەپلەر بىر فولكلور مەكتىپىدۇر.چۈنكى، مۇشۇ مەشرەپتە ناھايىتى نۇرغۇن خەلق قوشاقلىرى مەيدانغا كەلگەن ھەم تارقاق بولغانلىرى توپلانغان ۋە رەتلەنگەن. ئۇلار مەشرەپتىن-مەشرەپكە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قېلىپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ، پىشىپ بارغان شۇنداقلا مەشرەپلەر خەلق كومېدىيىلىرى سەھنىسى بولۇپمۇ خىزمەت قىلىپ كەلگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 يەنە بىر تەرەپتىن، مەشرەپلەر كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئەخلاق، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن تەربىيىلەيدىغان مىللىي ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر مەكتەپ. مەشرەپلەر ئارقىلىق ياش ئەۋلادلار قائىدە-يوسۇن ئۆگىنىدۇ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە سەنئەتنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.مەشرەپلەر ئىجتىمائىي ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ،كوللىكتىۋىزملىق روھنى سىڭدۈرۈش ۋە مېھماندوستلۇقنى جارى قىلىشنىڭ ۋاستىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن دولان خەلقى ئۆز مەشرەپلىرىنى قەدىرلىك بىر گۆھەر ھېسابلاپ، ئۇنىڭ زور ئىجتىمائىي رولى، قۇدرەتلىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. copyright by www.iz.la

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 ئادىل مۇھەممەد تۇراننىڭ «مەكىت تارىخ-مەدەنىيىتى»(2)ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس