ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يوڭ رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى ساقلاپ قويۇشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇش ، ئاندىن قۇرۇتۇپ دەزمال سېلىش لازىم . ئۇنى يۇماي ساقلاشتىن ئېھتىيات قىلىش ، يېڭى تىكىلگەن كىيىم بولغان ھالەتتىمۇ ئۇنى دەرھال كىيمەيدىغان بولسا ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ قويۇشقا توغرا كەلسە ، ئۇنىمۇ يۇيۇپ يېپىشقاقلىقىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ، ئاندىن ساقلايدىغان جايغا قويۇش قويۇش لازىم . بۇنداق قىلغاندا مىكروبلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپۈيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . نەملىكتىن ساقلاش ئۈچۈن ، ئۇنى سالىدىغان ساندۇقنىڭ ئاستىغا بىر نەرسە سېلىپ 16 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈپ ، ئاندىن ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى سېلىپ تۇرۇش ، چامادان ( ساندۇق ) نى تامدىنمۇ شۇنچىلىك يىراقلىقتا قويۇش لازىم . يامغۇر كۆپ ياغىدىغان پەيتلەردە ، ئەڭ ياخشىسى كىيىملەرنى ئايدا بىر قېتىم شامالغا سېلىپ تۇرۇش ئەمما كۈن نۇرىنىڭ بىۋاستە كىيىمگە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش ، ئەگەر شارائىت يار بەرسە كىيىمنى ئۈچ بۇرجەك ئاسقۇغا ئېسىپ ، قۇرۇق ، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇش ، كىيىم يانچۇقى ، كىيىم ئىشكاپى ياكى ساندۇققا ئازراق كۈيە دورىسى سېلىپ قويۇش لازىم . بۇنداق قىلغاندا كۈيە چۈشۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . www.iz.la
مەنبە : كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر .
