ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئومۇمەن سىزگە زىيان كەلتۈرۈشتىن ۋە سىزنى خەلىقنىڭ يامان خىياللىرىغا چۈشۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان، ھالىڭىز، قۇربىڭىزدىن ئارتۇق تەكەللۇپلۇق كىينىشكە قىزىقمىسىڭىز، ھەركىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قەدرىنى ساقلىغان بولىسىز. كىينىشتە مانا بۇ قائىدىدىن يىراقلاشماسلىق كېرەك. يېشىغا،ئورنىغا ۋە ھالىغا يارىشا كىيىنىش، بىر زېرەك كىشى پۈتۈن خەلىققە كۈلكە بولماي، ئادەتتىن تاشقىرى،خۇسۇسەن،ھەممىدىن يۇقىرى تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماي،ئىمكانىيىتى يەتكەن كىيىمگە قانائەتلەنسىلا بولىدۇ. ئاڭلىق ۋە بىلىملىك كىشىنىڭ ئاڭلىقلىقنىڭ ئالامىتى كىيىملىرىنىڭ يارىشىملىق ۋە پاكىز بولىشىدىن ئىبارەتتۇركى، بۇ ھېچقاچان گۈزەللىك ۋە ياسىنىشنى چەتكە قاقمايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كەچتە قائىدە بويىچە كىيىنىشى ۋە كۈندۈزى چاچلىرى سالۋارىغان، كىيىملىرى يىرتىق، سۆكۈلگەن بولۇپ، كۆپۈنچە كېچىلىك كىيىملەر بىلەن يۈرۈشنى ئادەت قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى بىلىنمەكتە. بۇمۇ ناھايىتى زور ئەيىبتۇر. ياشلارنىڭ ئورنىدىن تۇرا-تۇرمايلا چاچلىرىنى تارىشى ۋە كۈندۈز ئۈچۈن ئۇچىسىدا بېجىرىم، رەتلىك، پاكىز، ئۆيدە كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيىشكە ئادەتلىنىشى قائىدىگە ئۇيغۇندۇر.
مەنبە؛ كىيىنىش ۋە كۈتۈنۈش copyright by www.iz.la
