ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ھازىر بازاردا يۇڭ كۆڭلەكلەر كۆپلەپ سېتىلىۋاتىدۇ . بۇ يۇڭ كۆڭلەكلەر ھەر خىل سورۇنلارغا كىيىشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ ، پوپايكا ئورنىدا شىم بىلەن كىيسىمۇ ، كۆڭلەك ئورنىدا ئۆتۈك بىلەن كىيسىمۇ بولىدۇ . بىراق ، بۇنى ئۇستىخىنىڭىزغا ماس ھالدا تاللىمىسىڭىز ، بەدىنىڭىزدىكى نۇقسانلارنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىسىز . ساغرىسى چوڭ ئاياللار ئۈستى تەرىپى تۈپتۈز شەكىللىك ، ئېتەك تەرىپى سەل يىغىلغان يۇڭ كۆڭلەكلەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك . چۈنكى ، بۇ ساغرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ، سېمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ . بۇ خىل ئاياللار بېلى ئىنچىكە ، A شەكلىدە لايىھەلەنگەن يۇڭ كۆڭلەكنى تاللىسا ساغرىسىنىڭ چوڭلۇقى بىلىنىپ كەتمەيدۇ . بوينى قىسقا ئاياللار پاسونى سەل ئاددىي ، ياقىسى تۆۋەن ، نېپىزرەك توقۇلغان يۇڭ كۆڭلەكلەرنى تاللىسا ئاياللىق سالاپىتى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ . بويى ئېگىز ئاياللار بۇ خىل يۇڭ كۆڭلەكنى تار شىم بىلەن كىيسە، پوپايكىنىڭ رولىنى ئويناپلا قالماي ، تېخىمۇ زىلۋا كۆرسىتىدۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛ كىيىنىش ۋە كۈتۈنۈش
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
