app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ھېيىتتىكى تۇنجى تېلىفۇن (ھېكايە)

ۋاقتى:2014-05-09 10:48مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 ھازىر زامان تەرەققىياتى نىمە دېگەن تىز-ھە؟ بورۇن قىز-يېگىتلەر مۇھەببەت ئىزھارلىرىنى  سالام خەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيىتتىكەن.مانا ھازىر ئۇنداق ئىشلار يوق، تېلىفۇن ئارقىلىق ئۈندىدار، ياكى ئۇچۇر بىلەنلا يېزىپلا يوللىۋەتسە قارشى تەرەپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مۇھەببەت ئىزھارلىرىنى كۆرەلەيدۇ.بۇرۇنقىدەك قەغەزگە مۈكچىيىپ نەچچە قېتىم تەھرىرلەپ، ئولتۇرىدىغان ئىش يوق... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  ھازىرقى مۇھەببەت بەك زىللىشىپ قالدىمۇ قانداق؟ ئادەتتە ھالقىلىق پەيىتلەردىكى بىرەر تال ئوچۇر ياكى بىرەر قېتىملىق تېلىفۇن ئورۇشلار مۇھەببەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ قالدى... بولۇپمۇ خاتىرلەش كۈنلىرى، توغۇلغان كۈن، ھېيىت بايراملىرى دەل ۋاقتىداقارشى تەرەپكە ئاكتىپلىق بىلەن تېلىفۇن قىلىپ ياكى ئوچۇر يوللاپ مۇبارەكلىمىسە بىردەمدە ئىشلار تەتۈرسىگە ئۆرۈلۈپ يامان بولغاندا مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ كىتىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدىكەن...ماۋۇ بىزنىڭ ياتاقتىكى دېلىشاتنىڭ ئىشلىرى بۇنىڭغا مىسال بۇلالايدۇ ئەمەسمۇ، ئەسلىدە بۇ ئادىشىمىزنىڭ قىز دوستتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 9-ئاينىڭ 6 سى كەچ سائەت 12-دە ئىكەن بىراق بۇ ئاغىينىمىز سائەت بىردە تېلىفۇن قىلغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن قىز دوستتى نىمىشقا دەل ۋاقتىدا تېلىفۇن قىلمايسىز؟ دەپ شۇنىڭ بىلەن ئاغىينىمىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى... شۇنىڭ بىلەن ياتاقتىكى بالىلار دېلىشاتنىڭ مۇھەببەت جەھەتتىكى ‹‹ بۇ ئېچىنىشلىق تېراگىدىيەسىدىن›› قاتتىق ساۋاق ئېلىشىپ ھەر قانداق خاتىرلەش كۈنلىرىدە قىز دوستلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن تېلىفۇن ياكى ئۇچۇر قىلىشىدۇ، بىزنىڭ ياتاقتىكى نەبىي ئىسىملىك بىر ئاغىينىمىزنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ بەك كۈلكىلىك ،ئاغىينىمىز دېلىشاتنىڭ ئىشىدىن كېيىن بەك قورقۇپ كەتتىمۇ، بىر كۈنى تاۋۇز چاغىنى كۈنىسى ئەتتىگەن ھەمىمىزگە ‹‹ بالىلار قىز دوستلىرىڭلارغا بايراملىق تېلىفۇن قىلدىڭلارمۇ›› دەپ يۈرىيدۇ سەنچۇ؟ دەپ سورىساق ‹‹ مەن بايراملىق ئۇچۇر يېزىۋەتتىم›› دەيدۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەمىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  بۈگۈن ھېيىت كۈنىسى .دېلىشاتتىن باشقىلار ھەممىسى قاق ئەتتىگەندىلا تېلىفۇنلىرىنى ئېلىشىپ قىز دوستلىرىغا ھېيىتلىق سالاملىرىنى قىلىشقىلى تۇردى، بىزدە ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ شۇڭا مەنمۇ گۈلشەنگە تېلىفۇن قىلىپ ھېيىتلىق سالام يوللاي دەپ ئۇرسام‹‹ تېلىفۇنىڭىزنىڭ سۆزلىشىش ھەققى تۈگىدى›› دەيدۇ. پىشانەمگە پاققىدە بىرنى سالسىمدە جىددىيلىشىپ كەتتىم، بۇ تېلىفۇنۇمنىڭ پۇلىسى قېيىشقاندەك بۈگۈنكىدەك مۇھىم چاغدا تۈگەپ كەتكىنىنى؟ ئەگەر ئۇنىڭغا ئەتتىگەندىلا ئۇچۇر يولىۋەتمىسەم، دېلىشاتتەك كۈنگە قالارمەنمۇ ئەمدى؟... باشقا بالىلرنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپ بولسىمۇ سۆزلىشەي دېسەم ئۇ بالىلارنىڭ گەپ سۆزلىرى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس... ئىز تورى بەك ياخشى
  جىددىيلىشىپ كەتكىنىمدىن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم ‹‹ ئەستا، شۇ تاپتا گۈلشەن قانداق ئويلاپ قالغاندۇ؟ تېلىفۇنمۇ قىلمىدى دەپ رەنجىپ قېلىۋاتقاندۇ ھەقىچان؟ ئەمدى چاتاقنىڭ چۇڭى چىقىدىغان بولدىد-دە!››

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  بىردەمدىن كېيىن تېلىفۇنۇم سايرىدى، ئەسلىدە تېلىفۇنۇم قارشى تەرەپ ئۇرسا كىلىدىغان، لېكىن مەن ئۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانئكەن...گۈلشەن نىمىلا بولمىسۇن مىنى چۈشۈنۈپ ئۈزى تېلىفۇن قىپتۇدە؟ ئەجەپ ياخشى! خۇشالىقىمدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ياستۇقۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان تېلىفۇننى ئالدىراپ ئالدىم...
www.iz.la

  -ۋەي، گۈلشەن!
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغلۇم، ئوبدان تۇردۇڭمۇ؟ ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن!
  -ۋەئەليكۇم ئەسسالام ئانا،-ئەسلىدە ئۇ ئانامكەن ئەمەسمۇقاتتىق خىجىل بولۇپ كەتتىم،- سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! قانداق ئۆي ئىچى تىچلىقتۇ؟

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


  -تىچلىق بالام، داداڭ قوي سۇيىۋاتىدۇ. ھە راست بالام، ھېيىتتا قىينىلىپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا پۇل سېلىۋەتتۇق، بىزدىن ئەنسىرمەي ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئۇقارسەن... ئەمسە ئۈزەڭنى كۆپ ئاسىرا... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  -سىزمۇ شۇ ئانا، ئۈزىڭىزنى ئاسىراڭ!
  تېلىفۇننى قويۇپ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ كەتتىم.بالىلارغا قارىسام ئۇلارنىڭ گەپلىرى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭ تىزراق سۈزىنى ئاخىرلاشتۇرىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم، بۇ قېتىمقى تاقەتسىزلىكىم ھەرگىزمۇ گۈلشەن ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قوي سۇيىۋاتقان دادامغا تېلىفۇن قىلىش ئۈچۈن ئىدى...

www.iz.la

 ئېلى ياسىن (ئەختەر)

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(2)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
33.3%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس