app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

بىر خىش ئالتۇن ، ئۈچ ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولدى .

ۋاقتى:2014-04-30 12:30مەنبە: يوللىغۇچى:ئىكرام چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى www.iz.la

ئىز تورى بەك ياخشى

    بىر كۈنى ئۈچ دۇنيا پەرەس ئادەم يولدا بىر خىش ئالتۇن تېپىۋىلىشتى . ئۇلار خۇشال بولۇپ ، بۇ ئالتۇنلارنى بۆلۈشمەكچى بولۇشتى ، بىراق قورساقلىرى ئاچ ئىدى . شۇڭا مەسلىھەتلىشىپ ، ياشقا كىچىكرەك بىرىنى شەھەرگە يىمەك - ئىچمەك تېپىپ كىلىشكە بۇيرىدى . ئۇنىڭغا ئۈچ دەرھەم پۇل بىرىپ ، دەرھال ئاش - نان ئىلىپ كەل ، دەپ ئەۋەتتى . ئۇ پۇلنى ئىلىپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدى . ئۇنى يولغا سىلىپ قويۇپ قالغان ئىككىسى باشقىچە ئىتتىپاق تۈزۈشتى . شەھەرگە كەتكەن بۇرادىرى كىلىشى بىلەنلا پىچاق ئۇرىمىز ، دەپ مەسلىھەتلەشتى . شەھەرگە غىزاغا ماڭغىنىمۇ بىر خىش ئالتۇننى يالغۇز ئىگىلەش قەستىدە نەپسى بىلەن تېخىمۇ قەبىھ مەسلىھەتلەرنى قىلىپ ماڭدى . ئۇ نان - گۆش ئالدى . نانغا ھەم گۆشكە زەھەر سالدى . شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا ئىككى بۇرادىرىنىڭ يىنىغا يىتىپ كىلىشىگىلا ، بۇ ئىككىسى بىشىغا پىچاق ئۇرۇپ ئۆلتۈردى . ئۇلار ئىككەيلەن كۆڭلىنى تىندۇرۇپ ، خاتىرجەم ھالدا نېمەتلەرنى يەيلى دىيىشىپ ، چوڭى كىچىكىگە نان ئوشاتقىن مەن گۆش پارچىلاي دەپ پىچاقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى . نازۇ - نېممەتلەرگە ۋە بىر خىش ئالتۇنغا ئۆزىنىڭ نەپسى بالاسى چۈشكەن بۇ نامەرت پىچاقنى يەنە بىر بۇرادىرىگە سالدى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ يىنىدىكى پۇللارنى ، بىر خىش ئالتۇننى يىنىغا قويۇپ تائاملارنى يىيىشكە باشلىدى . يىرىمىنى يىمەي تۇرۇپلا دۈم ئاغزى - بۇرۇنلىرىدىن قان كىلىپ دۈم چۈشۈپ ھالاك بولدى . بىر خش ئالتۇن ۋە ھېلىقى بۇرادىرىدىن ئىلىۋالغان پۇللار شۇ جايىدا قالدى . شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ نامەرتلەر ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىز تورى www.iz.la

ئۇلار ئەسلى بىر - بىرى بىلەن قىرىنداش ، غەم بىلەن مىھنەتتە مۇڭداش بۇرادەرلەر ئىدى . بىر - بىرىگە مىھرىبان ، دوستلۇق ئەھدى تۈزۈشكەنئىدى . بىر خىش ئالتۇن ئۇلارنىڭ جىنىغا زامىن بولدى . نەپسى شەيتان بۇ ئۈچ تەننىڭ بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىز تورى بەك ياخشى

ئىز تورى بەك ياخشى

      نەپسى بىلەن جەڭ قىلالىغان ئەر ھەقىقىي ئەردۇر . بۇ سۆزلۈرۈمگە قۇلاق سالغان ، يولغا چىقماستىن بۇرۇن ئۇلاغنى كۆندۈرگىن . ئەي بۇرادەر ، ئەگەر ئەقلىڭ بولدىغان بولسا ھەرگىز نەپسىڭگە قۇل بولمىغايسەن !

copyright by www.iz.la

www.iz.la

ئابدۇللا خاراباتى

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

www.iz.la

مەنبە ............... مەرۋايىتتەك سۆزلۈرۈم . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(10)
90.9%
ئالقىشلايمەن
(1)
9.1%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس