app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىزداشلىرى

ۋاقتى:2014-04-25 16:58مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

دۇنيادا ھېچقانداق تاشقى تەسىرگە ئۇچرىمىغان،يەككە-يىگانە،پەقەت ئۆزىگىلا خاس،يېپىق ھالدىكى ئەدەبىياتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.ھەر قانداق بىر مىللى ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئەڭ تار دائىرىدە بولغان تەقدىردىمۇ ھامان مەلۇم بىر تاشقى ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشتىن مۇستەسنا بۇلالمايدۇ.بۇنداق قۇبۇل قىلىشنىڭ دەرىجىسى ماكان ۋە زامان بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل ئامىللارنى چىقىش قىلغان ھالدا بەزىدە كۈچلۈك،رۇشەن ھالەتتە كۆزگە تاشلانسا،بەزىدە ئاجىز،سۇسراق ھالەتتە كۆزگە تاشلىنىدۇ.ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەنە شۇنداق تاشقى تەسىرلەرنى قۇبۇل قىلىش،ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئامىللاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئەدەبىياتلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق ئۆتۈشمە مۇناسىۋەتنىڭ تەرجىمە قىلىش،نەزىرە يېزىش،شەكلى ۋە ئۇسلوبىغا ۋارىسلىق قىلىش،مەزمۇنى ۋە غايىۋىي يۈنۈلىشىنى ئىجادىي تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  مەلۇمكى،خەلقىمىز ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز رۇشەن ھالدا ئەرەپ، پارىس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇ خىل تەسىرنىڭ نەتىجىسىنى مۇنداق ئىككى نوختىغا يىغىنچاقلاپ چۈشۈنۈش مۇمكىن.بىرىنچى،ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئاساسىي ئۈزەك ھېساپلىنىدىغان ئىدىيە، غايە جەھەتتىكى ئۆز-ئارا مايىللىقنىڭ گەۋدىلىنىشى. ئىككىنچى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ جۇلاسى ھېساپلىنىدىغان شەكىل،ئۇسلوپ،ھەتتا تېما جەھەتتىكى ئورتاقلىقنىڭ شەكىللىنىشى.شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكى،ئەرەپ،پارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەرگىزمۇ تەسادىپى مەيدانغا كەلگەن ئەمەس.بۇنىڭدا ئىدىيە جەھەتتىكى چوڭ ئومۇمىيلىقتىن باشقا،ئەرەپ،پارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان يۈكسەك غايىلەرنى چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئاساسىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.چۈنكى بىر مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن،ئۇ ئەدەبىياتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ۋەكىللىق قىلالايدىغان سالاھىيەتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.بۇنداق سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان ئەدەبىياتنىڭ باشقا بىر ئەدەبىياتقا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.شۇنداقلا بىر مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئۆزى قۇبۇل قىلماقچى بولغان تەسىرگە بويلىشالايدىغان ئاساس ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققى قىلدۇرالايدىغان بەلگۈلۈك ساپانى يىتىلدۈرگەن بولۇشى كېرەك.بۇ ئەدەبىياتتا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ھېساپلىنىدۇ.دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ئەدەبىي تەسىرنىڭ كۆپ ھاللاردا تەرەققى تاپقان ئەدەبىياتلار ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەنلىكىنى بايقايمىز. شۇڭا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەرەپ،پارىس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى،بىر تەرەپلىمە ھالدا باشقا ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەمەس،بەلكى دۇنياۋىي ئەدەبىيات ئېقىمىغا ياندىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت يۈكسەك نوختىدىن شەرھىلەشكە توغرا كېلىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىق دۇنياۋىي ئەدەبىيات نامايەندىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تاسادىپىلىقتىن بولماستىن بەلكى يۇقارقى قاراشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ئۇيغۇر ۋە پارىس ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى يىراق قەدىمكى زامانلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ.جۇغراپىيەلىك ماكاننىڭ تۇتىشىپ كېتىشى،ھەر خىل ئەقىدە بەلۋاغلىرىدىكى ئۈزەكداشلىق،تارىخىي قىسمەتلەردىكى ئورتاقلىق ئۇيغۇرلار بىلەن پارىسلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ رىشتىنى ئۆزلىكسىز جىپسىلاشتۇرۇپ كەلگەن. ئەپسانە-رىۋايەتلەردىكى يىلتىزداشلىق، داستان-قىسسىلەردىكى ئوخشاشلىق ئۇيغۇر ۋە پارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەلىرىنى ھاسىل قىلغان. جەمشىت، رۇستەم، زال، سىياۋۇش، ئەپراسىياپ قاتارلىق نۇرغۇن ئۇنتۇلماس ئوبرازلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ ھەقىقى مەنبەسى ۋە ئېنىق تەۋەلىكىنى بىكىتىشنىڭ قىيىنلىقى بۇ نوختىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بۇ خىل ئالاھىدە مۇناسىۋەت يازما ئەدەبىيات شەكىللەنگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى پىردەۋسى،ئۆمەر ھەييام، فەرىدۇددىن ئەتتار،شەيىخ سەئىدى،ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي مېراسلىرىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى سۈپۈتىدە قەدىرلەشتەك ئېسىل تارىخى ئەنئەنىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. www.iz.la

  12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى،13-ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان مەشھۇر پارىس شائىرى فەرىدۇددىن ئەتتار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىنى قازانغان مۇتىپەككۇرلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،خەلقىمىزنىڭ ئەتتار ئەسەرلىرى بىلەن بولغان دەسلەپكى ئۇچرىشىشى بىۋاستە پارىس تىلى ئارقىلىق بولغان. چۈنكى تارىخى پاكىتلاردىن ئايان بولىشىچە، ئەتتار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلاردىكى ئۇيغۇر ئەدىپلىرى، زىيالىلار ۋە كۆپ ساندىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار پارىس تىلىدىن بىمالال پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىپلىرى بىۋاستە پارىس تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتتار ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋاختىنىڭ ئەتتار ياشىغان دەۋىردىن بەك يىراقلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتتار ئەسەرلىرى بىلەن ئۆز تىلىدا ئۇچراشقان ۋاختى ھەققىدە ئېنىق بىر نىمە دىيىش قىيىن.چۈنكى ھازىرغىچە ئەتتار ئەسەرلىرىنىڭ قاچان،قەيەردە،كىم تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىقلانمىغان. www.iz.la

مىلادىيە 1436-1437 – يىللىرى ئۇيغۇر كاتىپ ئەبۇ مالىك باخشى (ئەينى چاغدا ئۇيغۇر كاتىپلىرى باخشى دەپ ئاتالغان) تەرىپىن ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن بىر قوليازما دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن. ھازىر پارىژ مىللى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ قوليازما ئىككى ئەسەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى «نەھجۇل فارادىس» ناملىق ئەسەرنىڭ «مىراجنامە» دىگەن نامدا قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى،يەنە بىرى ئەتتارنىڭ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىكەن.«تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»نىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرىغا كاتىپ تەرىپىدىن «ئەمدى تەزكىرىدە بىتىلگەن ماشايىخ ئەۋلىيالارنىڭ ھىكايەت سۆزلىرى تۈگەتىلدى.تارىخ سەككىز يۈز قىرىقتا ئات يىل جۇمەدۇل ئاخىر ئاينىڭ ئونىدا ھېرىدا ئەبۇ مالىك باخشى بىتىدىم» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىلگەن.بۇنىڭدىن تەرجىمىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاختى،ئورنى (ھېرى-ھىراتنى كۆرسىتىدۇ) ۋە كاتىپنىڭ ئىسمىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.[1] copyright by www.iz.la

  ئەبۇ مالىك باخشى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن«تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەتتار ئەسەرلىرىنىڭ ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغان دەسلەپكى تەرجىمىسى ھېساپلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنغان ۋاختىنى ئەڭ بولمىغاندا كۆچۈرۈلگەن ۋاختىدىن، 1436-1437 – يىللاردىن خېلىلا بۇرۇن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەپسۇسكى ئەسەرنىڭ زادى قاچان، كىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. پروفېسسور م.فۇئاد كۆپرۈلۈ «تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە توختۇلۇپ:«بۇلارنى ھىجىرىيە 840-يىلى – مىلادىيە 1436-يىلى ھېراتتا مالىك باخشى ئىسىملىك بىرى كۆچۈرگەن. ئەلۋەتتە ‹بەختىيارنامە›گە ئوخشاش،بۇلارمۇ ئىجادىي ئەسەرلەر بولماستىن، ئىسلام مەدىنيىتىنىڭ داۋاملىق تەسىرى ئاستىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن،تەرجىمانلىرى بىلىنمىگەن تەرجىمىلەردۇر...‹تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا› غا كەلسەك،بۇ ئەسەر فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ ئىنتايىن مەشھۇر ‹تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا›سىدىن ئارىلاپ يىغىنچاقلاش شەكلىدە قىلىنغان ئەركىن بىر تەرجىمىدۇر.ئەدەبىيات تارىخى جەھەتتىن مول تىل ۋە يېزىق تارىخى جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەسەرلەر 14-ئەسىردىمۇ تۈركلەر ئارىسىدا ئىسلام مەدىنيىتى ۋە پارىس ئەدەبىياتى نوپۇزىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك تەسىرگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نادىر ۋە قەممەتلىك نەمۇنىلىرىدۇر» دەپ يازىدۇ.[2]تۈۋەندە ئۆزەم ئېرىشكەن مەنبەلەر ئاساسىدا ئەتتارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىزداشلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆيىمەن.

ئىز تورى www.iz.la


  1.ئەتتار ۋە نەۋايى

  بۈيۈك مۇتىپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋايى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىق چاغلىرىدا پارىس شائىرى شەيخ فەرىدىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەير»(«قۇش تىلى »)ناملىق ئەسىرىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.بۇ ھەقتە شائىر مۇنداق دەپ يازىدۇ:«مەن بۇ ئەسەرنى تەكرار –تەكرار ئوقۇيتتۇم.ياش كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن بەھرە تاپماقتا ئىدى.مەيلىم ئۇنىڭدا يېزىلغان سۆزلەرگە ئاشىنا بولغانلىقتىن،باشقا ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا رايىم بارمىدى.ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ ھىكايەتلەرگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم.قۇش تىلىدىن ئېيتىلغان كىنايە ۋە ماجازىي پىكىرلەر ماڭا ئاشىنا بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىكى ھەر بىر پىكىرگە زېھنىم قىزىقىپ،ئۇنىڭ نىمە مەخسەتتە ئېيتىلغانلىقىنى بىلىشكە ھەرىكەت قىلاتتىم. ئۇنىڭدىن ئالىدىغان زوق مېنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلىپ،ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنىڭ شەرھى مېنى ھەيران قالدۇراتتى.شۇ ئەھۋالدا كۆپ ھاللاردا ئۇنى ئوقۇپ،بۇ كىتاپقا بولغان ئېتىقادىم بارغانسىرى ئاشماقتا ئىدى» [3].بۇ ئەسەر نەۋايىغا شۇ قەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇكى،ئۇنىڭ گۈدەك روھى دۇنياسىنى لەرزىگە سېلىپ،سەۋدالىق ئالامەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا باشلايدۇ.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان نەۋايىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى ئوقۇشىنى چەكلەيدۇ.ئەمما ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن نەۋايىنى بۇ ئەسەرنى ئوقۇشتىن توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.بۇ ھەقتە نەۋايى مۇن داق دەپ يازىدۇ:«بۇ ئەسەر ماڭا يادا بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇنى دائىم يۇشۇرۇنچە تەكرارلاپ يۈرەتتىم.كۆڭلۈم قۇش تىلى بىلەن سىرداش بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا سۆزگە مەيلىم ئاز ئىدى». بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  شەيخ فەرىدىددىن ئەتتار ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پارىس ۋە تۈركى تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.ئۇنىڭ بىلەن دەۋىرداش ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ياشاپ ئۆتكەن كۆپ ساندىكى قەلەم ساھىبلىرى ئەتتارنىڭ ئىدىيىسى، ئۇسلوبى ۋە تەسىرىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇبۇل قىلغان. يۇقارقى مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى گىگانت شەخىسلەرنىڭ بىرى بولغان ئەلىشىر نەۋايىمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتتار ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.نەۋايىنىڭ قەلبىگە بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ تۇتاشقان «مەنتىقۇت تەير»دىن ئىبارەت بۇ ئوت تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەسەيمىدى.بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى.ھەر خىل ژانىردىكى شېئىرلىرىدىن تۆت دىۋان تۈزدى،ئىنتايىن ئاز ساندىكى شائىرلارلا ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان «خەمسە»نى رۇياپقا چىقاردى.لېكىن بەرىبىر كۆڭلى ئەمىن تاپمىدى.شۇنىڭ بىلەن شائىر ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەير» داستانىغا بولغان مەپتۇنلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىدە ئويغاتقان ئوتلۇق پىكىر ئىشتىياقلىرىنى نەزىرە شەكلىدە ئىزھار قىلىپ، تۈركى تىلىدا شۇ تېمىدا، شۇنىڭغا قېلىپداش بىر داستان يېزىپ،ئەتتارنىڭ روھىغا جاۋاپ قايتۇرۇش نىيىتىگە كەلدى.نەتىجىدە «لىسانۇت تەير»(«قۇش تىلى») داستانى مەيدانغا كەلدى.نەۋايى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«60 ياشقا قەدەم قويغان ۋاختىمدا،قۇش تىلىنى شەرھىلەش ئۈچۈن قەلىمىمنى ئۇچلۇدۇم.بۇ ئىشتا شەيىخ روھىدىن مەدەت تىلىدىم،ئۇ ماڭا ياردەم قولىنى سۇندى.كېچىلىرى بۇ روھ ماڭا يار بولۇپ،تاۋىم بۇ مەناغا مەشغۇل بولغان چاغدا دائىم قوللاپ تۇردى. قەلىمىمنى تىز يۈگۈرتۈپ،ھەر يېرىم كېچىگە قەدەر قىرىق، ئەللىك بىيىتنى يازمىغۇچە توختىماستىن،ئاجايىپ بىر ئىلھام بىلەن تېنىمسىز ئىشلەيتتىم.شەيىخ روھىدىن كۆپ شىجائەت يىتىپ،ئەسىرىمنى ئاز پۇرسەتتە تاماملىدىم.ئۆزەمنى قانچە قىينىساممۇ بۇ ئەسەرنى يېزىش مەن ئۈچۈن ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مەنا كۆزدىن يۇشۇرۇنغان ئىدى.ئەمما شەيىخنىڭ روھىدىن مۈشكۈلۈم ئاسان بولۇپ،مەندەك بىر مۇرادىغا يەتمىگەن ئۆز مۇرادىغا يەتتى». ئىز تورى www.iz.la

«لىسانۇت تەير»دىن بۇرۇن مەيلى ئەدەبىي،پەلسەپىۋىي يۈكسەكلىك جەھەتتىن بولمىسۇن،مەيلى ھەجىم جەھەتتىن بولمىسۇن نەۋايى دىگەن ئىسىمغا بىر ئۆمۈر بويلاشقۇدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ پۈتتۈرگەن شائىر يەنىلا ئۆزىنى مۇرادىغا يەتمىگەندەك ھېس قىلىپ،«لىسانۇت تەير»نى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى مۇرادىغا يەتكەن ھېساپلايدۇ.بۇنىڭدىن نەۋايىنىڭ «لىسانۇت تەير»دىن بۇرۇن يازغان بارلىق ئەسەرلىرى

www.iz.la


  بىلەن بۇ داستاننى ئايرىم-ئايرىم ئورۇنغا قويۇپ دەڭسەۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.شۇڭا ئۇ «شەيخنىڭ روھىدىن مۈشكۈلۈم ئاسان بولۇپ،مەندەك بىر مۇرادىغا يەتمىگەن ئۆز مۇرادىغا يەتتى»دەپ يازىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

  نەۋايىنىڭ نەزىرىدە ئەتتار يىتۈك شائىرلا ئەمەس، بەلكى ئارىپلارنىڭ رەھنامە-يولباشچىسى، ھەقىقەت سىرلىرىنىڭ كەشپىياتچىسى،مەرىپەت بازىرىنىڭ ئەتتارى(خۇش پۇراق چاچقۇچىسى) بولغان بۈيۈك سىماغا ئايلانغان.مانا بۇلار نەۋايىنىڭ ئەتتارغا بولغان يالقۇنلۇق ئىشتىياقىنىڭ،مۇستەھكەم ئىخلاسىنىڭ تۈپكى نىگىزى.شۇ سەۋەپتىن ئەتتار ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۇتاشقان مەنىۋىي ئىزتىراپ بىر ئۆمۈر نەۋايىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن.ئۇ بىر ئۆمۈر ئەتتارنى ئۆزىنىڭ مەنىۋىي ئۇستازى ھېساپلاپلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەتتار ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:«ئۇ يول باشچى ئۇستاز، ئەۋلىيالارنىڭ قىبلىسى بولۇپ،كۆڭلى توغرا يولنىڭ شامىدىن نۇرلانغاندۇر. ئۇ ھەقىقەت سىرلىرىنى كەشىپ قىلىشتا تېڭى يوق يىگانىدۇر.نۇتقىدىن ھەقىقەت ئەھلى بەھرىمەندۇر.ئۇ ئىرپان ئەھلىنىڭ يول باشچىسى، مەرىپەت بازىرىنىڭ ئەتتارىدۇر».
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  ئەتتارغا بولغان يۈكسەك ئەقىدە ۋە بۇ ئەقىدىگە يانداشقان يۈكسەك ئىپتىخار تۇيغۇسى نەۋايىنىڭ «ئۇ ئىرپان ئەھلىنىڭ يول باشچىسى،مەرىپەت بازىرىنىڭ ئەتتارىدۇر» دىگەن سۆزلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.ئەتتار «ئىرپان ئەھلىنىڭ يولباشچىسى»، نەۋايى ئىرپان ئەھلى،شۇڭا ئۇ بو يولدا ئەتتارغا ئەگىشىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدۇ. ئىرپان ئەھلىنىڭ مۇددىئاسى مەرىپەت مەنزىلىدىن ئىبارەت. نەۋايىنىڭ نەزىرىدە ئەتتار مەرىپەت مەقامىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ھەقىقەت سىرلىرىنى ئىگەللىگەن،ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئارىپ. شۇڭا ئۇنى «مەرىپەت بازىرىنىڭ ئەتتارى»دەپ تەرىپلەيدۇ.مەرىپەتنىڭ لۇغەت مەنىسى-بىلىش، چۈشۈنىش، تونۇش، ئىدراك قىلىش دىگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ،بۇ سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى كەڭ مەنىدىكى تەلىم –تەربىيە پائالىيىتىنى كۆرسىتىدىغان مائارىپتۇر. مەرىپەت تەسەۋۋۇپتا ئىنسانى ۋە ئىلاھىي سىر –ئەسرارلارنى ئىگەللەشكە قارىتىلىدۇ.يەنى ئىنسان ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى تولۇق تونۇپ يەتكەندىلا،ئاندىن ئىلاھىي تەپەككۇرنىڭ سىر-ھېكمەتلىرىدىن بەھرىمەن بۇلالايدۇ. چۈنكى ئىنسان «مەرىپەتنىڭ كانى»، ئۇنىڭ كۆڭلى «مەرىپەتنىڭ جاھانى»، ھەر بىر ئىنسان«ئارىپ-بىلگۈچى»[4]. شۇنىڭ ئۈچۈن نەۋايى «لىسانۇت تەير»نىڭ ئاخىرىدا ئىنسانغا مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئۆز ۋۇجۇدۇڭغا تەپەككۇر ئەيلەگىل،

  ھەر نە ئىستەرسەن،ئۆزۈڭدىن ئىستەگىل.

  يەنى،ئۆز ۋۇجۇدۇڭغا تەپەككۇر قىلىپ،نىمىنى ئىستىسەڭ، پەقەت ئۆزۈڭدىن ئىستە. www.iz.la

  بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «لىسانۇت تەير» داستانىنى ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەير» داستانىنىڭ تۈركى تىلىدىكى تەرجىمىسى دەپ دەپ قاراشقان. دەرۋەقە شائىر «لىسانۇت تەير»دە داستاننىڭ تەرجىمە ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ. شۇنداقلا ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەير» داستانى پارىس تىلىدا يېزىلغان بولغاچقا،بۇ تىلنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۇنىڭدىكى يۇشۇرۇن،نازۇك مەنالاردىن خەۋەر تاپقانلىقى،ئەمما ساددا تۈركى ئاۋام ئوقۇرمەنلەر بۇ تىلنى يىتەرلىك دەرىجىدە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن،«قۇش تىلى بىلەن پارىسچە يېزىلغان بۇ ئەسەرنى چۈشۈنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم» قالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،«مەنتىقۇت تەير» بىلەن «لىسانۇت تەير» ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە «لىسانۇت تەير»نىڭ نۇقۇل تەرجىمە ئەسەر ئەمەس،بەلكى،«مەنتىقۇت تەير»گە نەزىرە شەكلىدە يېزىلغان ئەسەر ئىكەنلىكى، «لىسانۇت تەير» دىكى كۆپ قىسىم دېتاللارنىڭ «مەنتىقۇت تەير» دىكى دېتاللارغا ئوخشىمايدىغانلىقى، يەنى «لىسانۇت تەير»نىڭ نەۋايى تەرىپىدىن ئىجادىي يېزىلغانلىقى ئىسپاتلاندى[5]. شەرىقشۇناس ئالىم بېرتېلىس (1957- 1890 ) نەزىرە ژانىرىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «نەزىرە – ئۆز زاماندىشى ياكى ئۆتمۈشتىكى ئەدىپنىڭ بىرەر ئەسىرىگە ئۆزىگە خاس جاۋاپ يېزىش سەنئىتىدۇر.ئەگەر شائىر لىرىك ئەسەر(غەزەل، قەسىدە)گە نەزىرە يازسا، ئەسەرنىڭ ۋەزىن ۋە قاپىيەسى تولۇق ساقلىنىدۇ.ئەگەر ئەسەر ئىپىك تۈردە بولسا ۋەزىن ۋە ۋەقەلەر زەنجىرىگە خاس بولغان ئاساسىي ھالەتلەر ئەلۋەتتە ساقلىنىشى لازىم»[6]. ئۇنداقتا نەۋايى نىمە ئۈچۈن نەزىرە شەكلىنى تاللاپ،باشقىلار يېزىپ بولغان تېمىنى قايتىدىن قەلەمگە ئېلىشنى نىيەت قىلغان؟ بېرتېلىس دەل مۇشۇ مەسىلىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇنۇلارنى يازىدۇ:«بۇ بۈيۈك ئەدىپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا نەقەدەر قىيىن ئىشنىڭ تۇرغانلىقىنى ياخشى چۈشۈنەتتى.نەۋايى تۈركى تىلدىكى ئەدەبىياتنى پارىس ئەدەبىياتى دەرىجىسىگە كۈتۈرۈشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ كېتىشنى ئۆز ئالدىغا چوڭ مەخسەت قىلىپ قويغان ئىدى...لېكىن قۇرۇق غايىنىڭ ئۆزى بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولمايتتى.غايىدىن باشقا ئەمەلىي تەدبىر زۈرۈر ئىدى.بۇ ئىشلارنى نەۋايى چىدام بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى.ئىككىلەنمەستىن ئېيتىش مۇمكىنكى،ئۇ تۈركى تىلنى ئەدەبىي تىل دەرىجىسىگە كۈتەردى...نەۋايىنىڭ ئالتە كاتتا داستانى ۋە كۆپلىگەن گۈزەل لىرىك ئەسەرلىرى نەزىرە جۈملىسىگە كىرىدۇ.بۇ مەسىلىنى توغرا تەلقىن قىلىش كېرەك.چۈنكى نەۋايى مۇشۇ شەكىلدە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قاراشلىرىنى ئىسپاتلىشى ۋە پارىس شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ نەمۇنىلىرىنىڭ يېنىدا پارلاپ تۇرالايدىغان گۈزەل ئەسەرلەرنى يارىتىشى كېرەك ئىدى»[7]. يۇقىرىدا بېرتېلىس تىلغا ئالغان « نەۋايىنىڭ ئالتە كاتتا داستان»ىنىڭ بەشى «خەمسە»نىڭ تەركىۋىدىكى داستانلار بولۇپ،بىرى ئەلۋەتتە «لىسانۇت تەير» ئىدى.دىمەك ناۋايىنىڭ ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەير»داستانىغا نەزىرە يېزىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم،ئەھمىيەتلىك ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى.بۇ ئارقا كۆرۈنۈش ناۋايى دەۋرىدىكى پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك ئورۇنغا قۇيۇلىشى(ھەتتا تۈركى تىللىق ئەدىپلەر ئارىسىدىمۇ)،ئەكسىنچە تۈركى تىل ۋە بۇ تىلدا يېزىلغان ئەدەبىياتنىڭ كەمسىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.نەۋايى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق قىممەتلىك ئىلمىي ئەسىرىدە كونكىرىتنى شەرھىلەپ ئۆتكەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

نەۋايىنىڭ «لىسانۇت تەير» داستانىنى نەشىرگە تەييارلىغان تۈركىيەلىك ئالىم،پىروپىسور،دوكتۇر مۇستاپا جانپولات ئەسەرگە يازغان «چاغاتاي تۈركچىسى ۋە نەۋايى» ناملىق كىرىش سۆزىدە، گەرچە نەۋايى «لىسانۇت تەير»دە تەرجىمە ئىبارىسىنى قوللانغان بولسىمۇ،لېكىن «مەنتىقۇر تەير»نى تەھرىرلەپ،بەزى بۆلۈملەرنى قىسقارتىپ، بەزى بۆلۈملەرنى،يېڭى ھىكايەتلەرنى قوشقانلىقىنى، بولۇپمۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ تەسىرىنى، غايىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىنى، «تەرجىمە» دىگەن ئەسلەتمىنىڭ ئەتتارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سەمىيمى كەمتەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ[8].نەۋايى «لىسانۇت تەير»دىن باشقا«مەھبۇبۇل قۇلۇب» («قەلىبلەر سۆيگىنى»)،«نەسائىمۇل مۇھەببەت» (« مۇھەببەت شامىلى») ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئەتتار ھەققىدە توختالغان. نەۋايى «مەھبۇبۇل قۇلۇب» نىڭ «نەزىم گۈلۈستانىنىڭ خۇشئاۋاز قۇشلىرى توغرىسىدا» دىگەن ماۋزۇسىدا شائىرلارنى ئىجادىيەت مەخسىدى ۋە نىشانى بويىچە «ئىلاھىي سىرلارنى بايان قىلىش ۋە چەكسىز مەرىپەت تارقىتىش»نى مەخسەت قىلغان شائىرلار؛ «ھەقىقەت سىرلىرىغا مەجاز سىرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ» ئەسەر يازىدىغان شائىرلار ۋە ئاساسەن «مەجازىي مەنادا» ئەسەر يازىدىغان شائىرلاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈركۈمگە بۆلىدۇ.ئەتتارنى بولسا بىرىنچى تۈركۈمگە، جالالىددىن رۇمىي بىلەن بىر قاتارغا قويىدۇ[9]. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  نەۋايىنىڭ«نەسائىمۇل مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىنىڭ تولۇق نامى «نەسائىمۇل مۇھەببەت مىن شەمايىمۇل فۇتۇۋۋەت» («ئۇلۇغلۇق خۇشپۇراقلىرىنى تارقاتقۇچى مۇھەببەت شامىلى») بولۇپ، ئادەتتە ئاساسەن قىسقارتىپ «نەسائىمۇل مۇھەببەت» دەپ ئاتىلىدۇ.ئەسەر ھىجىرىيە 901-يىلى (مىلادىيە ئىز تورى www.iz.la

  1495- 1496-يىللىرى) يېزىلغان.ئۇنىڭدا 770 نەپەر مەشھۇر شەخىسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئىجادى،مەنىۋىي كامالىتى ۋە ئىلمىي مەرتىۋىسى تونۇشتۇرۇلغان.ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا نەۋايى ئەتتارنىڭ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» ناملىق ئەسىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغانلىقىغا ئىشارە قىلىدۇ،ھەمدە ئەتتار ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق توختىلىدۇ. ئۇنىڭ كىمدىن تەلىم ئالغانلىقى، نىمە سەۋەپتىن تەرىقەت يولىغا كىرگەنلىكى، جالالىددىن رۇمى بىلەن ئۇچرىشىشى،ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرى، يۈكسەك مەنىۋىي مەرتىۋىسى،بىر قىسىم ئۇلۇغ ئەللامىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن يۇقۇرى باھاسى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.نەۋايىنىڭ ئەتتار ھەققىدىكى بۇ مەلۇماتلىرىدا چوڭقۇر ئىززەت ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ[10]. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  شۇنداق قىلىپ نەۋايى ئەتتارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق تارخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇنداق ئىككى خىل نەتىجىنى،ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى؛ بىرىنچىسى،ئەتتار پارىس تىلىدا ياراتقان مەرىپەت دۇردانىلىرىنى تۈركى تىللىق خەلقلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ ئارقىلىق پارىس ئەدەبىياتى بىلەن تۈركى خەلقلەر ئەدەبىياتى ۋە پارىس ئوقۇرمەنلىرى بىلەن تۈركى تىللىق ئوقۇرمەنلەر ئوتتۇرىسىدا مەنىۋىي كۆۋرۈك بەرپا قىلدى.بۇ ئىككى خىل تىل مۇھىتىدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئورتاق غايىلىرىنى مۇستەھكەملەش،ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى چۈشۈنۈش، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى، ئەلۋەتتە. ئىككىنچىسى،ئەينى چاغدىكى پارىس تىلى مۇتلەق نوپۇزلۇق ئەدەبىي تىل ھېساپلىنىۋاتقان،تۈركى تىلى كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقان شارائىت ئاستىدا، نەۋايى ئۆزىگە ۋە ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەت نوختىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ،پارىس ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك نوپۇزلۇق نامايەندىسى بولغان ئەتتارغا مۇراجەت قىلىپ،ئانا تىلىدا ئۇنىڭ ئەسىرىگە بويلىشالايدىغان نادىر ئەسەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.بۇ ئارقىلىق تۈركى ئەدەبىي تىلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نايەن قىلدى.ئۆزىگە زامانداش ۋە ئۆزىدىن كېيىنكى ئەدىپلەرگە تۈركى تىلىنىڭ پارىس تىلىغا ئوخشاشلا يۈكسەك سەۋىيەگە ئىگەتىل ئىكەنلىكىنى،ھەر قانداق نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.شۇنىڭ ئۈچۈن نەۋايىنىڭ «لىسانۇت تەير» داستانىنى ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نادىر ئەسەر دەپ ھېساپلاشقا توغرا كېلىدۇ. www.iz.la

  2. ئەتتار ۋە ئىبراھىم خۇتەنى

  ئىبراھىم خۇتەنىنىڭ تولۇق ئىسمى ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى بولۇپ،ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يوق دىيەرلىك.شائىرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «مەنتىقۇت تەير» ناملىق داستاننىڭ قول يازمىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بايقالغان.بۇ قول يازمىنىڭ بىر قىسىمى دەسلەپتە مۆھتەرەم ئۇستاز ئادۇرېشىت ئىسلامى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ،«تارىم» ژورنىلىنىڭ 1981 –يىللىق5 – سانىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ تولۇقلانغان نۇسخىسى ئابلىمىت ئەھەتنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. 1995-يىلى ئەسەر ئابلىمىت ئەھەت،تۇرسۇن مۇھەممەت، ئەركىن نىيازلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.داستاننىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئىككى خىل قوليازما نۇسخىسىنىڭ بىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا،يەنە بىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشىر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدا ساقلانماقتا [11]. ئىز تورى www.iz.la

  ئالدى بىلەن بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى قەلىمىگە تەۋە بۇ داستاننىڭ ماۋزۇسىنىڭ پەرىدۇدىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەير» داستانىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشلىقى ھېساپلىنىدۇ. بۇنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىنىڭ داستانى ئەتتار داستانىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ ياكى نەۋايىنىڭ «لىسانۇت تەير» داستانىغا ئوخشاش ئەتتارنىڭ داستانىغا يېزىلغان نەزىرەمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىگە تەۋە «مەنتىقۇت تەير» داستانىغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن داستاننى تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن،بۇ ھەقتە تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  1 . شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىنىڭ «مەنتىقۇت تەير» داستانى،پەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ شۇ ناملىق داستانى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى ئەتتارنى بىر نەچچە قېتىم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان. ئىز تورى www.iz.la

2. ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىگە مەنسۇپ داستاننىڭ مەزمۇنى ئەتتار داستانىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.يەنى داستاندا ئىلگىرى سۈرۈلگەن غايە ۋە مىسال كەلتۈرۈلگەن ھىكايەتلەر ئەتتارنىڭ داستانى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!



  3. ھەر ئىككى داستاننىڭ باشلىنىشى، ۋەزنى،ئۇسلوبى ئوخشاش.

  شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئىككى داستان ئوتتۇرىسىدا يەنە مۇنداق پەرىقلەرمۇ مەۋجۇت:
www.iz.la


  1. ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىگە تەۋە داستاننى پۈتۈنلەي ئەتتار داستانىنىڭ ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمىسى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. گەرچە ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى بېشىدىن باشلاپلا ئەتتار داستانىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن چەتنىمىگەن بولسىمۇ،ئۇنى ئىپادىلەشتە خېلى ئەركىن يول تۇتقان. بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى قىسقارتىپ ياكى يۇغۇرۇپ بايان قىلغان. ھەتتا رۇشەن ھالدا ئەتتار داستانىدىكى ئاساسىي لىنىيە – يەنى ئەسەرنى بىر گەۋدىگە ئىگە قىلىپ تۇرىدىغان سىيۇژىت قۇرۇلمىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،ئاساسىي دىققەت ئېتىبارىنى مىسال كەلتۈرۈلگەن ھىكايەتلەرگە مەزكەزلەشتۈرگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا داستاننىڭ قۇرۇلمىسىدىن كۆرە، ئۇنىڭدىكى غايە، مەزمۇننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان.بۇ جەھەتتە ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەير»ى بىلەن ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىنىڭ «مەنتىقۇت تەير»ى ئارىسىدا خېلى زور پەرىقلەر بار. www.iz.la

  2. ئەتتار داستاننى مۇقەددىمىدىن باشقا

  باپلارغا بۆلگەن.ھەر بىر باپقا مەخسۇس ماۋزۇ قويغان.ھەر بىر باپتا بىر ئەمەس،بىر نەچچە ھىكايەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن مىسال كەلتۈرگەن، ھىكايەتلەرگىمۇ ئايرىم-ئايرىم ماۋزۇ قويغان. ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى داستاننى ماۋزۇلار بويىچە باپلارغا بۆلمىگەن، ھېكايەتلەرگىمۇ ماۋزۇ قويمىغان.دىمەك ئىككى داستان قۇرۇلما جەھەتتىن رۇشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

  3.ئەتتار داستانىدا بايان قىلىنغان تەسەۋۋۇپ تەلىماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي،نەزىريەۋىي قاراشلار،تەسەۋۋۇپ يولىغا قەدەم قويغانلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەر،ئۇلار بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك باسقۇچلار ھەققىدىكى تەلەپلەر ،بولۇپمۇ ئەتتار داستانىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت مەخسىتى ۋە نىشانىنى بەلگۈلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مۇلاھىزىلەر، پەلسەپىۋىي يەكۈنلەر ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى قەلىمىدە ئاساسەن ئىپادىسىنى تاپمىغان. ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى ئاساسىي مەخسەتنى پەلسەپىۋىي ھىكايەتلەرگە قارىتىپ،بۇ نوختىلارغا ئېتىبار بىرىپ كەتمىگەن. ئىز تورى بەك ياخشى

  مېنىڭچە يۇقارقىلاردىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ. ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنى ئەتتارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان.كۆپ ساندىكى مەزمۇنلارنىڭ(ھەتتا مىسرالارنىڭ) ئەتتار داستانىنىڭ تەرجىمىسى بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنىمۇ نامايەن قىلغان.شۇڭا ئۇنى ئەتتار داستانىنىڭ ئەركىن ياكى ئىجادىي تەرجىمىسى دەپ قارىساق خاتا قىلغان بولمايمىز.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!



  ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىنىڭ «مەنتىقۇت تەير» داستانىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار داستاندىكى:

  ئەقل تەئىرىخنى ھېساب ئەتتى، www.iz.la

  دېدى مىڭ يۈز سەكسەن سەككىزى.

  دىگەن مىسرالارغا ئاساسەن ئەسەرنى ھىجىرىيە 1188-يىلى،مىلادىيە

  1775- 1774-يىللىرى يېزىلغان دەپ قارىغان ھەمدە مۇشۇ ئۇچۇر بويىچە ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىنى 18-ئەسىردە ياشىغان دەپ مۇقىملاشتۇرغان. ھالبۇكى،ئەسەردىكى بۇ مىسرالار داستاننىڭ يېزىلغان ۋاختىغا ئەمەس، بەلكى كاتىپنىڭ ئۇنى كۈچۈرگەن ۋاختىغا ئىشارە قىلىپ يېزىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.ئەمەلىيەتتە ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىگە تەۋە داستان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ 246– بېتىنىڭ ئاخىرىدىكى:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  شۈكرى لىللاھ، بىتىپ تەمام ئەتتىم،

  جىددۇ جەھد ئەيلەپ ئىمتىھان ئەتتىم.

  دىگەن يەردە ئاخىرلىشىدۇ.ئۇنىڭ كەينىدىكى(يەنى 247-بەتتىكى) مىسرالارنىڭ داستاننى كۈچۈرگەن كاتىپ تەرىپىدىن قوشۇلغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئايان بولۇپ تۇرماقتا. شۇنداق ئىكەن داستاننىڭ يېزىلغان ۋاختى ۋە ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خۇتەنىنىڭ ياشىغان دەۋرى ھەققىدە يەنە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

3. ئەتتار ۋە مۇھەممەد سىدىق رۇشدىئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇم بولغايكى، ئۇشبۇ مەخسەتكە كېرىشىشتىن بۇرۇن، بەزى مۇھىم زۈرۈرىيەتلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بايانلىرىمىزنى ئاساسىي نىشاندىن ئازراق چەتنىگەن ھالدا باشتىنراق باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  ئەگەر خاتالاشمىسام، مۇھەممەد سىدىق رۇشدى دىگەن بۇ ئىسىم ھازىرقى زامان نوختىسىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭدىن 25 يىل مۇقەددەم،مەشھۇر ئالىمىمىز،كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان «شائىر خۇجا جاھان ئەرشى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدا تۇنجى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدا مۇھەممەد سىدىق رۇشدىنىڭ «قابۇسنامە»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن[12]. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن)،«دېڭىز ئۈنچىلىرى» (ھاجى ئەخمەت يازغان)،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» (ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىنلەر يازغان) ناملىق كىتاپلاردا مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ناملىق بىر مۇئەللىپ تىلغا ئېلىنىپ، بىردەك ھالدا ئۇنىڭ مىلادىيە 1715-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغانلىقى،ئاتۇش ۋە قەشقەر مەدرىسىلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ۋە ئىرانلىق قابۇس ئىبنى ۋەشمەگىرنىڭ «قابۇسنامە» ناملىق ئەسىرىدىن تەسىرلىنىپ، «سىدىقنامە» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.ئەمما ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاختى ۋە يېرى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخى، ئىلمىي پاكىت كۆرسىتىلمىگەن ئىدى. مۇھەممەت سىدىق بەرشىدىگە تەۋە دەپ قارالغان «سىدىقنامە» ناملىق بۇ ئەسەر كىلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىمىزنى قېزىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە نەشىرگە تەييارلاش جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئابلىمىت ئەھەد بۆگۈ تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىپ،«بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2005 – يىللىق 1-سانىدىن باشلاپ «سىددىقنامە» دىگەن سەرلەۋھە بىلەن ئېلان قىلىندى ۋە 2006 – يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. كىتاپتا نەشىرگە تەييارلىغۇچى تەرىپىن كۆرسىتىلگەن مۇنداق بىر نەچچە نوختا بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ: ئىز تورى بەك ياخشى

  1.گەرچە كىتاپنىڭ نامى «سىددىقنامە» دىگەن چوڭ ماۋزۇ بىلەن ئېلىنغان بولسىمۇ،ئاستىغا «قابۇسنامە»نىڭ تولۇق نۇسخىسى، دەپ ئىلاۋە بىرىلگەن.بۇ ئارقىلىق «سىددىقنامە» دەپ قارىلىۋاتقان بۇ ئەسەرنىڭ ئەمەلىيەتتە «قابۇسنامە»نىڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى مەلۇم دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. (ئەمەلىيەتتىمۇ ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى تەرجىمان تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان مەلۇماتلاردا بۇ ئەسەرنىڭ «قابۇسنامە»نىڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىزاھلانغان). شۇنداق بولۇشىغا قارىماي «سىددىقنامە» دىگەن كىتاپتا تەرجىماننىڭ نامى يەنىلا ئاپتۇرنىڭ نامى ئورنىدا كۆرسۈتۈلگەن. ئىز تورى بەك ياخشى

  2. ئىلگىرىكى مەنبەلەردە مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى دەپ ئېلىنغان ئىسىم مۇھەممەد سىددىق رەشىدى شەكلىدە ئېلىنغان ۋە بۇنىڭ سەۋەپلىرى كونكىرىتنى ئىزاھلانغان[13]. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  3. مۇھەممەد سىددىق رەشىدىنىڭ ئاتۇشتا ئەمەس،خۇتەندە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن. دەرۋەقە مۇھەممەد سىددىق رەشىدى«سىددىقنامە»نىڭ باش قىسمىدا ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان مۇھەممەد ئىبراھىم كۇڭ بەگنىڭ ئۇنى (يەنى «قابۇسنامە»نى) «چىن ۋىلايىتىدىن ماچىن دىيارىغا ئېلىپ بېرىپ،پېقىرنىڭ خانىسىنى،يەنى كەمىنە ساداقەتمەن كىشىنىڭ قەدىمىنى بۈسە قىلدى»[14] دىيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خۇتەنلىك ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن.بۇنىڭدىن باشقا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئازسانلىق مىللەرلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش،رەتلەش،نەشىر قىلىشنى پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكىدە مەزكۇر ئورۇندا ساقلىنىۋاتقان«تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»نىڭ xkq-625 نومۇرلۇق چاغاتايچە نۇسخىسىدا،ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەد سىددىق خۇتەنى،دەپ كۆرسىتىلگەن[15]. ئېنىقكى بۇ يەردە ئەسەرنىڭ تەرجىمانى خاتا ھالدا ئاپتۇرى قىلىپ قويۇلغان. ئەمما تەرجىماننىڭ خۇتەنلىك ئىكەنلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  4. مۇھەممەد سىددىق رەشىدىنىڭ تۇغۇلغان ۋاختىنىڭ 1715-يىلى ئەمەس،بەلكى1710 – يىلى ئىكەنلىكى ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەنگەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  2004-يىلى ئۆزبېكىستاندىكى «يېڭى ئەسىر ئەۋلادى» نەشىرياتى پىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئىكرامىددىن ئاستانەقۇلوۋ تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئەۋلىيالار سۇلتانى. تۇرانلىق ۋەلىيلەر» ناملىق كىتاپنى نەشىر قىلغان.كىتاپتا ئاساسلىقى مۇھەممەد سىددىق رۇشدى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «رىسالەئى قادىرىيە» ناملىق ئەسىرنىڭ يەشمىسى،«تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئايرىم پارچىلىرى بېرىلگەن.يۇقۇرىدىكى ئىككى ئەسەردىكى ئۇچۇرلارغا تايانغان ھالدا مۇھەممەد سىددىق رۇشدىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلغان.ئەمما كىتاپنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى يۇقارقى ئەسەرلەرنى كۆچۈرگەن كاتىپنىڭ، ئەسەرنىڭ كۈچۈلگەن ۋاختى ھەققىدىكى ئەسلەتمىسىگە تايىنىپلا مۇھەممەد سىددىق رۇشدىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىللىرىنى خاتا ھېساپلاپ چىققان. رۇشدىنىڭ يەكەندە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ،بۇنىڭدا نىمىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسەتمىگەن. ئۆزى نەشىرگە تەييارلىغان مەنبەدە رۇشدىنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى خۇجا كىپەك بەگنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركى(يەنى ئۇيغۇر) تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ،لېكىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى ئۇنى باشتىن – ئاخىر مۇستەقىل ئىجادىي ئەسەر دەپ قارىغان.ھەتتا ئەسەر ماۋزۇسىدىكى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى» يەنى«تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»نىڭ تۈركى تىلىدىكى تەرجىمىسى دىگەن ئېنىق ئۇچۇرنىمۇ ھېساپقا ئالمىغان. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بۇ ئالىم ئالدى-كەينىگە قاراپ باقمايلا «ئىلىم-پەنگە نامەلۇم» بىر مۆجىزىنى بايقۇغۇچى سۈپۈتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ،ئۆزى شىنجاڭنىڭ يەكەندە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتكەۋاتقان رۇشدىنى «ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى» دەۋالغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەن يۇقارقى كىتاپنى نەشىرگە تەييارلىغان ئىكرامىددىن ئاستانەقۇلوۋنىڭ 2007 -يىلى «تاشكەنت ئىسلام ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىيات – مەتبە بىرلەشمىسى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «مۇھەممەد سىددىق رۇشدى ۋە ئۇنىڭ ‹تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى › ئەسىرى» ناملىق مونوگراپىيىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم.مۇئەللىپ مونوگراپىيەدە مۇھەممەد سىددىق رۇشدى ۋە ئۇنىڭ مەنىۋىي مىراسلىرى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،ئۇنىڭ «ھەسبى ھال» مەزمۇنىدىكى 158 مىسرالىق بىر مەسنىۋىيسىنى،بىر غەزىلىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. رۇشدىنىڭ نەۋايىنىڭ غەزىلىگە يازغان بىر مۇخەممىسىنىڭ تېپىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بولۇپمۇ « تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى» ھەققىدە ئەسەرنىڭ نىزامى نامىدىكى تاشكەنت دۆلەت پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىسى ئاساسىدا ئەدەبىي،ئىلمىي ۋە تارىخي جەھەتتىن خېلى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ،زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ[16].شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىز يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان سەۋەنلىكلەرنى يەنە كۈچەپ تەكرارلايدۇ.ھەتتا ئۆزىنىڭ قىياسىغا تايىنىپ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى» قۇقاندا مەيدانغا كەلگەن دىگەن قاراشنى تەرغىپ قىلىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

  شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىكرامىددىن ئاستانەقۇلوۋنىڭ مونوگراپىيىسىدە بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىر قىسىم مۇھىم بار. بۇ نوختىلارنىڭ بىرى مۇھەممەد سىددىقنىڭ تەخەللۇسىنى «رەشىدى» دەپ ئەمەس،«رۇشدى» دەپ ئېلىشنىڭ توغرىلىقى ھەققىدىكى يەكۈندۇر.مەن بۇ ئىككى سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆردۈم. «رەشىدى» دىگەن سۆزنىڭ ئۈزىكى «رەشىد» بولۇپ،ئۇنىڭ مەنىسى «مەرت،باتۇر،كامالىغا يەتكەن،ۋايىغا يەتكەن» دىگەندىن ئىبارەت ئىكەن. مۇھەممەد سىددىقنىڭ ئەلەم ئەھلى ئەمەس،قەلەم ئەھلى ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە «ئەرزىمەس كەمىنە»، «كەمتەر»، «ساداقەتمەن» دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكىنى نەزەرگە ئالساق،بۇ سۆزنىڭ ئۇنىڭغا دىگەندەك ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. «رۇشدى» دىگەن سۆزنىڭ ئۈزىكى «رۇشىد» بولۇپ،مەنىسى «توغرا يول تېپىش،توغرا يولغا چۈشۈش،يىتىلىش» دىگەندىن ئىبارەت ئىكەن[17]. مۇھەممەد سىددىق تەرجىمە قىلغان كىتاپلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندىمۇ «رۇشدى» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىكرامىددىن ئاستانەقۇلوۋنىڭ مونوگراپىيىسىدە مۇھەممەد سىددىقنىڭ بىر غەزىلى بېرىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ تەخەللۇس ئىشلىتىلگەن ئاخىرقى مىسراسى «قېلىپسەن،رۇشدىيا،غەمسىز خالايىق ئىچرە مىڭ غەمگە» دەپ كەلگەن. ئەگەر بۇ يەردە «رەشىدى» دىگەن سۆز ئىشلىتىلسە،ئالدى بىلەن ۋەزىنگە تەسىر يىتىدۇ،ئاندىن قالسا مەزمۇنغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.شۇڭا تەخەللۇسنى «رۇشدى» دەپ مۇقىملاشتۇرۇشنى توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ.

copyright by www.iz.la


  مۇھەممەد سىددىق رۇشدى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى» گە ئىلاۋە قىلغان مەسنىۋىسىدە مەۋلانە ئەرشى ۋە خۇجا كىپەك بەگنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. بۇلار بىزنىڭ مۇھەممەد سىددىق رۇشدى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم نوختىلار ھېساپلىنىدۇ.يۇقارقىلاردىن ئومۇملاشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  1. مۇھەممەد سىددىق بەرشىدى، مۇھەممەد سىددىق رەشىدى، مۇھەممەد سىددىق رۇشدى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ تەخەللۇسىنىڭ تۈرلۈكچە ئوقۇلىشى ياكى يېزىلىشى بولۇپ،ئۇنىڭ توغرىسى مۇھەممەد سىددىق رۇشدىدۇر. ئىز تورى بەك ياخشى

  2. مۇھەممەد سىددىق رۇشدى مىلادىيە 1710-يىلى خۇتەندە تۇغۇلغان.ۋاپات بولغان ۋاختى ھازىرچە نامەلۇم.ئۇ تالانتلىق شائىر، ئەرەپ، پارىس تىللىرى بويىچە يىتۈك تەرجىمان بولۇپ، ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغان «رىسالەئى قادىرىيە» (تەرجىمە قىلىنغان ۋاختى مەلۇم ئەمەس)، «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى» (مىلادىيە 1780-يىلى تەرجىمە قىلىنغان)، «قابۇسنامە» (مىلادىيە 1786-يىلى تەرجىمە قىلىنغان) ناملىق نادىر ئەسەرلەرنى چاغىتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  3. خىسى مەتقاسىم ئابدۇراخمان،مۇھەممەدتۇرسۇن سىدىق، ئېزىز ئاتاۋۇللا

  3. «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى» خۇجا كىپەك بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن،«قابۇسنامە» مۇھەممەد ئىبراھىم گۇڭ بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان.بۇ يەردىكى خۇجا كىپەك بەگ ئەسلى خۇتەن قاراقاشتىن بولۇپ ،خۇجا كىپەك گۇڭ بەگ،( بەزى مەنبەلەردە كۇڭ بەگ دەپ ئېلىنغان،بۇ توغرا ئەمەس)خۇش كىپەك بەگ،خۇش بەگ دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان[18]. ئۇ 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەرگە ھاكىمبەگ بولغان ۋە قارا تاغلىقلار تەرىپىدە تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ سەردارى خۇجا ئابدۇللانى قوللىغان.شۇڭا ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى بۇرھانىددىن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمىدە قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەندە، ئىلاجىسىز قەشقەردىن چېكىنگەن.بۇ ئەھۋاللار «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنغان. «قابۇسنامە»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا تەشەببۇسكارلىق قىلغان مۇھەممەد ئىبراھىم گۇڭ بەگ خۇجا كىپەك بەگنىڭ ئوغلى بولۇپ،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى» ناملىق كىتاپتا ئۇنىڭ «دادىسى خۇش كېپەك قىرغىزلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن قەشقەرگە ھاكىم بولغان»لىقى تىلغا ئېلىنغان [19]. «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى»نىڭ خۇجا كىپەك بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1780-يىلى تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى نەزەرگە ئالساق، مۇھەممەد ئىبراھىم گۇڭ بەگنىڭ قەشقەرگە ھاكىم بولغان ۋاختى1780-يىلىدىن كېيىنكى چاغلارغا توغرا كېلىدۇ.

www.iz.la

فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ ئەدەبىي،تارىخىي ۋە پەلسەپىۋىي جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» ناملىق ئەسىرى يىتۈك تەرجىمان مۇھەممەد سىددىق رۇشدى تەرىپىدىن مىلادىيە 1780-يىلى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.تەرجىمان مۇھەممەد سىددىق رۇشدى ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنغان ۋاختى ھەققىدە:«تەرىخقا مىڭ بىر يۈز توقسان ئەردى ئىپتىدا قىلدىم.تۆرت يىل تەمام بولغاندا ئىتمامىغا يېتكۈردۈم»تۆرت يىل ئورتۇسىدا چېكدىم رەقەم،نە ئىلىك ئارام ئالىب،نە قەلەم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  دەپ ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ[20]. بۇنىڭدىن بىز ئەسەرنىڭ ھىجىرىيە 1190 – يىلى (مىلادىيە 1776 -1777-يىللىرى) تەرجىمە قىلىنىشقا باشلاپ،تۆت يىل تىنىمسىز ئىشلەش ئارقىلىق تاماملانغانلىقىنى بىلەلەيمىز.دىمەك ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى مىلادىيە ھېساۋى بويىچە 1776 – يىلى باشلىنىپ،1780-يىلى ئاخىرلاشقان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  تەرجىمان مۇھەممەد سىددىق رۇشدىنىڭ ئىلاۋىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاراسەت ئەھلىنىڭ ھامىيسى بولغان خۇجا كىپەك بەگ ئۆمۈرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى،دۇنيانىڭ ۋاپاسىزلىقىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ، ئۆزى مەشغۇل بولىۋاتقان ئىشنىڭ ئەھمىيەتسىزلىكىنى ھېس قىلىپ،كەتكەنلەرگە ساۋابى يەتسۇن،قالغانلارغا يادىكار قالسۇن دەپ،ئۆزى تۇغۇلغان خۇتەن دىيارىدا ئىككى مەدرىسە بىنا قىلدۇرىدۇ،يەكەندە بىر مەسجىدنى رېمۇنت قىلدۇرىدۇ.ئەمما مەدرىسە ۋە مەسجىدلەرنىڭمۇ ئۇزۇن ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا،كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ھۇزۇر-ھالاۋەت بېغىشلايدىغان، سۇلتانلارنى ئادالەتكە ئۈندەيدىغان، ئەمىر ۋە تۈرلۈك ئەمەلدارلارنى باشقىلارغا زۇلۇم سېلىشتىن قايتۇرىدىغان مەڭگۈلۈك بىر ئىمارەت بىنا قىلىش نىيىتىدە، مۇشۇ مەخسەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قاراپ مۇھەممەد سىددىق رۇشدىغا ئەتتارنىڭ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  خۇجا كىپەك بەگ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»نىڭ پارىسچە،ئەرەپچە نۇسخىلىرىنىڭ تىلىنىڭ ئىنتايىن نازۇكلىقىنى، مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى،شۇ سەۋەپتىن ئاۋامنىڭ ئۇنىڭدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىنىڭ قىيىنلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، رۇشدىدىن بۇ ئەسەردىكى ھەقىقەت جەۋھەرلىرىنى سىرلار خەزىنىسىدىن چىقىرىپ،ئالەم بازىرىغا سېلىشنى يەنى ھەممە كىشى بىردەك بەھرە ئالالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ[21]. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  خۇجا كىپەك بەگنىڭ دالالىتى ۋە مۇھەممەد سىددىق رۇشدىنىڭ تۆت يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ تەرجىمىسى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي مىراسلىرىنىڭ تەركىۋى قىسمى سۈپۈتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قولىمىزدا مۇھەممەد سىددىق رۇشدى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى»نىڭ بىز پايدىلىنالايدىغان نۇسخىسى بولمىغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئەتتار تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسلى نۇسخىغا سېلىشتۇرۇش،ئەسلى ئەسەر بىلەن تەرجىمە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەرجىمىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى دەلىشلەشكە ئىمكانىيىتىمىز يار بەرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشنى باشقىلارغا قالدۇردۇق. ئىشىنىمىزكى،بۇ تېما ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ توغرا باھاسىنى تاپىدۇ.قىسقىسى مۇھەممەد سىددىق رۇشدى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى مۇنەۋۋەر تەرجىمان بولۇش سۈپۈتى بىلەن پارىس ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى،جۈملىدىن ئەتتار ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت قىممەتلىك ئەنئەنىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتىرىپ،پارىس ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئۇنتۇلماس ئەجىر سىڭدۈردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  بىزگە مەلۇم بولغان مەنبەلەردىن قارىغاندا،ھازىرغىچە «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش،نەشىر قىلىشنى پىلانلاش ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزېي، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قاغىلىق ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلىنىۋېتىپتۇ.بەلكىم بۇ تەرجىمىلەرنىڭ ئارىسىدا بىزگە نامەلۇم تەرجىمانلار تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تەرجىمە نۇسخىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن



  4. ئەتتار ۋە ئۇبەيدۇللاھ

  فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئەخلاقى مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان پەلسەپىۋىي داستانى «پەندنامە» 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەرجىمىنىڭ تاش مەتبەدە بېسىلغان نۇس سارتېكىن قاتارلىقلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1999 –يىللىق 2 – سانىدا ئېلان قىلىندى. ئىز تورى بەك ياخشى

  داستاننىڭ ئاخىرىغا تەرجىمان تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان «سەبەبى تەبدىلى ‹چەھار كىتاب› پارسىدىن تۈركىغە ئانى بەيانى» ناملىق ماۋزۇ ئاستىدىكى مەسنىۋىدىن بۇ تەرجىمە ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مۇمكىن.ئەينى چاغدا ئەل ئىچىدە «چاھار كىتاب» يەنى «تۆت كىتاپ» ناملىق بىر مەجمۇئە شۆھرەت قازانغان بولۇپ، ئۇ شەرەفىددىن بۇخارىنىڭ «نامى ھەق» ناملىق ئەسىرى، جەلالىددىن كىشىنىڭ بىر ئەسىرى،نامەلۇم بىر ئاپتۇرنىڭ بىر ئەسىرى ۋە شەيخ ئەتتارنىڭ «پەندنامە» ناملىق ئەسىرىن تەركىپ تاپقان ئىكەن.ئەسلى پارىس تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەرلەر مەكتەپلەردە دەرىسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان بولۇپ،زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارغا تۈرلۈك نۇخسانلار يەتكەن،شۇڭا ئوقۇغانلار ئۇنىڭدىن كۆڭۈلدىكىدەك نەپ ئالالمىغان. تەرجىمان ئۆزى شاھىد بولغان بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ،قايتا-قايتا ئويلۇنۇش ئارقىلىق بۇ مەجمۇئەنى رەتلەش،ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ياشاۋاتقان ماكاندىكى كىشىلەرنىڭ تىلى بولغان تۈركى(يەنى ئۇيغۇر) تىلىغا تەرجىمە قىلىش قارارىغا كەلگەن:

ئىز تورى www.iz.la


ئويلاپ-ئويلاپ ئۆزگە غەيرەت ئەيلەدىم،
مۇنى تەرتىبىغە ئۆزنى شەيلەدىم.
لېك تۈركى تىلنى كۆردۈم مۇڭا ئەپ،
بۇ ۋىلايەت مەردۇمىنى تۈركى دەپ.
copyright by www.iz.la

تەرجىمان ئۆزى نىشان قىلغان تەرجىمىگە كىرىشىشتىن بۇرۇن «چاھار كىتاب»نىڭ پارىس تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى توپلاپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قەدەر مۇكەممەل نۇسخىنى ئاساس قىلىپ ئالغان.تەرجىمان بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتىكى تۈپ مەخسىدىنى قىسقىلا قىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  نۇسخەئى تۈركىغە تەبدىل ئەيلەدىم،

  بەھرى ئالغاي تا قۇلىغە ئالسە كىم.

  يەنى «كىملا قۇلىغا ئالسا بەھرى ئالغاي دەپ،تۈركى تىلىغا تەرجىمە قىلدىم».بۇنىڭدىن ئايان بولىدۇكى، بۇ ئەسەر مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلۇپ كېلىنگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇ پارىس تىلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىلا كىشىنىڭ ئورتاق بەھرى ئېلىشىدىن ئىبارەت نىشان مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلگەن.قېرىنداشلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆزىنىڭ ھەققانى بۇرچى ھېساپلىغان تەرجىمان پارىس تىلىنى مۇكەممەل بىلگەنلىكى ئۈچۈن،ئۇنى تۈركى-ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق، ئارىدىكى چەكلىمىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى ھېساپلىغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  يۇقارقىلاردىن بىز تەرجىماننىڭ «چاھار كىتاب»نىڭ ھەممىسىنى تەرجىمە قىلغانلىقىنى، ئەتتارنىڭ «پەندنامە»ناملىق ئەسىرىنىڭ شۇلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  بولغۇسى پەيدا چۇ تەئرىخى تەمام،

  مىڭ ئۈچ يۈز ئونۇ ئالتى،ئەي كىرام.

  دىگەن مىسرالاردىن ئەسەرنىڭ ھىجىرىيە 1316-يىلى (مىلادىيە 1898-1899-يىللىرى) تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  تەرجىمان ئۆزى ھەققىدە پەقەت :

  سورساڭىز ئاتىم ئۇبەيدۇللاھتۇر،

  قەدرىم ئەھلى ئىلمگە كاھدۇر.

  دىگەن ئۇچۇرنىلا قالدۇرغان بولۇپ،بۇنىڭدىن بىز تەرجىماننىڭ ئىسمىنىڭ ئۇبەيدۇللاھ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. ئەمما ئۇنىڭ پەمىلىسىنىڭ نىمىلىكى ،قاچان، قەيەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ھازىرچە ئېنىقلانمىغان. «پەندنامە»نىڭ تەرجىمە قىلىنغان ۋاختىغا ئاساسەن، تەرجىماننىڭ تەخمىنەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەتراپىدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.گەرچە تەرجىمان ئۇبەيدۇللاھ ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنى:« قەدرىم ئەھلى ئىلمگە كاھدۇر»-يەنى قەدرىم ئىلىم ئەھلىگە نىسبەتەن ساماندەك سېرىقتۇر،دىگەن بولسىمۇ «پەندنامە»نىڭ تەرجىمىسىدىن ئۇنىڭ پارىس تىلىغا پۇختىلىقىنى، بولۇپمۇ شېئىرىي دىتىنىڭ نەپىس، راۋانلىقىنى ،شېئىرىي تەپەككۇرىنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.چۈنكى پارىس تىلىدا مەسنىۋىي شەكلىدە يېزىلغان بۇ داستاننى ئۇبەيدۇللاھ يەنە شۇ شەكىلدە يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.بۇ ئارقىلىق تەرجىمان بىر جەھەتتىن ئۆزىنىڭ پىشقان تەرجىمە سەۋىيىسىنى نامايەن قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەدەبىي،بەدىئىي تەرەققىياتىدىن بىشارەت بەرگەن.تەرجىمان ئۇبەيدۇللاھ فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ «پەندنامە»داستانىنى يۈكسەك ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن تىلغا ئېلىپ:

copyright by www.iz.la



  شەيخ ئەتتارى ۋەلىنىڭ سۆزلەرى،

  ھەر يەردەدۇر سۆزلەرى،بار ئۆزلەر.

  دەپ يازىدۇ.يەنى ئەۋلىيا شەيخ ئەتتارنىڭ سۆزلىرى نەدە بولسا،ئۆزىمۇ شۇ يەردىدۇر،دىيىش ئارقىلىق ئەتتار روھىنىڭ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن مەرىپەت جەۋھەرلىرىنىڭ ئىلىمنى، ئىلىم ئەھلىنى سۈيىدىغان ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسىدا ھامان چاقناپ تۇرىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش،نەشىر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئۇيغۇر،ئۆزبېك،تاتار-قەداىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى» ناملىق كاتولۇگدا «پەندنامە» نىڭ بىر پارىسچە، بىر چاغاتايچە ئىككى نۇسخىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، چاغاتايچىسىنىڭ ھىجىرىيە 1331-يىلى (مىلادىيە 1912-1913-يىللىرى) تاش مەتبەدە بېسىلغان نۇسخىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان[22]. بۇ بەلكىم تەرجىمان ئۇبەيدۇللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمە بولۇشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر مەنبەلىك نۇسخا بولۇشى مۇمكىن. www.iz.la

ئىزاھلار:
[1] قاسىمجان سادىقوۋ (ئۆزبېكىستان): «ئۇيغۇر يېزىقى تارىخى»، تاشكەنت «مەنىۋىيەت» نەشرىياتى 1997-يىلى ئۆزبېكچە نەشرى 22-بەت www.iz.la
[2] م. فۇئاد كۆپرۈلۈ :«تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى»، ئۆتۈكەن-1981-يىلى تۈركچە نەشرى،321-بەت
[3]بۇ يەردىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى جۈملە ئىچىدە كەلگەن،قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان،نەۋايىنىڭ تىلىدىن بىرىلگەن مىساللار چۈشۈنۈشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن «لىسانۇت تەير» داستانىنىڭ 1991- يىلى تاشكەنت نەشرىنىڭ نەسرىي بايانىدىن ئېلىندى. ئىز تورى بەك ياخشى
[4] تىرناق ئىچىدىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۆزلەر «لىسانۇت تەير» داستانىدىن ئېلىنغان بولۇپ، نەۋايىغا مەنسۇپتۇر.
[5] مۇھەممەدجان ئىمامنەزەروۋنىڭ ئۆزبېكىستاندا چىقىدىغان«شەرىق يۇلتۇزى» ژورنىلىنىڭ 1991-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان «ھەقىقەت ۋە ماجاز» ناملىق ماقالىسىغا،تۈركىيەلىك ئاگاھ سىررى لېۋېندنىڭ 1965 – يىلى ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان «ئەلىشىر نەۋايى -ھاياتى،ئىجادىيىتى ۋە كىشىلىكى» ناملىق ئەسەرىگە قارالسۇن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


[6] بېرتېلىسنىڭ ئۆزبېكچە «جاھان ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان «نەۋايى ۋە شەرىق ئەدەبىياتى» ناملىق ماقالىسىغا قارالسۇن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
[7] يۇقارقى مەنبەگە قارالسۇن.
[8] ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مۇستاپا جانپولات تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «لىسانۇت تەير» داستانىنىڭ 1995-يىلى ئەنقەرەدە بېسىلغان نەشرىنىڭ كىرىش سۆزگە قارالسۇن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

[9] ئەلىشىر نەۋايى:«مەھبۇبۇل قۇلۇب»،1983 – يىلى تاشكەنت،غۇپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشرىياتى،26-بەتكە قارالسۇن.
[10] ئەلىشىر نەۋايى «مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمى»-17-توم،«نەسائىمۇل مۇھەببەت»، 2001-يىلى تاشكەنت بەشرى، 459-461-بەتلەرگە قارالسۇن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
[11] مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 2-توم، 659-بەتتىكى ئىزاھقا ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى نەشىر قىلىنغان «مەنتىقۇت تەير» داستانىنىڭ 7 – بېتىگە قارالسۇن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

[12] «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 4-سانى 106-بەتكە قارالسۇن.
[13] «سىددىقنامە»نىڭ 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان نەشرىنىڭ «نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن»دىگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى 1-ئىزاھاتقا قارالسۇن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
[14] يۇقارقى مەنبە،«نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن» دىگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى 4-بەتكە قارالسۇن.
[15] «ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار-قەدىمكى ئەسەرلەر تېزىملىكى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرى،199-بەتكە قارالسۇن. www.iz.la
[16] ئىكرامىددىن ئاستانەقۇلوۋنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئۆزبېكىستاندا «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى»نىڭ نىزامى نامىدىكى تاشكەنت دۆلەت پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدىكى نۇسخىسىدىن باشقا ،ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئەبۇ رەيھان بېرۇنى نامىدىكى شەرىقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىدا ئىككى قول يازما نۇسخىسى، تاشكەنت ئىسلام ئۇنۋېرسىتېتى مەنبەلەر خەزىنىسىدە بىر قول يازما نۇسخىسى،قۇقان شەھرى ئىلمىي مەركىزى كۈتۈپخانىسىدا بىر قول يازما نۇسخىسى بار ئىكەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
[17] «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002 – يىلى نەشرى 302-،321-بەتلەرگە قارالسۇن.
[18] ۋېي لىياڭتاۋ،ليۇ جىڭيىن«خۇجىلار جەمەتى ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 431 –بەتكە قارالسۇن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
[19] ۋاھىتجان غۇپۇر،ئەسقەر ھۈسەيىن: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى»،مىللەتلەر نەشرىياتى 1987-يىلى نەشرى 856-بەتتىكى ئىزاھقا قارالسۇن.

ئىز تورى www.iz.la


[20] «ئەۋلىيالار سۇلتانى.تۇرانلىق ۋەلىيلەر» (ئىكرامىددىن ئاستانەقۇلوۋ نەشىرگە تەييارلىغان)، 2004-يىلى تاشكەنت، يېڭى ئەسىر ئەۋلادى نەشرىياتى ، 112- بەتكە قارالسۇن.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

[21] بۇ مەزمۇنلار ئىكرامىددىن ئاستانقۇلوۋنىڭ «مۇھەممەد سىددىق رۇشدى ۋە ئۇنىڭ ‹تەزكىرەتۇل ئەۋلىيائى تۈركى›ئەسىرى »ناملىق مونوگراپىيىسىدە «تەزكىرە» قوليازمىسىدىن چاغاتاي تىلى بويىچە كەلتۈرۈلگەن مىسال ئاساسىدا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشۈنىشىگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن يىغىنچاقلاپ،ئاممىباپ ئۇسۇلدا بايان قىلىندى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
[22] «ئۇيغۇر،ئۆزبېك،تاتار-قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرى، 270-271-بەتلەر
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مەنبە. خەلق تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس