app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

مىننەتتىن ساقلىنىش-ئۇلۇغ ھىممەت

ۋاقتى:2013-12-14 12:19مەنبە: يوللىغۇچى:سەھرايىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مۇئەللىم ۋەتەن ئوغلانلىرى ۋە مىللەتداشلىرىنى تەلىمۇ تەربىيە ئەتمەكلىك بىلەن پەقەت زىممىسىدىكى بۇرچنى ئادا قىلىغان،شەرەپلىك بىر ئەھدىنى،گەرچە100تۈرلۈك قۇسۇر بىلەن بولسىمۇ،ئورۇندىغان بولىدۇ،شۇنداق ىولغانلىقى ئۈچۈن،ساۋاق ئوقۇتقىنىغا مىننەت ئەيلىمەك ئاشكارا بىر خاتالىقتۇر،ئەگەر ئىلىم يولىدا دۇرۇس بىر مىننەت كۆرۈلسە ئىدى،بۈيۈك شەرەپلەرگە سەۋەب بولغىنى ئۈچۈن بۇنداق مىننەت ئەيلىمەك ھەققى ھېچ شۈبھىسىز شاگىرتلارغا بولۇر ئىدى،چۈنكى،بۇ شاگىرتلار ئانىلرىنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك قۇچقىدىن چىقىپ،ئەڭ راھەتلىك ۋاقىتلىرىنى بىر چەتكە تاشلاپ،ئۆگىنىش ئۈچۈن مەكتەپكە يۈرگۈرمەس ئىدى،بۇنداق بۈيۈك ساۋابلارغا مۇئەللىم بولغان كىشى مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارسىدا يۈگۈرۈپ ئىزلىگەن تەقدىرىمۇ مۇناسىپ ئېرىشەلمەس ئىدى.شۇنداق ئەمەسمۇ؟لېكىن مىننەت مۇئەللىم بولسۇن،شاگىرت بولسۇن ھېچ كىمگە لايىق ئەمەستۇر.قىشلاقلاردا يانفىنۇ ئوت قازالىرى بولۇپ تۇرىدۇ،ئاھ،بۇ يانغىننىڭ مۇشەققەتلىرى!...شاگىرتلىق كۈنلىرىمدە ھەمدە يەلكەمدە يۈكلىرىم يەڭگىل بولغان ۋاقىتىمدا ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر-ئىككى قېتىملىقىنى كۆرگەنىدىم،ئارىدىن شۇنچە ۋاقىتلا ئۆتكەن بولسىمۇ،خۇددى تۈنۈگۈن بولغان ۋەقەدەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،بۇنداق قازالار بولغاندا قېرىنداشلىق،دوستلۇق،ھەتتاكى مەزھەبۇ قەۋمگە قارىماي،ئاۋام خەلق جانلىرىنى پىدا ئەتكۈدەك ھالدا بىر-بىرىگە ئىئانىلەر قىلىشىدۇر. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

...خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش،(مۇئەللىملەر)ئىلىملىرى ئۈچۈن  ئۆمۈر بويى مىننەت قىلمايدۇ،ناۋادا بىرى كېلىپ،توغرىدىن توغرا يۈزلىرىگە بۇ پىداكارلىقىنى ئالقىشلاپ سۆزلىمەكچى بولسا،(بۇنداق ئالقىش ئېيتقۇدەك نېمە بار؟مەن بولسام زىممەمدىكى بۇرچۇمدىن تاشقىرى بىرەر ئىش قىلمىدىم)دەپ ئېيتۇر ھەم بۇنداق ئالقىشنى قوبۇل قىلماس،ئاڭلاشنىمۇ خالىماس.

ئىز تورى www.iz.la

ھەقىقىي مۇئەللىمنىڭ ۋىجىدانى؛(مەن ئۇنىڭغا ئۇستاز بولغانىدىم،ھەققىمگە ۋاپا قىلمىدى،ئەدەپ ساقلىمىدى)دەپ مىننەت قىلماقتى راۋا كۆرمەس ھەم تىلى بىلەن مىننەت ئەيلىمەك ئۇياقتا تۇرسۇن،كۆڭلىگە كەلتۈرمەكنىمۇ ۋىجىدان،ئىلمان،بەزىلەتكە مۇخالىپ ۋە ھۆرمەتتىن بىبەھرە قېلىش دەپ ئويلاپ قوقۇر.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەلقنى يېتەكلەش ۋە تەربىيە ئەيلەش توغرىسىدا رۇسۇلى كىرام سەللەللاھۇ ئەلەيھىم ئەجمەئىيىن نە دەرىجىدە تەربىيە ئەتىكەنلىرى،تاش يۈرەكلەرنى يىغلاتقۇدەك دەرىجىدە مۇشەققەت تارتقان تۇرۇپمۇ مىننەت ئەيلىمەكنى خاتىرىلىرىگە كەلتۈرمەك ئەمەس،بەلكى بۈيۈك(چوڭ)ئەدەپسىزلەرنىڭ قاباھەتلىرىنى ئەپۇ قىلىش ۋە بۇنىڭ بىلەن بىللە ھىدايەت تېپىش ھەققىدە دۇئالار قىلار ئىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شاگىرتلاردىن تەزىم كۈتۈپ ۋە خىزمەت ئۈمىد قىلىپ تۇرماق ئىلىم ئۆگەتكىنى بەدىلىگە ھەق ئالماق دېمەكتۇر،زېرەك مۇئەللىم بۇ كەبى دۇنيا كەچۈرمەك توغرىسىدا ياردىمى بولمىغان ھەقلەرگە مەقسەت ئىنسانلاردىن تەزىم كۈتمەك بولماستىن بەلكى ئەل يۇرتنىڭ رىزاسىغا نائىل بولماقتۇر،ئۆزىنىڭ ھەقىقەت يولىدىكى ئىلىمنى ئادەم بالىلىرىنىڭ تەزىمۇ سانالىرىغا ساتقۇچى كىشى سودىدا ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچى، ئاخىرەت ئەمىلى بىلەن دۇنيا سېتىپ ئالغۇچى بەخىتسىزدۇر.

copyright by www.iz.la

بۇ سۆزلەردىن مۇئەللىملەرنى رەنجىتمەك دۇرۇس دېگەن مەنە چۈشىنىلمەس ۋە چۈشىنىلمىسىۇن،ئاتا-ئانىغا قارغىش بولماق كەبى ئۇستازغا قارغىش بولماقمۇ(ھەقىقەت سەۋەبىدىن باشقا ئورۇندا)گۇناھتۇر،لېكىن،بىزنىڭ سۆزىمىز شاگرىت ھەر قانداق قۇسۇرلۇق كۆرسەتسىمۇ(مۇقەددەس ھەقىقەت خىلاپىدا بولمىسا)،مۇئەللىمنىڭ ۋەزىپىسى ئەپۇ قىلىماق دېمەكتۇر.ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىدىن باشقا،خۇددى شۇ ئورۇندا ئەپۇ قىلىماق ئالىيجاناپ ۋە ئۆلىماغا مۇناسىپ بىر سۈپەت بولسا كېرك.(كىچىكلەردىن ئاداشماق، ئۇلۇغلاردىن بېغىشلىماق)دېيىشىدۇ،يەردىن چاك كۆتۈرۈلگەن ھامان كۆكتىن رەھمەت ياغىدۇ.شۇنداق ئەمەسمۇ؟... تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەقىقەت بىلەن شەرەپلەنگەن كىشى ئۇستازى ھوزۇرىدىن قوغلانسائۇنىڭ ئەبەدۇل-ئەبەد قوغلاندى بولۇشى توغرا ئەمەس،ھەقىقەتنىڭ شاراپىتى شۇ دەرىجىدە قوغلاندى بولغانلارغىمۇ تېگىشلىك ئۈلۈش يەتسە كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئارزۇلىرى بىر-بىرىگە غايەتتىن خىلاپ رەۋىشتە يارىتىلغانلىقى ناھايىتى ھەيران قالارلىقتۇر،بىرىنىڭ مەقسىتى ئالتۇن-كۈمۈش جەملىمەك بولۇپ،(قانداق بولسا بولسۇن،چۆنتەككە چۈشسۇن)قائىدىسى بۇنىڭ تىرىكلىكى ئۈچۈن قۇرۇلغان مىزاندۇر،ئىككىنچى سەفاھەتخانىلاردىن (پاھىشىخانا)لەززەت تېپىش،پۈتۈن ۋاقتىنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ.ئۈچىنچىسى بولسا ھەقۇناھەق ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلاپ كۆرمەي،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنسانلارنى غەيۋەت قىلىماقتا بېرىلگەن بولۇپ،ھەتتاكى قەبرىدە ياتقان چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرگىچە يېتىشىدۇ،دوست-دۈشمەن ھەممىسىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ،قان يىغلاشقا تېگىشلىك بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن (يەلكەمدىكى بۇرچۇمنى ئادا قىلىدىم)،دەپ ئۆز-ئۆزىنى مەدھىيلەيدۇ،تۆتىنچىسى پۈتۈن ئۆمرىنى مەدداھلىق ۋە تەپرىقچىلىك بىلەن كەچۈرۈپ،بۇ ھالىدىن مە،نۇن بولۇپ،ئۇنى(پالتىكا)(سىياسىي)دەپ ئاتايدۇ،ھەسەن،كۆڭلى ئۆلسۇن ئۈچۈن،يېڭى نەرسىلەرنى يامانلايدۇ،يېڭىسى يېنىغا كەلگەندە كونىلارنى خورلايدۇ،يالغۇز قالغاندا ھەر ئىككىسىنى مەسخىرە ئېتىپ كۈلىدۇ،ئورنىغا كىرىپ ياتقاندا دۇنيادىن ۋاز كەچكەن كىشىگە ئوخشاش راھەتلىنىپ ئۇخلايدۇ،بەشىنچىسىنىڭ بارلىق ئۇرۇنۇشى يېمەك-ئىچمەك بولۇپ،پۇرسەت كەلسىلا شۇنى سۆزلەر ۋە شۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈرەر،دۇنيا ئاستىن-ئۈستۈن بولسۇن،ئەسلا غەم چەكمەس،بۇلار كەبى يەنە كۆپ تەبئەتلەر بار بولۇپ،ھەممىنى ئىشارە بىلەن بولسىمۇ بۇ ئورۇندا سۆزلىمەك مۇمكىن ئەمەستۇر. ئىز تورى www.iz.la

لېكىن ھەر قانداق نادىر بولسىمۇ(ئاز ئۇچرىسىمۇ،كەم بولسىمۇ)،بەزى زاتلار كۆرۈلىدۇكى،ئېيتىقىنىمىز كەبى ئاجىز تەبئەتلەرگە مۇپتىلا بولماي ۋە تەرەققىي سەپەرلىرىدە مەزكۇر دەرىجىلەرنىڭ ھېبىرىدە توختاپ قالماي ۋە توختاشقىمۇ رازى بولماي،بەلكى شەرەپلىك ۋە بۈيۈك مەرتىۋىلەرگە يول ئالغاندۇر.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

بۇلارنىڭ نەزىرىدە سائادەت ساختا ۋە تەقلىدىي ئەمەس،بەلكى دۇرۇس ئىلىمىنى تەھسىل ئەتمەك ۋە پۈتۈن مىللەت قايغۇسىنى قايغۇرماق،پۈتۈن ئىنسانلار بىلەن گۈزەل مۇئامىلىدە بولۇپ،مۇمكىن بولغاندا پايدا كەلتۈرمەكتۇر،بۇلار ققىدە نېمە ئېتىلسا ئېيتىلسۇن،بۇلار ئۆز ئارزۇلىرىدىن ئېغىشماس،ھەقىقەتەن ئۈچۈن ئىشتىكەن ئاچچىق سۆزلەردىن خەۋپسىرىمەس،بۇلار پاك كۆڭۈللۈك زاتلار بولۇپ،باشقىلار مەجازى بولسا،بۇلار ھەقىقىي ئىنسانلاردۇر،ئۇلۇغ ھىممەت ئۇشبۇ مۇبارەك كىشىلەردە بولغان ھالەتتۇر،مۇئەللىم بولغان زاتلارغا ھەر نىچۈك كېلىپ قوشۇلماق ئېغىر كۆرۈنسىمۇ،پەقەت بۇلارغا مۇھەببەت قويۇپ،يىراقتىن بولسىمۇ ھاللىرىنى بىلىپ تۇرماقمۇ بۈيۈك شەرەپ بولغانلىقتىن،ئۇلارنىڭ(ھەقىقىي ئىنسانلارنىڭ)ئادەت ھەم ھەرىكەتلىرىنى دەستۇرۇلئەمەل ئەيلىمەك لازىمدۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە؛(تەلىم-تەربىيە قائىدىلىرى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
40%
ئالقىشلايمەن
(3)
60%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس