ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
كۆز يۈزگە ئالاھىدە ھۆسىن بېغىشلايدۇ،كۆز-ئالەمنى كۆرگۈچى،ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە سالامەتلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئەينەكتۇر،كۆزگە تەرىپ بېرىلگەندە كۆز ھاللاردا<<ئوتلۇق كۆزلەر>><<سېھىرلىك كۆزلەر،<<مېھىرلىك كۆزلەر>>دېگەندەك ئوخشىتىشلار قوللىنىلىدۇ،دەرھەقىقەت كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى،ئىنساننىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراش خاتا ئەمەس،قىزلارنىڭ كۆزى ئىبالىق،ھايالىق،مۇلايىم بولغىنى ياخشى،ساغلام كۆزلەر يۈزگە ھۆسىن بېغىشلاش بىلەن بىرگە سالامەتلىك ئۈچۈن ھەم مۇلايىم،ئايرىم ھاللاردا بەزى قىزلار كۆزۈم يەنىمۇ چىرايلىق بولسۇن دەپ،ھەرخىل بوياقلارنى بىلىپ-بىلمەي ئىشلىتىدۇ،نەتىجىدە كۆز ۋە قاپاقلىرى قىزىرىپ،ئەسلى چىرايلىق بولغان كۆزلەر جۇنۈكلىشىدۇ.
شامال،چاڭ-توزان،قوياش نۇرى ۋە كۈچلۈك نۇر تەسىرىدىنمۇ كۆز ياشاڭغىرىشى،قىزىرىشى مۇمكىن،كۆزنىڭ چارچىماسلىقى ئۈچۈن قوياش نۇرى كۈچلۈك بولغان چاغلاردا قارا كۆزەينەك تاقىغان ياخشى،بۇنى سۆلەتۋازلىققا چىقىرىش توغرا ئەمەس،قاپاق ۋە كۆز گۆھىرى قىزىرىپ قالغاندا مايچېچەك ۋە يالپۇز دەملىمىسى(بىر ئىستاكان قايناقسۇغا بىر قوشۇقتىن سېلىنىدۇ)بىلەن يۇيۇش كېرەك،چاي دەملىمىسىدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ،پاكىز داكا ياكى پاختىنى شۇ دەملىمىلەردە ھۆلدەپ20مىنۇت ئەتراپىدا كۆزگە بېسىپ بېرىلسىمۇ ئۈنۈم ياخشى بولىدۇ. www.iz.la
ئۇخلىغان ۋاقتىدا كۆز ناھايىتى ياخشى دەم ئالىدۇ،ئۇندىن باشقا كۆزنى دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك مەشىقلەرنى قىلىش مۇمكىن،بۇ مەشىقلەرنى ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ بېجرىسىمۇ بولىدۇ،مەسىلەن.بېشىڭىزنى مۇتلەق قىمىرلاتماستىن تۆۋەندىكى مەشىقلەرنى ئىشلەڭ؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1.ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا،ئاندىن پەسكە قاراڭ.
2.كۆزنى ئاۋۋال سولدىن ئوڭغا،ئوڭدىن سولغا قاراپ چوڭ دائىرە بويىچە ھەرىكەتلەندۈرۈڭ. www.iz.la
كۆزنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس پەزىلەتلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈش لازىم.ئىنساندىكى بارلىق پەزىلەتلەر ئالدى بىلەن كۆزدە نامايان بولىدۇ،بولۇپمۇ مېھىرلىك كۆزلەردە ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەتلەردە-سەمىمىيلىك،ھۆرمەت،مۇھەببەت،مېھرىبانلىق قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس تەرزدە ئەكىس ئېتىدۇ،كىشىلەرنىڭ(مېھىر كۆزىدە)دېگەن سۆزىدە ناھايىتى چوڭ مەنا بار،كۆزىگە قارا ئادەمنىڭ مىجەز-خۇلقىنى،كەيپىياتىنى،ھەتتا مەقسىتىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ(سۆزىگە ئەمەس كۆزىگە باق)دېگەن گەپ بار.بەزى قىزلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا،بەزىلەر؛قويۇڭ ئۇنىڭ كۆزى قاتتىق؛دەپ،بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئۇنىڭ قانداقلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ،يەنە بەزى قىزلار ھەققىدە گەپ بولغاندا<<ئۇنىڭ كۆزلىرى مۇلايىم،يامانلىق كەلمەيدۇ>>دېيشىدۇ،ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ گەپلەر ئاساسسىز ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزلەردە ھايا،ئىبا،مېھىر بولغىنى ياخشى،بولۇپمۇ كېلىنلەرنىڭ،ئاياللارنىڭ كۆزلىرىدە مېھىر،ھايا،ئىبا بولسا تۇرمۇشى گۈزەل،خاتىرجەم بولىدۇ،ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئىللىق تەپتىنى مېھىرلىك كۆزلەردىن بىلىۋېلىش مۇمكىن،قىزلارنىڭ كۆزلىرى مېھىرلىك،يېقىملىك بولسا يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇشى ئېنىق.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛( ئەدەپ ئەخلاق مىزانلىرى)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
