app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

شىنجاڭ قومۇلنىڭ كىلاسسىك مۇھەببەت ھېكايىسى ‹‹چىن مودەن ›› 29-نويابىر ئۈرۈمچىدە قويۇلىدۇ

ۋاقتى:2013-11-29 17:53مەنبە: يوللىغۇچى:نەفىسە چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 29-نويابىر ، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر يىل كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان ئالتە پەردىلىك سەھنە ئەسىرى ‹‹ چىن مودەن ›› ئۈرۈمچى خەلق تىياتىرىدا قويۇلىدۇ . بۇ ئەسەردە 1740-يىللىرىدىكى قومۇلنىڭ باغداش تېغىدا ياشىغان بىر جۈپ قىز–يىگىت ‹‹ چىن مودەن ›› بىلەن ‹‹ مەردان ›› نىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ زوراۋان سىياسىتىگە قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلغان. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

    قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹ چىن مودەن ›› قومۇل ۋىلايىتىدە تۆت مەيدان قويۇلغاندىن كېيىن ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئوپېرانىڭ ۋەقەلىكى تۇرمۇشقا يېقىن بولۇپ، چىرايلىق بېزەلگەن سەھنە ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم–كېچەكلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. ئوپېرا ۋەقەلىكىدە يەنە قومۇلنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلىك ئارقىلىق ھازىرقى زامان ياشلىرىنى ئىلگىرىكى جاپالىق كۈنلەرنى ئىسىدە چىڭ تۇتۇپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىنى قەدىرلەپ ، دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىنغان . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    ئىگىلىنىشىچە ، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ ئوپېرانى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى سەھنىگە ئېلىپ چىققان، 2012-يىلى ئوپېرانى قايتا ئىشلىگەن ھەمدە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ، ئارتىسلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ رېپېتىتسىيە قىلىشى ئارقىلىق ، بۇ يىل سەھنىدە قايتا نامايان بولغان .  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئوپېرا گۇرۇپپىسىدىكى رېژىسسورىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، ‹‹ چىن مودەن ›› قومۇلدا ھەممە ئادەم بىلىدىغان مۇھەببەت ھېكايىسى بولۇپ ، ‹‹ چىن مودەن ›› نىڭ بۇ قېتىم ئوپېرا شەكلىدە قويۇلۇشى بىلەن تاماشىبىنلار يەرلىكنىڭ تارىخى بىلەن بىۋاستە تونۇشىدىكەن ھەمدە ئوپېراغا بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىكەن . ‹‹ چىن مودەن ›› يېقىندا تۆت مەيدان ئوڭۇشلۇق قويۇلغاندىن كېيىن ، رېژىسسورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈش ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيگەن . ئىگىلىنىشىىچە ، ‹‹ چىن مودەن ››  29-، 30-نويابىر كۈنلىرى مەركىزىي شەھەردە قويۇلىدىكەن تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەنبە . تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(1)
33.3%
ئالقىشلايمەن
(2)
66.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس