ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كومپىيۇتېر ئېلېكترونلۇق مېڭە دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقاندا ، ئېلېكتر مەنبەسىنىڭ توك بىلەن تەمىنىلىنىشىگە ئېھىتىياجلىق . ئەگەر توك بولمسا ، كومپىيۇتېر ھېچ ئىش قىلالمايدۇ . بىراق ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ، بەزىدە تۇيۇقىسز توك توختاپ قالدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ ، بۇ ۋاقىتىتا ، كومپىيۇتېر تەسىرگە ئۇچرايدۇ ، ھەتتا ئىنىتايىن چوڭ زىيان كېلىپ چىقىدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا كىشلەر كومپىيۇتېر ئىشىلىتىۋاتقاندا توك توختاپ قالسا ، توك كەلگەندىن كېىيىن ، ئەسلىدىكى مەشغۇلاتلىرىنى ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ قايتىدىن ئېلىپ بېرىپ ، يوقىلىپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىۋاشتىن تولۇقلىسلا بولىدۇ . بىراق ، بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا توك توختاپ قالسا قەتىئىي بولمايدۇ . مەسىلەن ، كومپىيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان داۋالاش ئەسىۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋاۋاتقان ۋاقىتىتا ، توك توختاپ قالسا ئاۋارىگەرچىلىك كېلىپ چىقىدۇ . بانكا ، ئاكسىيە بازىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سېتىمىلىرىنىڭ تورلاشقان كومپىيۇتېرىدا توك توختاپ قالسا، قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ ، زور ئىقىتىسادىي زىيان پەيدا قىلىدۇ . سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قاتارلىق ئالەم قاتنىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەربىي ئىشلار سېتىمىلىرىنىڭ كومپىيۇتېرىدا توك توختاپ قالسا ، زور ھادىسە پەيدا بولۇشى مۇمىكىن . ئۇنداقتا ، توك توختاپ قالغان ۋاقىتىتا ، كومپىيۇتېرنى توك بىلەن تەمىنىلەيدىغان ۋاقىتىلىق ئېلېكىتر مەنبەسى بارمۇ ؟ بار ، بۇ خىل ئېلېكىتر مەنبەسى تۇراقلىق بولىمىغاندا ياكى توك توختاپ قالغاندا ، كومپىيۇتېرنى ئاپتوماتىك ھالدا توك بىلەن تەمىنىلەپ ، كومپىيۇتېرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ . ئادەتتە توك بىلەن تەمىنىلەش نسبەتەن تۇراقلىق بولغان شەھەر ، رايونلىرىدا ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان كومپىيۇتېرلاردا UPS بولمىسىمۇ بولىدۇ . www.iz.la
مەنبە.............يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
