ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئايالىم كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەچ ، ئارام ۋاقتىدىكى ئىككى كۈننى يېزىغا چىقىپ تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدۈم . بۈگۈن قىزىمنىڭ 2 سائەتلىك ئېنگىلىس تىلى كونسىلتاتسىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا ، يېزىدىن چۈشتىن كېيىنگە ئۈلگۈرۈپ يىتىپ كەلدۇق . تېمپۇراتۇرا ئادەتتىكىدىن يۇقىرى بولۇپ ، ئۆي ئىچى تونۇردەك قىزىق ئىدى . قىزىمنى مەكتەپكە يولغا سالدىمدە ،دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينى ھاۋالاندۇرماق بولدۇم .ئاشخانا ئۆيگە شۇنداقلا كىرىۋىدىم ، قاڭسىق پۇراق دىمىقىمغا ئۇرۇلدى . ئالدى بىلەن ئەخلەت سېۋىتىدىكى مىۋە – چىۋىلەر ۋە سەي كۆكتات ، تاماق قالدۇقلىرىغا ، ئارقىدىن دېرىزە تەكچىسىدىكى ماكچىيىپ كەتكەن يېشىككە نەزەر سالدىم . يېشىكتىكىسى تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا سېتىۋېلىپ ئەپكىرگەن سۈپەتلىك ئۈزۈملەر ئىدى . ئۈزۈملەر سېسىپ ،سۈيى چىقىپ كەتكەن بولۇپ ،يېشىكنىڭ رەڭگىمۇ سەتلا بىر ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى . ئەخلەت سېۋىتى بىلەن يېشىك ئارلىقىدا پەرۋانە بولۇشقان كۈمۈتكىلەر توختاۋىسىز ھەركەتلەنمەكتە ئىدى . ئۈزۈمگە قاراپ كۆڭلۈم بۇزۇلغاندەك بولدى . دېرىزىنى ئاچقاندىن كېيىن ، يوغان بىر سۇلياۋ خالتىغا ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ قاچىلىدىم . www.iz.la
تېخى يېڭىلا ئالماشتۇرۇپ قۇيۇلسا كېرەك ، ئەخلەت ساندۇقىدا ئانچە كۆپ تاشلاندۇقلار يوق ئىدى .سۇلياۋ خالتىنى ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىپ قايتماق بولدۇميۇ ، يەنە بىر سۇلياۋ خالتىغا نەزىرىم چۈشىۋىدى ،يۈرەك ھەركىتىم تېزلەشكەندەك بولۇپ، ئۆزەمچە جىددىيلىشىشكە باشلىدىم .سۇلياۋ خالتىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئاۋايلاپ ئاچقىنىمدا ، كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغان كۆرۈنۈشتىن داڭ قاتتىم .
‹‹ قايسى نائەھلى تاشلىۋەتكەندۇ بۇ ناننى ...››، قىزىرىپ پىشقان ئىككى دانە گىردە نان . قېتىپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ،تونۇردىن ھازىرلا سۇيىۋالغاندەك پاكىزە نان .
copyright by www.iz.la
‹‹ قارا ! شۇنچە ئەجىر – مىھنەت بىلەن يېقىلدىم . داستىرخانغا چىرايلىق ئورۇلۇپ ، سوغا – سالام ئورنىدا ئۆي خوجايىنىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغىنىمدا ،خوجايىن ئىشتىن ھېرىپ – ئېچىپ قايتىپ كەلگەندە ،بىر ئىستاكان قايناق سۇ بىلەن بىر بۇردا تۈگۈرۈپ يەۋالسا ،ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلغىنىمدىن سۈيۈنىپ كېتەرمەن ، دەپ خوش بولۇپ تۇرغىنىمدا ، ئاران بىر كېچە تۈنەپلا بۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىندىم . مەن نېمەدېگەن بىتەلەي ھە!؟››
شۇنداق بىر نالە – پەرىيادنى ئاڭلاۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن ، بۇ جۈپتەك ناننىڭ مەڭزىلىرىنى ئالقانلىرىم بىلەن ئاستا – ئاستا سۈرتمەكتىمەن . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
‹‹ نېمە گۇناھى ئۈچۈن بۇ يەرگە پالانغان بولغىيتتى ؟! بىر بۇردا نان ئۈچۈن تىنىمسىز ھەركەتلىنىۋاتقانلار ئازمىدى ؟! ئۆزەڭگە كېرەك بولمىغىنىدا باشقىلارغا بېرىۋەتكەن بولساڭچۇ كاشكى .ھېچ بولمىغاندا ئۇلار مال – چارۋىلىرىغا بولسىمۇ بېرىپ ، گۇناھىڭنى مەغپىرەت قىلاتتى ئەمەسمۇ ؟! ھەي ...››، شۇ دەقىقىلەردە كۆڭۈل ئەينىكىمدە كۇچا – كويلاردىكى ،‹‹ ئۇكام تويغۇدەك بىر نەرسە يىمىگىلى نەچچە كۈن بولدى ، ئىلتىپات قىلغان بولسىلا ›› دەپ ئۆتكەن –كەچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ساھىللارنىڭ غېرىبانە چىرايلىرى غىل – پال كەچكەندەك بولدى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەگەشمە خىياللىرىم كۆڭۈل ئالىمىمنى، مۇقەددەم 30 يىل ئەۋەلقى سەبئى چاغلىرىمغا سورەپ بارماقتا ئىدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2 بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم .ئادىتىم بويىچە سەھەردىلا بوقچامنى ئېسىپ ، ئاتامغا ئەگەشتىمدە ، كەنت ئىسكىلاتىغا كىرىپ كەلدىم .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ــ نېنىڭنى ئېلىپ مەكتەپكە تېز ماڭ ، كېچىكىپ قالىسەن ،ــ دەيتتى ئاتام گويا بىرسىنىڭ كىرىپ كېلىشىدىن خۇدۇكسىرەۋاتقاندەك ، ئىسكىلات ئىشىكىگە ئەندىشلىك قاراپ ،ــ كۆپ ئالما . بۇغداي ناندىن بىرنى ، قۇناق ناندىن بىرنى ئال .دولقۇندىن يانغان دېھقانلارغا يىتىشمىسە بولمايدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
نانلارنىڭ ،بامدات بىلەن ئېتىزغا چىقىپ ،ئاش پىشىمىغىچە ھېرىپ – چارچاپ ئىشلەپ قايتقان دېھقانلارغا تارقىتقلدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ، بىر ئەمگەككە قانچىلىكتىن تارقىتىلدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم .ئاتامنىڭ مىنى كۈزۈتۈپ تىكىلىشلىرىدىن بىزار بولغاندەك ، قوپالغىنە بىر ئاۋازدا :
ــ ماقۇل،ـ دېدىم –دە ، تۈرى بويىچە ئايرىلىپ تىزىلغان دۆۋە – دۆۋە نانلار ئارىسىدىن، تازا قىزىرىپ پىشقان ئىككى ناننى ئىلغاپ ئېلىپ ، مەكتەپكە يۈرۈپ كەتتىم . ئىز تورى www.iz.la
2- سائەتلىك دەرستىن كېيىنكى 20 مىنۇتلۇق تەنەپۇس ، بىز ئۈچۈن تازا ئوينىۋالىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى .دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن ،ھەممە بالىلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىشىدىغان ۋالىبول ، ۋاسكىتبول ، تىكتاكتوپ ۋە باشقا ئويۇنلىرىنى ئويناش ئۈچۈن تەرەپ تەرەپكە چېپىشاتتى .ئۆزەم تىكتاكتوپ ئويناشقا ھېرىسمەن بولغاچ ،ئۇدۇل تىكتاكتوپ تاختىسىنى نىشانلاپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۇم .ئاتام ياساپ بەرگەن ياغاچ پالىقىمنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇشىمغا ، بىرسىنىڭ قوپال ئاۋازى ئاڭلاندى : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ــ توختا ! جوزىنى بوشات ،ــ مەندىن ئۈچ سىنىپ يۇقىرى ئوقۇيدىغان ،غوجا ئابدۇللا ئىسىملىك بەستىلىك بالا ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى ،ــ ئەكەل پالاقنى . سەن توپ تىرىپ بەرگىن ،ــ غۇجا ئابدۇللا قولۇمدىن پالاقنى شارت قىلىپ سۇغۇرۇپ ئالدى . قارىماققا 15 – 16 ياشلاردا كۆرۈنىدىغان بۇ مۇشتۇمزوردىن مەكتەپتىكى ھەممە بالا قورقاتتۇق . ئۇنىڭ مەھەللەداشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ ئاتىسى پومىچىك ئاتالغانمىش .شۇڭا بالىلار ئۇنىڭ سايىسىنى كۆرگەن ھامان ئابدۇل پومچىك كەلدى ، دەپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ۋە يەۋاتقان نانلىرىنى يۇغۇشتۇراتتى .ماڭىمۇ نە ئىلاج . قارشىلىق قىلدىممۇ تايىقىمنى يەيمەن . ئابدۇل پومچىكنىڭ دېگىنىگە كۈنۈپ ،ۋاقىت توشقىچە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ توپ تەردىم . راستىمى ئېيتسام ، ئاشۇ پالىقىمنىڭ كۈچى بىلەن توپ تىرىشكە مۇيەسسەر بولالىغانلىقىممۇ چوڭ ئىش بولغاچقا ، كۆڭلۈممۇ خېلى ئېچىلىپ قالغان ئىدى .ھەر قېتىم شاكال توپنى كۈچەپ ئاتقىنىمدا ، ئەتراپىمدا ئولۇشۇپ قاراپ تۇرغان بالىلار ، ماڭا ھەۋەس قىلىپ كېتىۋاتقاندەك بىر سىزىم بىلەن ئۆزەمنى باشقىلاردىن خېلى ئۈستۈن ساناپ قالاتتىم . [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئارىدىن ئىككى سائەتچە ئۈتۈپ ، ئاسماندىن چېقىلدىغان چۈشكەندەك تاسادىپى ئىش بىلەن كۆڭلۈم ئالەمچە شادلاندى . ئەمدى مەن تىكتاكتوپ جوزىسى ئالدىدا بىمالال ھەركەتلىنىپ ، ئۆز ماھارىتىمنى ئىشقا سېلىشقا مۇيەسسەر بولغانىدىم .ھە ئە ، چۈشلۈك ئارامدىكى بىر يېرىم سائەتلىك دەم ئېلىش ۋاقتىنى غەينىمەت بىلىپ ،جاڭ ئۇرۇلىشى بىلەن بار كۈچۈمنى يىغىپ تىكتاپتوپ جوزىسىغا قاراپ يۈگۈردۈم .بىراق ، جوزىغا نەچچە قەدەم قالغاندا قانداقتۇر بىر نەرسىگە پۇتلاشقاندەك مۈدۈرۈپ يېقىلدىم –يۇ ، ئورنۇمدىن دەرھال تۇرۇپ جوزىغا ئېسىلدىم . copyright by www.iz.la
ــ ۋوي ! قاراڭلار ،ئۇنىڭدا ئىككى نان بارئىكەن ...
ئەسيادىم تىكتاكتوپتا بولغاچقىمۇ، يېقىلغاندا سومكامدىن چىقىپ كەتكەن نانلىرىم كۆزۈمگە كۆرۈنمىگەن ئىكەن .ئەتراپقا ئولاشقان ساۋاقداشلار گويا نان ئوغرىسىنى ئۇچرىتىپ قالغاندەك ،ماڭا غەيرىي نەزىرىدە تىكىلەتتى .بۇنىڭسىزمۇ سىنىپىمىزدا نان يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال دائىم بۇلۇپ تۇراتتى .نانلىرىمنى ئېلىپ تۇرۇشۇم ،كۆز ئالدىمدا ئابدۇل پومىچىك پەيدا بولدى .ئۇ ، ھېجىيىپ تۇراتتى . ئىز تورى www.iz.la
ــ نېنىڭدىن بىرنى بەرسەڭ كەچكىچە توپ ئوينىغىلى قويىمەن .
كۆڭلۈم ۋىللىدە ئېچىلغاندەك بولۇپ ، ئىچ – ئىچمدىن كۈلكە قاينىدى .
ــ راستما ؟! ــ دېدىم مەن ئۇنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان يوغان كۆزلىرىگە ئەيمىنىش نەزىرىدە قاراپ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ــ ھە ئە ، گېپىم راست .
بۇغنداي ناننى تەڭلىۋىدىم ، ئۇ رەت قىلدى :
ــ ئاق نېنىڭنى ئۆزەڭ يەپ ،پورەك نېنىڭنى بەر ،ــ ئابدۇل مەسخىرلىك ھېجىياتتى ،ــ دېھقان بالىسىغا پورەك ماس كېلىدۇ . ۋەزىنلىك ھەم تاتلىق .
www.iz.la
ئابدۇلنىڭ كېيىنكى ئېيتقانلىرىنىڭ تېگىگە ئانچە چوڭقۇر يىتىپ كېتەلمىدىم .بىراق ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز تىرگەنلەردە قېتىققا قوناق نېنىنى تۈگۈرۈپ، مەزە بىلەن يىگەنلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچكە ،ئۇنىڭ گىپىگە ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم . يەپ كۆنگەنگە زەھەرمۇ ھەسەل تېتىيدۇ ئەمەسمۇ ؟! ... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن تىكتاكتوپنى قانغۇچە ئوينايدىغان بولدۇم .يەنە تېخى ،كۈندە ئۆيگە ئاشۇرۇپ ئاپىرىدىغان پورەك نانمۇ يوق بولغاچقا ،ئاتا – ئانامنىڭ ماختىشىغىمۇ سازاۋەر بولدۇم .بىر كۈنى ئاتام ، ئانامدىن ئىككى ناننى تۇلۇق تۈگۈتۈپ كەلگىنىمنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى ، بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ،كۆپ نەسىھەتلەرنىمۇ قىلدى :
‹‹ مانا ئەمدى ھەقىقى ئوغۇلبالىدەك ئىش قىلدىڭ، ئوغلۇم .ئوغۇل بالا قورساقنى ئۇتتۇرۇپ قويسا بولمايدۇ .ئادەم قورساق ئۈچۈن ئىشلەيدۇ . بىراق ، ياشاشتىكى مەقسەت قورساق بېقىش ئۈچۈن بۇلۇپ قالسا توغرا بولمايدۇ .قورساق بېقىش ياشاشتىكى بىر تۈرلۈك تەبئىي قانۇنىيەت ، ياشاش بولسا قورساق بېقىش مۇددئاسىدىن ھالقىغان بىر تۈرلۈك ھەقىقەت ،خالاس...›› ئىز تورى بەك ياخشى
﹡ ﹡ ﹡ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
قارا قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى چۈشتىن بۇرۇن ، ماتىماتىكا ئايلىق ئىمتېھانى بېرىۋاتاتتۇق ، ئىشىك جالاققىدە ئېچىلدى .ھەمىمىزنىڭ دىققىتى ئىشىككە مەركەزلەشكەن شۇ دەقىقىدە، 60 ياشلار چاممىسىدىكى بىر موماي چەبدەس قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ كەلدى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ــ داناخان مانى يەڭ ، ئېشىپ قالسا ئەتە يەڭ ،ــ موماي ئاخىرقى ئورۇندا ئولتۇرغان نەۋرىسىنىڭ ئالدىغا تېز – تېز قەدەم تاشلاپ يىتىپ كەلدى- دە ، قولىدىكى يېرىم پورەك ناننى نەۋرىسىگە تۇتقۇزۇپ ، قايتىلاپ تەكرارلىدى ،ــ قېتىپ قالدى، دەپ تاشلىۋەتمەڭ ،كۆزىڭىز قارغۇ بۇلۇپ قالىدۇ .
سىنىپتا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلىۋىدى ، مۇئەللىم زەردە بىلەن توۋلىدى :
ــ چۇقۇراشماڭلار ، بۇ گەپنىڭ كۈلگۈدەك نېمىسى بار . يەپ بۇلالمىسا ئەتە يەيدىغان گەپقۇ شۇ ،ئاش – ناننى ئىشىپ قالدى، دەپ خالىغانچە تاشلايدىغان ئىش نەدە بار .
سىنىپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمۈلدى . موماي ئارقىغا بىر ئۆرۈلۈپ ، تەبەسسۇم قىلدى – دە ،مەزمۇت قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى ... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
﹡ ﹡ ﹡
مەھەللىمىز ئىككى دەريا قوشۇلۇشىغا جايلاشقان بولغاچقا ،‹‹ ئارال ›› دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ ، ئىسمى جىسمىغا لايىق سۈيى ئەلۋەك ، يەرلىرى مۇنبەت زىمىن ئىدى . كۈن پېتىشتىن ، كۈن چىقىشقا قاراپ قىشمۇ – ياز توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان، توشقان دەريا ئېقىنى مەھەللىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىغاچ ،مەھەلىمىزدىكى بالىلار باش يازدىن تاكى كەچ كۈزگىچە ،توپ – توپ بولۇشۇپ دەرياغا قېنىغا چۈمۈلگىلى باراتتۇق .شۇ كۈنلەردە ،ئەتىگەندە بۇلۋاققا تۈگۈۋالغان نانلىرىمىزنى، ئۆزىمىز ياسىۋالغان كولچەكلەرگە چىلاپ يۇمشۇتۇپ ، مەزە قىلىپ يەۋىلاتتۇق – دە ، تاكى كۈن قارىيىپ ئاسمان گۈمبىزى قاراڭغۇلشمىغىچە ئۆيگە قايتمايتتۇق .يازنىڭ تۇمۇز كۈنلىرىدە ، مۇزدەك سۇ بىلەن يىيىلگەن نان ،ھەقىقەتەن مەزىلىك بۇلۇپ ، قورساقنىڭ ئاچقان يېرىگىلا بارىدۇ . شۇنداق ، بىز ھەمىمىز كۈلچەكنى ئايلىنىپ ئولتۇرۇپ ، ھېكايە – چۆچەك ئېيتىشقاچ نانلىرىمىزنى يىيىشكەندە شۇنچىلىك خوشال بۇلۇشۇپ كېتەتتۇق .
بىر كۈنى دەريا بويىدىن بەكمۇ كەچ قايتتۇق .قورساقلىرىم تارتىشىپ ھېچ ھالىم قالمىغاچ ، ئۆيگە كىرىپ كەلدىمدە ، بار ئاۋازىم بىلەن توۋلۇدۇم :
ــ ئانا ، ئانا ! مەن قايتىپ كەلدىم ،ئانا .
ئادەتتە ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا يۈگۈرۈپ چىقىدىغان ئانامدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى .ئانامنىڭ ئېتىزدىن قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى جەزىم قىلىپ ،ئۆز غېمىمنى ئۆزەم قىلىشقا كىرىشتىم .ئۆينىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىنى ئاختۇرۇپمۇ ، يىگۈدەك بىر نەرسە تاپالمىدىم .كۆزۈمدىن ياشلار ئەگىدى .ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن يىگۈدەك بىرنەرسە تەييارلاپ قويمايدىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . ئۈمۈد ئىچىدە ئاختۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇم . قازناق ئۆينىڭ ئىشىك بېشىغا ئېسىلغان قۇشۇغلۇق سېۋەتكە نەزىرىم چۈشىۋىدى ،كۈزۈم يۇرۇپ كەتتى . ئانام دائىم مۇشۇ قۇشۇغلۇقتا نان ساقلايدىغان . ئالدىراپ – تىنەپ ھويلىغا چىقتىمدە ،ئاتام ئۈزۈم ئۈزۈشتە ئىشىلتىدىغان چوت دەستى چوڭلۇقىدىكى ئاچا ياغاچنى تېپىپ كىرىپ ، قۇشۇغلۇقنى چۈشۈرىۋالدىم .قۇشۇغلۇق داستىرخان بىلەن پۇختا ئورالغانىدى . ياتاق ئۆيدىكى كاڭنىڭ تاپسىغا ئەمبەلنى روسلاپ ،بىر نوگاي سۇ كەلتۈرگەندىن كېيىن ، قۇشۇغلۇقنى ئاچتىم .ئاچتىميۇ قاتتىق توۋلاپ سالدىم : ئىز تورى www.iz.la
ــ ۋايجان !
قۇشۇغلۇقنى شۇنداق بىر چۆرۈشۈم ،ئۇچاق سۇپىسىغا تېگىپ ،تاپسىدا توختىدى .چاچقانلار قۇشۇغلۇق ئىچىدىن ۋىچىلداپ چىققىنىچە ھايت – ھۇيت دېگەننىڭ ئورنىدا ئالاقاياقلارغا غايىپ بولدى ...
ــ تۇرە ئورنىڭدىن ، ۋۇي نائەھلى ،ــ قاتتىق تەگكەن تاياق زەربىسىدىن چۆجۈپ ئويغاندىم . ئانام كۆسەي تۇتقىنىچە زەردە بىلەن ۋاقىرايتتى ،ــ قارا قىلغان ئىشىڭنى ، پۇتنى نانغا توغۇرلاپ ياتقان نەدە بار . تۈزكور ... ئىز تورى بەك ياخشى
ئەزەلدىن بۇنداق قاتتىق ئاچچىقلانمايدىغان ئانامنىڭ ،شۇنچىلىك چېچىلىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك قىلدىم . ئەسلىدە قۇشۇغلۇقنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن ، ئورنۇمدىلا ئوڭدىماللاق چۈشۈپ ياتقىنىمچە قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنئىكەنمەن .پۇت تەرىپىمدە چاچقان غاجاپ قويغان تۆت دانە نان تۇراتتى . ئانامنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن ، بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ــ ... قۇشۇغلۇققا چاچقان كىرىۋاپتۇ . چاچقانلار غاجاپ قويغان، بۇ نانلارنى يىگىلى بولمىسا يە .
ــ چاچقان غاجاپ قويغان دەپ ، تاپىنىڭ ئاستىغا تاشلاپ ياتساڭ بۇلامدا بۇنى .ئويلاپ باقمامسەن ، مۇشۇ بىر ناننىڭ جوزىغا چىقىشىغا قانچىلىك ئەجىر سىڭگەن .ئىنسان ئاشۇ بىر تال دان ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيدۇ ،ھە ! جان يىلتىزى ئاش دېگەننى ئاڭلىمىغانىدىڭ سەن . قېنى ساڭا سىڭدۈرگەن تەربىيە .چاچقان غاجىلانغان بولسا جايىدا يىغىشتۇرۇپ قويمامسەن ئۇنى . ئەجرىمىزنى ئاياق ئاستى قىلماقچىمىدىڭ ...
ئانام بىرھازا تۆختىماي سۆلەپ ، ئاخىرىدا مىشىلداپ تاشلىدى .مەن ناھايتتى ئەپسۇسلۇق ھېس قىلدىم .بىرھازادىن كېيىن ،ئانام نانلارنى تەڭلىگە ئۇشاق ئۇشتۇپ ئۆيدىن چىقتى .ئانامغا ئەگىشىپ ئېغىلغا كىردىم .ناننى ئۇقۇرغا شۇنداق تۈكىۋىدى ، ھېلىتىن مەرىشىپ جاھاننى بېشىغا كىيىشكەن قويلار ،زۇۋانىنى يىغىشىپ ، ئۇقۇر تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىشتى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ــ ماڭ چىقىپ بىر چىلەك سۇ ئېلىپ كەل ،ــ دېدى ئانام ئىشتىھا بىلەن بۇغۇزغا كىرىشكەن قويلارغا بىرھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن .
يۈزلۈرۈم ئوت بۇلۇپ ياندى .بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە چوڭقۇر خىياللار ئىلكىدە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ...
www.iz.la
3
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ــ بالام بۇ ناننى تاشلىۋەتكىلى ئەپچىققان ئوخشىماملا ؟!
خىيالدىن ئۆزەمنى يىغدىم . يېنىمدا 50 ياشلار چاممىسىدىكى ئاندا – مۇندا ئاق سانچىلغان كەكە ساقاللىرى، كەڭرى پىشانىسى ۋە چوڭ – چوڭ كۆزلۈك گۆشلۈك يۈزلىرىگە خۇيمۇ ياراشقان ،خۇشچىراي بىر كىشى تەبەسسۇم بىلەن قاراپ تۇراتتى .
ــ ياق ، مەن ...مەن ...،ــ بوۋاينىڭ مەنىلىك قاراشلىرىدىن ئۆزەمنى ئەپقېچىپ، دەرھال يەرگە قارىدىمدە ، ناننى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ بوۋايغا تۇتقۇزدۇم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يۈزۈم ياللىدە كۆيگەندەك بۇلۇپ ، كۈزۈمگە قىزىللىق تىقىلدى .يەر- جاھان توختىماي ئايلىنىۋاتقاندەك ، ناھايتتى ئېھتىيات بىلەن دەسسەپ ،بىنا شۇتىسىدىن يۇقۇرغا ئۆرلىدۈم .قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن . بىر ۋاقىتتا بىرسى ‹‹ قارا ›› دېگەندەك بىر بىشارەت بىلەن، بېشىمنى كۈتۈرۈپ شۇنداقلا قارىسام بىناننىڭ ئەڭ ئۈشتۈنكى قەۋەتكە چىقىپ قاپتىمەن . كۆز ئالدىمدىكى بىر كىۋادىرات مىتىر چوڭلۇقتىكى، ئاسمانغا تۇتاشقان بوشلۇقتىن ، ئوت شارىدەك قىپقىزىل قۇياش جۇلالىنىپ تۇراتتى .يۇقۇرغا قارىغانچە قارىغىم كېلەتتى .كۆز ئالدىمدا ھېلىتىن بوۋايغا تۇتقۇزۇپ قويغان، مەڭزى ئوتقاشتەك تاۋلىنىپ پىشقان چىرايلىققىنە گىردە نان ...
مەنبە...........2011يىللىق ئاقسۇ گىزتىدىن
