app دېتالى

ئۇسۇل ئوينىيالمىسىڭىز،مۇزىكا چېلىڭ

ۋاقتى:2014-02-06 12:30مەنبە: يوللىغۇچى:سەھرايىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى مەلۇم ياز پەسلى، ئەنگلىيە دۇرام شەھىرىدىكى بىر ھويلىدا، رۇت ئائىلىسى رۇتنىڭ 28 ياشقا تولغانلىق خاتىرە كۈنى شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن ئۇسسۇلىدىن كېچىلىكى قىزغىن داۋاملىشىۋاتاتتى. رۇت ئېسىل كىيىنگەن، چىرايىدىن بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ لەرزان ئۇسسۇلىدىن ھەممە ھەيران قېلىشتى. ئىز تورى بەك ياخشى
     كىشىلەر مۇشۇنداق قايناق كەيپىياتقا چۆمۈلگەندە، تاسادىپىيلىق يۈز بەردى. رۇت ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن چۆرگىلەۋاتقاندا، توساتتىن يىقىلىپ چۈشتى. مۇزىكا دەرھال توختىدى، رۇت ھەرقانداق قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى. قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، رۇت ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا مۇنداق شۇم خەۋەر يەتكۈزۈلدى: ئۇ ئىنتايىن كەم كۆرۈلىدىغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، پۈتۈن بەدىنىدىكى نېرۋىلىرى ئاستا - ئاستا ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىپتۇ، دورا ئارقىلىق داۋالىغاندا، پەقەت كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


     ھەممەيلەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى. رۇت ئۆزىنىڭ ئەمدى ئورنىدىن تۇرالمايدىغانلىقىنى، لەرزان ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ، ئاخىرقى نەپىسى توختىغۇچە پالەچ ھالەتتە ياتىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنداق، بۇ شەھەردىكى ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئۇسسۇل ئويناشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ ئۇسسۇل كېچىلىكلىرىدە ئاشۇنداق لەرزان   ئۇسسۇل ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈندە، ئائىلە ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلەتتى، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇسسۇل ئوينىشى بولۇپ قالدى، كىشىلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتىشى ۋە بەخت تىلىشى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئوزۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىشى باشلاندى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
     كېيىنىكى ئۇزۇن كۈنلەردە، رۇت قۇرۇق ھويلىدا، تام تۈۋىدىكى گۈللەرنىڭ سەلكىن شامالدا يەلپۈنۈشىگە قاراپ، ھاياتىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىر تۇغۇلغان كۈنىدىكى ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ھەش - پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، كىشىلەر رۇتنى ئەمدى تۇغۇلغان كۈنى شەرىپىگە ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولدى، دەپ ئويلىغانىدى، بىراق تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئۇلار رۇتنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇلار يەنىلا ئېسىل كيىنىشىپ، تەبەسسۇم بىلەن يېتىپ كېلىشتى.

www.iz.la


   رۇت پىئانىنو ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆپچىلىككە قاراپ تەبەسسۇم بىلەن دېدى: گەرچە مەن ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغان بولساممۇ، بىراق سىلەر ئۈچۈن مۇزىكا چېلىپ بېرەلەيمەن، سىلەرنىڭ لەرزان ئۇسسۇلۇڭلاردىن ھۇزۇرلىنىشمۇ مەن ئۈچۈن زور خۇشاللىق! سىلەر قانغۇچە ئويناڭلار! ئىز تورى بەك ياخشى
   بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئۇسسۇل كېچىلىكى ئىدى، ئۇنىڭ بارماقلىرى پىئانىنونىڭ ئاق - قارا تىللىرىغا چېكىلىشى بىلەن لەرزان مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   شۇ يىلى رۇتنىڭ كېسىلى ئېغىر لىشىپ، باش قىسمىدىن باشقا يېرىنى مىدىرلىتالماس بولۇپ قالدى. بو خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئۇلار ئۇنىڭ لەرزان مۇزىكىسىنىڭ ئەمدى ئاڭلانمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، رۇت 30 ياشلىق تۇغۇلغان كۈندە كىشىلەرگە تۇنجى قېتىم ناخشا ئېيتىپ بېرىپ، مۇزىكا چالالمىسا، ناخشا ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى! بۇ قېتىم تۇغۇلغان كۈنىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى ئالدىنقى قېتىمقىلاردىن ئېشىپ كەتتى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
   شۇ كېچىلىكتىن تۆت ئاي كېيىن، رۇت گەپ قىلىشتىن قالدى. كۆپچىلىك يەنە سۈكۈتكە چۆمدى، ئۇلار رۇت گەپتىن قالغاندىن كېيىن قانداق ياشايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماي قېلىشتى. بىراق، ئۇنىڭ 31 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ھارپىسىدا، كىشىلەر يەنە تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ كۈنى كېچىلىككە كەلگەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولدى، ھويلا ئادەم بىلەن تولۇپ، سىغمىغانلىرى ھويلا سىرتىدا تۇرۇشتى، بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بەخت تىلەشكە كەلگەنىدى. مۇزىكا چېلىنىپ، ئۇسسۇل ئوينالماقتا، رۇت كارىۋاتتا ياتقان، كۆزلىرىنى تەستە ئاچاتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى ھاياجاندا سوقۇۋاتاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تەبەسسۇمىنى، ئىللىقلىقنىى، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋېلىشتى. ئىز تورى www.iz.la
   رۇت ئاخىر بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇ دەپنە قىلىنغان كۈنى، بۇ شەھەردە ئۇنى تونۇيدىغان - تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق يېزىلغانىدى: « ئۇسسۇل ئوينىيالمىسىڭىز، مۇزىكا چېلىڭ، مۇزىكا چالالمىسىڭىز، ناخشا ئېيتىڭ، ناخشا ئېيتالمىسىڭىز، باشقىلارنىڭكىنى ئاڭلاڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، يۈرىكىڭىز خۇشاللىق بىلەن سوقىدۇ، يۈرىكىڭىز توختىغاندا، روھىڭىز ئادەملە ئارىسىدا داۋاملىق ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا مەدھىيە ئوقۇسۇن!».
www.iz.la

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئەنگلىيىلىكلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئابىدە سۆزى ئىكەن. ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس