app دېتالى

ئىككى ھىكايە

ۋاقتى:2014-02-06 12:51مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

بەدنىيەت

 

ئىز تورى بەك ياخشى

ـ خوش خەۋەر ئاكا، خوش خەۋەر!!ـ خۇمارى تۇتۇشقا باشلىغاچقىمىكىن، قوللىرى تىترەپ، يۈزى تامدەك تاتىرىپ، كالپۇكلىرى ئۆلۈكنىڭكىدەك كۆكىرىپ كەتكەن شامىل ئاكىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە يۈگرەپ كىردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـ نىمە دەيسەن ھوي شاتراق، ئۇچۇقراق دىمەمسەن بۇرنۇڭنى تارتماي،ـ دېدى ئاكىسى لىققىدە ھاراق تولدۇرۇلغان رومكىنى تىترەپ تۇرغان قولىغا تەستە ئېلىپ. ئۇ تولغۇنۇپ تۇرۇپ ئىچۋەتكەندىن كېيىن كونا ئۆتۈكنىڭ قونجىدەك پۈرلەشكەن چىرايىنى ئىنىسىغا ئاغدۇردى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ـ تەلىيىمىز كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ ئاكا، ئەتتىگەندە ھېلىقى باشلىق خوشنىمىزنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ‹ دۆلەت خادىملىرى ئۆلۈپ كەتسە بالا چاقىلىرىغا ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ 40 ئايلىق ئىش ھەققىگە تەڭ دەپىن پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ دەپ يۇقىرىدىن ھۆججەت چۈشتى › دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم،ـ دېدى شاتراق قوللىنى ئىشقىلاپ تۇرۇپ.
www.iz.la

ـ پاھ! ئەجەپ بەلەنلا گەپكەنغۇ ئۇ، راست شۇنداق قىلامۇ ئۇكام؟ـ ئاكىسىنىڭ خۇنۈك كۆزىدە قانداقتۇ بىر خىل نۇر ئاجىز چاقنىدى.
ـ باشلىق بولغاندىكىن يالغان سۆزلىمەس، ھە راست ئاكا، دادام بۇ يىل نەچچە ياشلارغا كىرگەندۇ؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ـ 59 ياشلارغا باردىغۇ دەيمەن.
ـ ئۇزۇن ئۆمۈر چولپىنى بوپغۇ قالماس ھە؟
ـ ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە، سائەت چىقىپ كەتمىسۇن!
ـ بوۋام نەچچە ياشتا كەتكەن بولغىيدى؟
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ـ ئاتمىش ياشتا كەتتىغۇ دەيمەن.
ـ مانا، مانا، ئامەت بوسىغىمىزغىلا كەپ قالدى دىگەن گەپ.
ـ شۇ چاغ بولغاندا مەن چوڭ بولغاندىكىن جىقراق تېگەتتى دېگىنە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ـ نىمە دېدىڭ؟ ئاۋۇ ئۆگەي ئانىمىز بىلەن سىڭلىمىزچۇ؟
ـ خوتۇن كىشىگە نەدە مىراس، ئۇلارنى ئۆيدىن ھايداپ چىقىرىمىز.
ـ پاھ! ئىككىمىزلا ئالىدىكەنمىز-دە؟ www.iz.la
ـ مەن جىقراق ئالارمەن؟
ـ نىمىشقا سەن جىق ئالغىدەكسەن؟ تەڭ بۆلىشىمىز تەڭ!
ـ نىمىشقا تەڭ بۆلۈشكىدەكمىز؟ مەن جىقراق ئالىمەن دېدىم جىقراق ئالىمەن!
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ـ سەن جىقراق ئالامسەن، ھۇ نائەھلى مانا ئالە، ھە! قايسىمىز جىق ئالىدىكەنمىز قېنى!
شاتراق چاي شىرەسى ئۈستىدىكى قۇرۇقدالغان ھاراق شېشىسىنى چاققانلىق بىلەن ئېلىپ ئاكىسىنىڭ كاللىسىغا زەرپ بىلەن ئۇردى. ئۈن-تىنسىز يىقىلغان ئاكىسىنىڭ قانغا بويالغان يۈزىگە قاراپ كۆڭلى ئېلىشكەندەك بولۇپ ئېسىنى يوقاتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا شاتراق ئېسىگە كەلگەندە ئۆزىنى پۇت-قولى چۈشەلگەن ھالدا قاراڭغۇ كامىردا كۆردى. www.iz.la

«پەملەپ» چاي www.iz.la

   [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ـ سىزگە نىمە لازىم ئىدى تاغا،ـ دېدى پىركازچىك قىز لىققىدە چاي تىزىلغان تەكچە ئالدىدا ئۇنىڭغا بۇنىڭغا قاراپ تۇرغان بوۋايغا قاراپ. بوۋاي نىمىنىدۇ ئېسىگە ئالالمىغاندەك گېپىنى تاپالماي سەل تەمتىرەپ قالدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

ـ شۇ پەم ... پەم... پەملەپ چاي ئالاي دىگەن،ـ دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
ـ ھە مۇنداق دىسىلە، نىمە ئوغرى مۈشۈكتەك بارلاپ يۈرۈيدىكىن دىسەم ئېسىل چايدىن نەچچە خالتىنى غىپلا يانچۇقلىرىغا سېلىۋالسام دەپ پەملەپ تۇرۇپلا دە! قايلىسىلا، بۇ يەردە پەملەپ تىقىشتۇرۋالغانلىرى بىلەن ئا ئىشىكتىن چىققاندا بىر چىقىراپلا بىلىۋالىدىغان «ساقچى» بار جۇمۇ، تۇتۇلۇپ قالسىلا سەت تۇرىدۇ، ئۇنى بۇنى پەملەيمەن دەپ ئاۋارە بولماي يوللىرىغا ماڭسىلا،ـ پىركازچىك چىرايلىرىنى غورا چاينىۋالغان مايمۇندەك پۈرۈشتۈرۈپ قايناپلا كەتتى. بوۋاي نىمە دىيىشنى بىلەلمەي تېخىمۇ تەمتىرەپ كەتتى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ـ خاپا بولمىسلا خانقىز، ئۆيگە مېھمان كەلمەكچىدى، بىزنىڭ موماي پەملەپ چايدىن بىر خالتا ئالغاچ كەلسىلە دىگەن ئىدى، شۇڭا...ـ بوۋاينىڭ گېپى تېخى تۈگىمەيلا پىركازچىك بوۋاينىڭ غولىدىن ئىتتىرىپ ماڭدى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ـ ماڭسىلا، دەرھال چىقىپ كەتسىلە بولمىسا بالادا قالىلا ھېلى، چاينىچۇ باشقا جايدىن پەملىسىلە، ماقۇلما؟
ـ بۇ، بۇ ... مەن پەملەپ چاي ئالمىسام بولمايتتى، مەنمۇ پۇلغا ئالىمەن خانقىز،ـ بوۋاي يانچۇققا قول سالدى. پاراڭ ئۈستىگە دېرىكتۇر يېتىپ كەلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـ نىمە ئىش بوۋاي؟ـ سورىدى ئۇ.
ـ نىمە ئىش بولاتتى چاي ئوغۇرلىماقچىكەن،ـ دېدى پىركازچىك بوۋاي جاۋاپ بەرگىچە.
ـ ئادەمگە قارا چاپلىماڭ خانقىز، مەن ئوغرى ئەمەس، ئىمان-ئىنساپلىق مۇسۇلمانمەن، مۇنداق ئىشتى يىگىت بالام، شەھەرگە كىرەشىمدە موماي پەملەپ چايدىن بىر خالتا ئالغاچ كېلىشنى تاپىلىغان، ئالدىنقى قېتىمدا ئۇ مۇشۇ دۇكاندىن بىر خالتا ئاپتىكەن، خۇشپۇراق ئېسىل چايكەندۇق، شۇنى ئىزدەپ يۈرسەم بۇ قىز كېلىپ ....

www.iz.la


ـ نىمە دىدىلە پەملەپ چاي دىدىلىما؟- سورىدى دېرىكتۇر بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك.
- شۇنداق، ناھايىتتى ياخشى چايكەندۇق،ـ دېدى بوۋاي ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تىكىپ. دېرىكتۇر كۈلۈپ كەتتى. www.iz.la
ـ خاپا بولمىسىلا بوۋا، خانقىز مەقسەتلىرىنى چۈشىنەلمەي قاپتۇ، ئەسلى سىلى زەرەپشان پەمىل چېيىدىن ئالماقچى ئىكەنلا دە؟ مانا قارىسىلا مۇشۇ شۇمۇ؟ـ دېدى دېرىكتۇر بىر خالتا زەرەپشان قىزىلگۈل چېيىنى كۆرسىتىپ. بوۋاينىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى.
ئىز تورى www.iz.la

ـ رەھمەت بالام، رەھمەت! دەل مۇشۇ چاينى ئالماقچىدىم، مانا پۇل،ـ بوۋاي قولىدا سىقىملاپ تۇرغان پۇلنى ئۇزاتتى.
ـ مەن بىلەن ماڭسىلا بوۋا، پۇلنى ئىشىك تۈۋىدە تاپشۇرلا،ـ دېدى دېرىكتۇر مۇلايىملىق بىلەن. بوۋاي ئۇنىڭغا ئەگەشتى. پىركازچىك قىز كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە.........ئاقسۇ ئەدەبىياتى نىڭ 2012- يىللىق 3- سان

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس