ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئادىداسنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا بۈگۈن ئىچكى قىسىمىغا يۈرەك سوقۇشنى ئۆلچەپ تەكشۈرگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان قول سائىتىنى ئېلان قىلغان، بۇ مەشىقتە ئىشلىتىلىدىغان قول سائىتىنىڭ نامى «miCoach SMART RUN »بولۇپ، ئادىداسنىڭ پارچە سېتىش ۋە توردىكى دۇكانلىرىدا سېتىلىدىكەن. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ھەر قايسى سېتىش ئورۇنلىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. باھاسى تەخمىنەن 2922 يۈەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ خىل قول سائىتىنىڭ بېغىش پېيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 263.44mm ، كەڭلىكى 48.4mm، قېلىنلىقى 15.6mm بولۇپ، ئېغىرلىقى 80.5g. ئۇنىڭغا 1.45 دىيۇملۇق 184*184 ئېنىقلىق دەرىجىدىكى TFT LCD ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئىچكى ساقلاش بوشلۇقى 4GB چوڭلۇقتا، سائەت قارىتىغا داتلاشماس پولات ئىشلىتىلگەن، ئارقا قاپقىقىغا ماگنىي، سىرتقى قىسىمىغا گورىللا ئەينەك ئىشلىتىلگەن، سائەت بېغىغا بولسا كرېمنىي ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر دانە ئۆلچەملىك ئاتموسفىرا بېسىمى ئاستىدا IPX 7 دەرىجىدىكى سۇدىن ساقلىنالايدىكەن. www.iz.la
گەرچە miCoach SMART RUN غا ئىشلىتىلگىنى Android 4.1 سېستىمىسى بولۇپ، بارلىق سانلىق مەلۇماتلار Wi-Fi ئارقىلىق يوللىنىدىكەن, ئەمما مەشىقتىن باشقا ۋاقىتلاردا، ئۇنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. قول سائىتىنىڭ تىزىملىكى ئادىداسنىڭ كونكىرىتنى مۇلازىمەت بېتىگە ئۇلاغلىق بولۇپ، ئۇنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا مىكرو تىپتىكى تور بەتنى كۆرۈشكە ئىشىلىتىلدىغان شەخىس كومپىيوتىرى دەپ قاراشقا بولىدىكەن، شۇنداقلا رەڭلىك LCD كونتىرول تاختىسى ئارقىلىق ئېنىق بولغان مەشىق مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
miCoach SMART RUN نى مەشىقتە ئىشلەتكەندە ئىچكى قىسىمىدىكى تېزلىك سىنزورى ۋە GPS رېئال يول باشلاش شۇنداقلا << Mio LED يورۇقلۇق سىنزورى >> ئارقىلىق يۈرەك سوقۇشى ھەمدە تىترەش ۋە ئاۋازغا ئاساسەن مەشىق ئۇدارىڭىزنى تەڭشىۋالسىڭىز بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمىغا 3GB چوڭلۇقتىكى مۇزىكا ساقلاش بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ناخشا مۇزىكىلارنى كۆك چىش نائۇشنىكى ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ ئاڭلىىغىلى بولىدىكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بۇ قول سائىتىنىڭ ئىچىگە لىتىلىق باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ، ئادەتتىكى micro-USB سىمى ئارقىلىق تۆت سائەتتە تولۇق زەرەتلىگىلى بولىدىكەن، نورمال «خىزمەت قىلىش ھالىتى » ( GPS ھەر بەش سىكۇنتتا بىر قېتىم خاتىرلىسە، مۇزىكا توختىماي قويۇلىۋەرسە ) دە، miCoach SMART RUN نىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى تەخمىنەن 8.5 سائەت؛ ئەگەر « مارافونچە ھالەت»( GPS ھەر بىرسىكۇنتتا بىر قېتىم خاتىرلىسە، مۇزىكا توختىماي قويۇلىۋەرسە ) تە بولسا، ئىشلىتىلىش ۋاقتى تۆت سائەتكە يېتىدۇ؛ ئەگەر پەقەت سائەتكە قاراشقىلا «بىكار ھالەت »تە ئىشلىتىلسە 336 سائەت (تەخمىنەن 14 كۈن) يېتىدۇ
www.iz.la
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
