ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
: 29-سېنتەبىر ، كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ شائىر، يازغۇچى ، قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچى ئوسمان ھوشۇرغا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، كۇچا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، شائىر ، يازغۇچى ئوسمان ھوشۇرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن ئۆتكەن 40 يىللىق ھاياتى ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 30 يىللىق ھايات مۇساپىسى تونۇشتۇرۇلدى ، ھەمدە ئۇنىڭغا تون كەيدۈرۈلدى .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قەشقەر پېداگوكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن ئوسمان ھوشۇر 1983-يىلى كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان . 1981-يىلى ئۇنىڭ ‹‹ئۈلگە ›› ۋە ‹‹ چېچەك ›› ناملىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ، 60 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېسىت ، ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
