app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت

ۋاقتى:2013-10-04 17:10مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim131 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

    ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدىكى مەشھۇر رونكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ياۋروپا -ئاسىيا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان .1929-يىلى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن،قۇمۇل،ئۈرۈمچى،چۆچەكلەردە ئايرودرۇم ياسالغان.1932-يىلى (مىنگونىڭ 21-يىلى)11-ئاينىڭ 14-كۈنى ،لىۇ سى دېگەن ئۇچقۇچى ھەيدىگەن ;يونكىر;ماركىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم قونغان.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


       شۇنىڭدىن كېيىن جىن شۇرېن ئۇچقۇچى تەربىيىلەش مەقسىتىدە شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇچقۇچى تەكلىپ قىلىپ،ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرغان. بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچىنى پۇختا بىلىدىغان ئەخمەت(خەنزۇچە ئىسمى يۇئەنجاڭ) ئىسىملىك بىر بالا  قوبۇل قىلىنغان. ئەخمەت ئەسلىدە خوتەنلىك بولۇپ،20-يىللارنىڭ باشلىرىدا دادىسى بىلەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ياڭزېڭشىن ئاچقان شۆتاڭدا ئوقۇغان .ئۇ شۇ جەرياندا خەنزۇچە تىل -يېزىقلارنى پۇختا ئىگەللەپلا قالماستىن ،بەلكى شۇ زاماندىكى خەنزۇ ىەتتاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەخمەت ئۇچقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ،تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە 1936-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ سۇييۇئەن ئالدىنقى سېپىگە قىلغان ئىئانە -ياردەملىرىنى ئايروپىلان بىلەن لەنجۇغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

       1938-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇچقۇچىلار ئەترىتىگەئەۋەتكەن 43 كۇرسانتتىن لۇيلىپىڭ (ئەسلى ئىسمى لى ۋەنشەن )باشلىق 25 كىشى ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرگەن .لۇي لىپىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان .ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئەخمەت بۇ كۇرسانتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان،ئۇلارغا ئۇچقۇچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە دەرس ئۆتكەن .ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن (ئاۋىئاتسىيە تېىخنىكىسىدىن دەرس بېرىدىغان ) ئۇچقۇچىلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان.1939-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئىئانە قىلغان ;شىنجاڭ; ماركىلىق ئايروپىلان (10دانە) لارنى ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قاتناشقان. www.iz.la
     ئەخمەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە جامائەەت ئىچىدىكى شۆھرىتى شىڭ شىسەينى ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت توققۇز ئايروپىلان باشقۇرىدىغان ئۇچقۇچىلار  ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان .ھايات شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ھەر قېتىم ھاۋاغا  كۆتۈرۈلگەندە ،ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بىر قانچە مىنۇت ماھارەت كۆرسىتتىپ، ئاندىن يولغا راۋان بولىدىكەن . copyright by www.iz.la
      1939-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنقى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىردا ئەخمەت ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن ،ئۇ، لاچىندەك ئاسمانغا تىك ئۆرلەپ، يەرگە قاراپ شۇڭغۇپ ،يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە،يەردىكى توپىلار قۇيۇن ئۇچقاندەك يەردىن كۆتۈرۈلگەن .بىر دەم جىمجىتلىق باسقان مەيدان ئەخمەتنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھۇررا ساداسىغا تولغان .  ئەخمەتنىڭ ماھارىتى ،خەلقنىڭ ھۇررا ئالقىشىدىن شىڭ شىسەي قاتتىق چۆچۈگەن ،شۇنىڭ ئەتىسىلا ئەخمەت قاتارلىق بىر قانچە ئىلغار ئۇچقۇچى;زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بار ;دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
      ئەخمەت جۇڭگو  كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ،ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىللە 1942-يىلى شىڭشىسەي تۈرمىسىدە يېتىپ ئاخىر پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن.ھازىر ئەخمەتنىڭ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى بار. ئىز تورى www.iz.la

مەنبە .........................تور دۇنياسى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(26)
96.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
3.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس