ئومۇمىي ئاتالغۇ بولغان<<مۇقام>> __ ئورۇن،دەرىجە،دائىرە دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدىكى 12مۇقامنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا مەنىللرى بار ئىكەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
1-<<راك مۇقامى>> __ ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش.
2-<<چەبىيات مۇقامى>>__ نەپىس،گۈزەللىكنى سېغىنىش.
3-<<مۇشاۋىرەك مۇقامى>>__ راستلىق،چىنلىق،توغىرلىققا تەلپۈنۈش.
4-<<چارگاھ مۇقامى>>__خەلقنىڭ ئاسايىشلىققا ،تاڭغا،گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشى.
5-<<پەنجىگاھ مۇقامى>>__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى <<بۇزرۇك مۇقامى>> بولۇپ،ئۇلۇغلۇق،يۈكسەكلىككە تەلپۈنۈش.
6-<<ئۆزھال مۇقامى>>__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى<<كۆجەك مۇقامى>>بولۇپ،كىچىك پېئىللىق .
7-<<ئەجەم مۇقامى>>__<<ئەجەم>> ئەرەبچە سۆز بولۇپ،شۇ دەۋىردە ئەرەبلەر ئۇيغۇرلارنى ئەجەم دەپ ئاتىغان.ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى ئەزىزلەش مەقسىتىدە ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىغان بۇ سۆزىنى ناخشا-مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللانغان.
8-<<ئوششاق مۇقامى>>__ئاشىقلار،پىدائىيلار ،ئاشىقلار ساداسى.
9-<<بايات مۇقامى>>__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى ساباھان بولۇپ،ئەسلەش دېگەن مەنىسى بار ئىكەن.ھازىرقى مەنىسى ياد ئېتىش،يورۇقلۇقنى ئىزدەش.
10-<<ناۋا مۇقامى>>__ جاسارەت،كۈچ-قۇۋەت.
11-<<سىگاھ مۇقامى>>__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى<< پەسىللىك مۇقامى>>بولۇپ، ئارىسلاننى ھەيران قالدۇرۇش دېگەن مەنىدە ئىكەن.سىگاھنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى<<شىگاھ>>بولۇپ،بۇنىڭ مەنىسى غەپلەتتىن ئويغىتىش،غەرەتلىنىش.
12-<<ئىراق مۇقامى>>__دەريا قىرغىقىنىڭ ئۆرۈلۈشى دېگەن مەنىسى بار بولۇپ،خەلقنىڭ قاينام-تاشقىنلىق روھى . ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇيغۇر 12مۇقامى جەمئىي 268ئاھاڭ(نەغمە)،2700مىسرادىن ئارتۇق بولۇپ،ئۇنى باشتىن-ئاخىر ئۇلاپ ئورۇنلاشقا 24سائەت كېتىدۇ.
مەنبە---تارىم غۇنچىللىرى