كىرىم مەنبەسى

دولان مۇقامىدىكى «باياۋان» مۇقامى نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى

ۋاقتى:2012-12-14 23:40مەنبە: يوللىغۇچى:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم


 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

«دولان مۇقاملىرى» نامىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك «باياۋان» دېگەن نام قوشۇلۇپ ئېيتىلىدۇ. دولان مۇقاملىرى خەلق ئىچىدە «باياۋان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. «باياۋان» نى دولان مۇقاملىرىنىڭ ئومۇمىي نامى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ نام ئۆزىنىڭ مەزمۇنى بىلەن دولان مۇقامىنىڭ تۇنجى پەيدا بولۇش تارىخى ۋە شارائىتىنى ئىپادىلەپ بېرىپلا قالماستىن، دولانلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي ھاياتىدىنمۇ مەلۇمات بېرەلەيدۇ. خەلق ئىچىدە ھازىرغا قەدەر «دولان مۇقامى» دېگەن نام ئىشلىتىلمەي، يەنىلا قەدىمدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان «باياۋان» دېگەن نام قوللىنىلماقتا. «مۇقام ئېيتىش» دېمەي، «باياۋان توۋلاش» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ «مۇقام» دېگەن نامنىڭ دولان «باياۋانلىرى» نىڭ ئورنىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغانلىقىغا تېخى ئۇزاق دەۋرلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.دولان مۇقامىنىڭ نامى شۇ مۇقامنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقەلەرگە ئاساسەن قويۇلغان بولغاچقا، ھەر بىر يەككە مۇقامنىڭ نامىغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان «باياۋان» سۆزىنى زادىلا ئۆزگەرتەلمىگەن. خەلق ئىچىدە بولسا«مۇقام» دېگەن يېڭى ئاتالغۇنى ئەمەس، بەلكى ئەجداتلىرىدىن تارتىپ ئاتاپ كەلگەن «باياۋان» دېگەن نامنى قوللىنىپ كەلگەن.

www.iz.la

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

«باياۋان» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا«چۆل-جەزىرە،جاڭگال، بىپايان، كەڭرى دالا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. دولانلىقلارنىڭ ئەجداتلىرى قەدىمكى دەۋرلەردە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىش داۋامىدا نۇرغۇن بېيىت-قوشاقلارنى توقۇغان. سەپەردە، چۆل-باياۋانلاردا يۈرۈپ يالغۇزلۇق، غېرىبلىق ھېس قىلغان چاغلىرىدا ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئاشۇ تەسىرلىك قوشاقلارنى ئاھاڭغا سېلىپ يوقىرى ئاۋاز بىلەن غەزەل قىلىپ ئوقۇغان. نەتىجىدە بۇ خىل مۇڭلۇق غەزەللەر ئەمگەك جەريانىدا، چۆل-باياۋانلاردا يوقىرى ئاچاز بىلەن ئوقۇلغىنىغا ئاساسەن «باياۋابدا توۋلانغان غەزەل»، «غېرىبلىق ناخشىشى» ياكى «باياۋان غەزىلى» دېگەن مەزمۇندا «باياۋان» دەپ ئاتالغان. دولان ئىلگىرى سىرتتا، باياۋانلاردا ئوقۇلغان بولسا، ئاۋۋالقى يەككە ھالەتتى تەرەققىي قىلىپ، بارا-بارا مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، تور-مەرىكە ياكى باشقا سورۇنلاردا ئېيتىلىپ خەلقنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى جانلاندۇرغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ياخشىكەن
(9)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس