كىرىم مەنبەسى

ئۇيغۇر يۇرت ناملىرىنىڭ تەخەللۇسى

ۋاقتى:2012-12-22 00:05مەنبە: يوللىغۇچى:نەفىسە چېكىلىشى:قىتىم

نۇرغۇن يۇرتلىرىمىزنىڭ تەخەللۇسى بولغان بولۇپ ، ئاتىلار ، بوۋىلار ھەرقايسى يۇرتلارنى تۆۋەندىكىدەك ئاتاپ كەلگەن :

ئىز تورى بەك ياخشى

ئەزىزانە قەشقەر ، شەھىدانە خوتەن ، پىرىيانە يەكەن ، غازىيانە ئاقسۇ...دېگەندەك . بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۈك تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ ، بۇ ھەقتە ئېنىق بولمىغان قاراشلاردىن بولسىمۇ تورداشلارنى خەۋەردار قىلماقچىمەن .

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

1.شەھىدانە خوتەن
- خوتەن خەلقىنىڭ داستان رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا خوتەننى شېھىدانە خوتەن دەپ تىلغا ئالىدۇ.بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ۋەقە كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ:بىرى19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا خوتەندە مەنچىڭ خانلىقىنىڭ زۇلمىغا قارشى ئابدۇراھمان خانپاششا ئىسىملىك ئەزىمەتنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ غەلىبە قىلغان ھەم ئىسلام دۇلىتى قۇرغان.ئۇزۇن ئۆتمەي بەدۆلەت قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇلارنى ئالداپ، قەسلەپ ئۆلتۇرۋەتكەن.بۇنىڭ بىلەن خوتەن خەلقى پادىشاسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ پۇخرا شېھىت بولغان .بۇلارنىڭ باشلىرىدا نەچچە يۇزمىتىر ئىگىزلىكتە تاغ ياسىغان. شۇڭا خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان. بۇھەقتىكى مەلۇماتلار"ئابدۇراھمان خانپاشا"دىگەن خەلق داستانىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.يەنەبىرى: خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن ،ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرپاندىكى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلمىغانلار تەرپىدىن باستۇرلۇشقا ئۇچراپ، بۇتۇن بىرشەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر مەيدانغا يېغىلغان ،خوتەنلىكلەرنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇش ئۇچۇن بىردىن باغلاپ بوينىغا قىلىچ تەڭلەپ تۇرۇپ،خۇدا نەچچى دەپ سورىغان،خوتەنلىكلەر بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن،يەنە بىردىن سورىغان بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن،شۇنداق قىلىپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنى چېپىۋەتكەن. ھەممىسى قېلىچ ئالدىدا تەمتىرمەستىن بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن،شۇڭا خوتەنلىكلەر بىرنى بىر دەيدۇ،جاھىل خەق دەپ نام ئالغان،ھەمدە شۇقېتىم شېھىت بولغانلار بەك كوپ بولغاچقا شۇندىن بىرى خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2.ئەزىزانە قەشقەر - مۇھەممەت سىدىق يەركەندىنىڭ ، مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىنىڭ << دىۋان زەلىلى -- سەپەرنامە >> ، << تەزكىرەئىي ئەزىزان >> ناملىق ئەسەرلىرىدە مۇنداق تەبىر بېرىلگەنلىگى قەيت قىلىنغان :
<< سۇتۇق بۇغراخان ، ئەبۇناسىر سامانىي ، ئىمانىدىن كاشىغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئىمام زاھىت ھۈسەيىن پەيزۇللا ، خوجا ياقۇپ ، ئىمام زاھىت خەلەپ ، ئەبى ھۈسەيىن ، ئىمام زاھىت قۇتبىدىن ، مۇسا بۇغراخان ، ئوسمان بۇغراخان ، سەيد ئارسلانخان ، قىلىچ بۇغراخان ، ھەسەن بۇغراخان ، ئابدۇغاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشىغارى ، بىبى مەريەم بىننى سۇتۇق بۇغراخان ، تۇركان خاتۇن -- نۇرئەلا نۇرخان بىننى سۇتۇق بۇغراخان ، يۈسۈپ قىدىرخان ............ قاتارلىق زاتلارنىڭ قەشقەر ئەتراپىدا قەۋرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا بۇ ئەزىزلەر ھۆرمىتىگە ~ << ئەزىزانە كاشىغەر >> دەپ ئاتالدى . خەلقىمۇ ئەزىز بولغۇسى ..... >> دېيىلىدۇ . www.iz.la
3.غازىيانە ئاقسۇ
- بۇ ئاقسۇ خەلقىنىڭ قۇرقماس،باتۇر ،قەيسەرلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.11-ئەسىرنىڭ ئاخىرى12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ خەلقى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىغاندىن كىيىن ،ئۇلارمۇ تۇرپاندىكى يات دىندىكىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان،دۇشمەن ئىنتايىن كۇچلۇك،ئاقسۇلۇقلار ئىنتايىن ئاجىز ئەھۋالدا ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ،<<ئۆلسەك شېھىت ،تىرىك قالسان غازى>>دەپ باتۇرلۇق بىلەن كۇرەش قىلىپ ،دۇشمەن ئۇستىدىن غالىپ كەلگەن.شۇندىن بۇيان ئاقسۇنى غازىيانە ئاقسۇ دەپ ئاتايدىغان بولغان،بۇ ھەقتىكى پاكىتلار ئۇنسۇ ناھىيسىدىكى <<قىرمىش ئاتام مازىرى>>دىكى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە توغراقلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
رىۋايەتلەردە ~ ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدا قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل جەڭلەردە شېھىتلىك مەقامىغا يەتكەن ئاتاقلىق شەخسلەر كەم ، تولاراق ئۇلار جەڭلەردە غەلىبە قىلغان . شۇڭا << غازىيانە ئاقسۇ >> دەپ ئاتالغان ~ دېيىلىدۇ . بىبى مەسۇم ئەزىزەم ئىپارخان 1759 - يىلى ئۇرۇشتا ھايات قالغاچقا شۇ نام بېرىلگەن ~~~ مۇ دېيىلىدىكەن .
4.پىرىيانە يەكەن
- 15 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئارقىمۇ - ئارقا ئېقىپ كىرگەن تەسەۋۋۇپ پىشۋالىرىدىن سەمەرقەندلىك خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۈزرۈكلەر ، خوجا ئەخمەت كاسانى ، ئەبەيدۇللا سۇرىددى مەختۇم ئەزەم ئوغۇللىرىدىن -- خوجا مۇھەممەتئىمىن ، خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ ، خوجا ئاپپاق . خوجا ئىسھاق نەۋرىلىدىدىن -- خوجا دانىيال ، خوجا ياقۇپ ، خوجا ھاشىم ، خوجا قاسىم قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق پىر - ئىشانلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ، قەشقەر ، يەكەن ، خوتەن ھەتتا قۇمۇل رايونلىرىغىچە تارقىلىپ ~ تەسەۋۋۇپ - تەرىقىچىلىك پىكىر ئېقىمىنى تارقاتقان . يەكەنگە توپلىشىپ نۇرغۇن ئىشلارنى تەرگەن .... شۇڭا بەزى ماتىرىياللاردا ، شۇ زاماندىكى يەكەننىڭ ھەر بىر كوچىسىدا بىر خانىقا ، ھەر مەھەللىدە بىر << ئىشان >> بار بولغان . شۇڭا ، پۈتۈن پىر - ئىشانلار توپلانغا ياكى پىر - ئىشانلار بۇ يەردە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ~~ << پىرىيانە يەكەن >> دەپ ئاتالغانىكەن . بۇنىڭ مەنىسى --- پىر سۈپەتلىك يەكەن دېگەن مەنىدىكەن . بۇ بىر رىۋايەت . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5. غېرىبانە تۇرپان
- كۆپلىگەن كىشىلەر ياكى بولمىسا تۇرپاننىڭ يەرلىك كىشىلىرى مۇقەددەس كىتاب << قۇرئان كەرىم >> دىكى << سۈرەكەھف>> قىسمىدا بايان قىلىنغان << ئەسھابۇلكەھف >> ۋەقەلىكىنىڭ قاتناشچىلىرى تۇرپاندىكى تۇيۇق غار مازىرىدا دەپ ئىخلاس قىلىشىدۇ . بۇنى تۇرپانغا ساياھەتكە بارغانلىكى كىشىلەر بىلىدۇ ھەم بۇ غارنى زىيارەت قىلىشىشىدۇ .
تۇيۇق غاردىكى <<دوستلار >> ئۇزاق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىسمى ، يەملەيخا ، ماكىسلىمسىنا ، ئازار پەتىنۇس ، كاشاپەتىنۇس ، يوۋانىس ، يوۋانىس يۇنۇس ، قىتمىر قاتارلىقلار بولۇپ تاكى قىيامەتكىچە غاردا ئۇخلاپ ياتىدۇ ~~ دېيىلگەن . شۇڭا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ- ئىبادەت قىلىپ كېتىشىدىكەن . ھەتتا بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەن كىشىلەرمۇ بۇ يەردە يىغلاپ تۇرۇپ مەدەت تىلىشىدىكەن .... شۇڭا بۇ يەر ئۇلۇغ كىشىلەر سىمۋولى بولغان << ئەسھابۇلكەھف >> تۇرپاندا بولغانلىقى ئۈچۈن ، << غېرىبانە تۇرپان >> دەپ ئاتالدى دېگەن رىۋايەت تارقالغانىكەن ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ھەر قايسى يۇرت ئادەملىرىنىڭ مىجەزى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

قەشقەر ئۇيغۇرلىرى يۇمىلاق باش (براخىكىفال)، ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، يۈزى سوقىچاقراق(ئات يۈز)، بۇرنى ئوتتۇراھال كەڭ، لېكىن ئېگىز (قۇش تۇمشۇق بۇرۇن بىلەن تۈز بۇرۇن ئارىسىدا)، چاچلىرى قارا قۇڭۇررەڭ، قوي كۆزلۈك، ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، ئەگىم قاشلىق، تېرىسى سۈزۈك ۋە سىلىق بولۇپ، ئومۇمەن چىرايلىق كېلىدۇ. ئۇلار چىرايلىق كىيىنىپ سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تازىلىققا ۋە گىرىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆلىما ۋە كاسىپ كىشىلەرگە دوست ۋە ئامراق كېلىدۇ، ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدۇ، ھەمسۆھبەتنى ياخشى كۆرىدۇ.
   قەشقەر ئۇيغۇرلىرى خەير - ساخاۋەتلىك، مېھماندوست، دانا ھەم مۇلايىم سۆزلۈك بولۇپ، خۇشناۋاز، سەنئەتخۇمار كېلىدۇ. تۇرمۇشتا تىرىشچان ھەم ئەمگەكچان بولۇپ، سودا - سېتىق ۋە تىجارەتكا ماھىر، ساياھەت ۋە سەپەرگە ھەۋەس قىلىدۇ. ئەھلى كەسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، قول ھۈنەر ماھارىتى جەھەتتە باشقا شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە زىيادە تۇرىدۇ. شۇڭا قەشقەر قەدىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا مەركىزى بولۇپ كەلگەن .

ئىز تورى www.iz.la

خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

خوتەن ئۇيغۇرلىرى بەستلىك، ئاقپىشماق، ھال تەنلىك بولۇپ، يۇمىلاق باش (بروخىكىفاللىقى گەۋدىلىك)، ئوتتۇرا بوي، بۇرنى ئىنچكە، لېكىن ئېگىز، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، چالىرىقارا يكاى قارامتۇل دولقۇمسىمان، ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، قارا كۆز، قاش - كىرپىكلىرى تولۇق، تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىر سۆزلۈك، بىر قوللۇق، بىر نىيەتلىك ۋە ئىتتىپاق بولۇپ، مۇلايىم ۋە كەمتەر ئىشچان كېلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختا، دوستلۇق ئەقىدىسى كۈچلۈك، ئاغزى مەھكەم بولۇپ، سىر ساقلىيالايدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى كاسىپ - ھۈنەرۋەن، تەبىئەت ئىدرىكى پاكىز، زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ، ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. www.iz.la
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاددىي - ساددا ياشايدۇ، ھەشەمەتچىلىكنى ياقتۇرمايدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە تىبابەتچلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ.
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ، خېرىدارنى رازى قىلىدۇ. شۇڭا بۇ جاي ئەزەلدىن يىپەك يولى توقۇمىچلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىكارلىقى بىلەن مەشھۇر.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىتنىك جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئاساسلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ياغمىلارنىڭ ئۇرۇغ - ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ.
بۈگۈنكى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى باش سۆڭىكى يۇمىلاقراق، چاچ ۋە ساقاللىرى قويۇق ۋە قارا، بۇرنىئىنچىكە، لېكىن ئېگىزرەك (قاڭشالىق)، بۇغداي ئۆڭلۈك، قوي كۆزلۈك، ئوتتۇرا بوي، بەدەن مۇسكۇللىرى چىڭ، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، كۆز قارچۇقى ئۆتكۈز، ئەگمە قاش،قاپىقىنىڭ قېتى كەڭرەك كېلىدۇ. www.iz.la
ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىشچان ۋە پەم - پاراسەتلىك بولۇپ، ئىلىم - مەرىپەتنى قەدىرلەيدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتىن زارلانمايدۇ، بەلكى ئۆز ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئۈستۈن.
ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئارا ئۆز ئارا ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشايدۇ، قەيەردە ئولتۇراقلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئارا ئىزدىشىپ بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئەقىل كۆرسىتىدۇ. يوقسۇللىرىغا خەير - خاھلىق قىلىدۇ.
تىجارەت ۋە سودا سېتىققا كامىللىقى، سۆزدە مۇلايىم ۋە چىۋەرلىكى، ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى، كەمتەرلىكى ۋە سىڭىشچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى قاتارلىق ئالامەتلەر ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنى خاراكتېرلەيدىغان تۈپ ئالامەتلەردۇر.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى

ئىز تورى www.iz.la

ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ئاقپىشماق، ئەمما سەل - پەل بۇغداي ئۆڭلۈك كېلىدۇ ھەمدە بېشى يۇمىلاق، يۈزى كەڭ ۋە گۆشلۈك، چاچلىرى قارامتۇل ۋە دولقۇنسىمان، قوي كۆزلۈك ۋە ئارىلاشما كۆزلۈك، لېكىن يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال - بۇرۇتلىرى ئوتتۇراھال، بۇرنى ئادەتتە كەڭرەك ۋە تۈز، پېشانىسى كەڭ بولىدۇ.
ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى خاراكتېر جەھەتتىن توغرا (تۈز)، ئاددىي - ساددا، يۇۋاش، مۇلايىم، كەمتەر، شۈكرىچان خەلقتۇر. دېھقانلىرى كۆپ، ھۈنەرۋەر كاسىپلىرى ئاز، سودا تىجارەتكە ئانچە قىزىقمايدۇ. ھۈنەر - كەسىپ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكىنى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. دېقانلىرى ئاقكۆڭۈل ۋە مېھماندوست بولۇپ، پۇلغا ئانچە ھېرىسمەن ئەمەس. ئۇلار سەنئەتخۇمار بولۇپ، ئەر - ئايال توپلىشىپ مەشرەپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى باغۋەنچىلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. شۇڭا ئاقسۇ مۇھىتى گۈزەل، بۈكباراقسان شەھەر بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا شۇ ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

تۇرپان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، قەدىمكى «ئىدىقۇت» ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن سارغۇچ ئۆڭلۈك، باش سۆڭىكى يۇمىلاققا مايىل، ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، بۇرنى ياپىلاقراق ھەم قېلىنراق بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق كۆندۈلەڭ شەكىلدە، يۈزلىرى كەڭ، يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى كۆرۈنەرلىك. قارامتۇل، ئەمما كىچىكرەك (چېقىر كۆز)، قاپىقى گۆشلۈك، چاچلىرى تۈز ۋە قارا، ساقال - بۇرۇتلىرى شالاڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى راست قوللۇق، راست سۆزلۈك، تۈز كۆڭۈل، ھىيلە - مىكىر ۋە خىيانىتى يوق، ئەقىدە - ئىخلاسلىرى ساپ، سۆزلىرى قوپاللراق بولسىمۇ، كۆكسى - قارنى كەڭ، ئۆزئارا ئاداۋەت ساقلىمايدىغان، ئارتۇقچە تەكەللۈپنى خالىمايدىغان، ئەقىدىسى كۈچلۈك خوشپېئېل خەلقتۇر.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، كىلىماتى قۇرغاق، سۈيى كەم بولغاچقا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كارىز سۈيىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ۋە باتۇر خەلق بولۇپ، قىينچىلىقتىن قورقمايدۇ. ئەمما دېھقانچىلىقتىن باشقا ھۈنەر - كەسپكە ئانچە كامىل ئەمەس، سودا - تىجارەتكىمۇ ئانچە قىزىقمايدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

كورلا ئۇيغۇرلىرى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

كورلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتنىك تەركىبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يەرلىك ئىرقى ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلار سارغۇچ ئۆڭلۈك، بېشى يۇمىلاقراق، بويى ئوتتۇراھال، بەستلىك، يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى چوڭراق، بۇرنى تۈز، قېلىنراق، بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق، يۈزلىرى قىسقا، كەڭ، چاچلىرى تۈز ۋە قويۇق، كۆز قارىچۇقى قارا، قاپىقى تار ئەمما قېلىنراق، ساقال - بۇرۇتلىرى ئوتتۇرھال بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. كورلا شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار قىياپەت جەھەتتىن ئاقسۇ، كۇچار ئۇيغۇرلىرىغا ئاساسەن ئوخشايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   كورلا ئۇيغۇرلىرى ئاقكۆڭۈل، راست سۆزلۈك، مۇلايىم، كۆكسى - قارنى كەڭ، ھىيلە - مىكىرسىز، ئىززەت - ئېكراملىق بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. لوپنۇر ئەتراپدىكىلەر چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاددىي - ساددا ياشاشقا ئادەتلەنگەن، ھۈنەر - كەسىپ، سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قومۇل ئۇيغۇرلىرى

ئىز تورى بەك ياخشى

قۇمۇل تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىدىن بىرى.
قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل - پاراسەتلىك، ئاقكۆڭۈل، كەمتەر، خۇشپئېل، سىلىق - سىپايە، ئۆم - ئىناق، مېھماندوست، ئويۇن - چاقچاق، ناخشا - ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولۇشتەك خاراكتىرىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايون «بىرى بۇلىقى، بىرى خۇلقى ياخشى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
   قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن ئاق ئەمما سەل - پەل بۇغداي ئۆڭلۈك، ئوتتۇرا بويلۇقتىن تۆۋەنرەك، بۇرنى ئادەتتە كەڭرەك ۋە تۈز، ياڭاق سۆڭىكى كەڭ، چاچلىرى سەل تۈز، قوڭۇر، ئانچە قويۇق ئەمەس، قوي كۆزلۈك ۋە ئارىلاشما كۆزلۈك، لېكىن يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، كۆز ئوقلىرى سەل - پەل چېقىر، پېشانىسى سەل تارراق، ساقال - بۇرۇتى شالاڭ (كوسا)، بېشى سەل سوقىچاقراق (خروكىفال) بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئىز تورى www.iz.la

ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ رايون شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ.
ئىلى ئۇيغۇرلرى ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك، باتۇر، روھلۇق، تېتىك، خۇش چاقچاق، كەڭ قورساق، سۆزمەن، يۇمۇرغا باي، پاكىز تەبىئەتلىك، ئېلىم - بېرىمغا ماھىر، مېھماندوست، سالام - سائەتلىك، يۈرۈش - تۇرۇشى رەتلىك ۋە سالاپەتلىك، ناخشا - مۇزىكىغا ھېرىسمەن، مەدەنىيەت سۆيەر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تارىختا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن باردى - كەلدى مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە باشقا رايونلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق ئويغانغان. بۇ رايون بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا تۈرلۈك خەلقلەر ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تىپىك بىر رايونغا ئايلانغان. ئەسلى يەرلىك ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك تىپى توركوئىدلار ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ياۋروئىدلىق بىلەن موڭغۇلوئىدلىقنىڭ ئوخشىمىغان نىسبەتتىكى ئارىلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن. جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلى رايونىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۆچۈپ بارغان بولۇپ، ئۇلار تەبىئىيكى قەشقەر، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(8)
88.9%
ئالقىشلايمەن
(1)
11.1%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس