كىرىم مەنبەسى

«لوپ» سۆزى ھەققىدە

ۋاقتى:2012-12-15 00:04مەنبە: يوللىغۇچى:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم

شېرىپجان قاسىم كامالى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


لوپ خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋە چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى. لوپ ئىلگىرى «ئورۇڭقاش» (يورۇڭقاش، يۇڭقاش) دېيىلىپ كېيىنچە «لوپ» دەپ ئاتالغان. لوپ ناھىيەسى تارىختا ئىزچىل خوتەن دىيارىنىڭ يىپەك، قەغەز، گىلەم، قىيمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم بازىسى بولۇپ كەلگەن. «لوپ» سۆزىنىڭ مەنىسىنى تېپىش ئۈچۈن، روسىيەلىك رادلوۋ، مالوۋ، ئۇدۇنشۇناس خۇاڭ ۋىنيىن، ئۇيغۇرشۇناس نيۇروچىن، موڭغۇل لوپنۇرشۇناس گاردىن باتىر، مەشھۇر لوپنۇرشۇناس سىۋىن ھېدىن قاتارلىق كىشىلەر كۆپ ئەجىر قىلدى. لېكىن «لوپ» سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەلىك مەنىسىنى ئەڭ توغرا چۈشەندۈرگۈچى رادلوۋ بولدى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تېرىم بويلىرىغا ئائىت تۈركىي يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئاساسىدا «لوپ» سۆزىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى «لاپ» (نەملىك، سۇ يىغىلىش) «لەب»، «ناب» (سۇ كۆلچىكى) سۆزىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى بىلەن ئالىم، سەيياھلارنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى جۇغراپىيەلىك كۆزىتىش، كارتوگىرافىيەلىك سېلىشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىپ «سۇ يىغىلىش»، «سۇ تىندۇرمىلىرى» دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. قەدىمكى زاماندىكى خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى «دەريا ئېقىنلار ھەققىدە پۈتمە» دېگەن رىسالىدە لوپ ئۇيغۇرلىرى تىلىدا لوپ سۆزى يىغىلغان سۇ دېيىلىدۇ دەپ پۈتۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەڭ ئاخىرى ئالىم رادلوۋنىڭ ئىسپاتى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. copyright by www.iz.la

ئەمما ھازىرغا قەدەر «لوپ» سۆزى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش تېخى تۈگىمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ «لوپ تۈبۈت تىلىدا دىنىي ئىتېقاد دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دەيدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر «لوپ سۆزى جاڭگال، بوزاڭلىق دېگەن بولىدۇ» دەپ مەسىلىنى تېخىمۇ يىراققا قاچۇرۇۋەتتى. بىزچە بولغاندا «لوپ» سۆزىنىڭ توغرا مەنىسىنى خۇددى ئالىم رادلوۋ ئېيتقاندەك «سۇ يىغىلىپ قېلىش»، «سۇ تىنغان كۆلچەك» دېيىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ئاساسسىزلا لوپ ناھىيىسىدىكى ئادەملەر لوپنۇر رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ. بۇنداق قاراشنىڭ ھازىرغىچە قىلچە ئاساسى يوق. copyright by www.iz.la

ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس