
يەر شارى تورىنىڭ 14-دېكابر خەۋىرى: ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىئو شىركىتى (CBS) نىڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا تۈركىيەگە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان، بىرلا ۋاقىتتا تۈركىيەگە 400 نەپەر ھەربىي خادىمنى ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى مەشغۇلات قىلىشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
پانېتتا CBS نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان، تۈركىيەنىڭ ش ئا ئە ت دىن تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىغا ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى يېقىندا تەستىقلانغان ئىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا پات ئارىدا تۈركىيەگە ئىككى يۈرۈش ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يۆتكەيدىغان بولۇپ، تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى 6 يۈرۈشتىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭدا گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2 يۈرۈشتىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يۇقىرىقى 6 يۈرۈش باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ش ئا ئە ت نىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنىدىغان بولۇپ، ئەسلى پىلان بويىچە 6 يۈرۈش ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى 2013-يىلى 1-ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا كىرىشتۈرىلىدىكەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
(نەپرەت)
