بىر مەيدان قارشىلىق ۋە نەسىھەتتىن كېيىن، خالىغىنىنى قىلىپ كېلىۋاتقان چاۋشيەن يەنىلا ئۆز پىلانى بويىچە 12-دېكابىر «چولپان ئۈچىنچى» نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەردى.
ئىز تورى www.iz.la
چاۋشيەن 1-دېكابىر يەنە بىر قېتىم سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن باشلاپ خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل پىكىردە بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا، كورىيە، ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىنى «يىراق مۇساپىلىك راكېتا» ياكى «باشقۇرۇلىدىغان بومبا» دەپ بېكىتىپ، چاۋشيەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش نامى بىلەن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1718- ۋە 1874-نومۇرلۇق قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلدى، بۇ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان «ئېغىۋارگەرچىلىك قىلمىشى» دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا، كورىيە، ياپونىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرى ئاساسسىز ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن، چاۋشيەن «ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغان ھەر قانداق قويۇپ بېرىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ». بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشىدىكى سەۋەب چاۋشيەن 2006-ۋە 2009-يىللىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ قارشى تۇرۇش ساداسىغا قارىماي بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇڭا مۇشۇنداق قارار چىقىرىش ھەممىگە ئايان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاددىي ساۋاتلار كىشىلەرگە شۇنى بىلدۇرىدۇكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىغان توشۇغۇچى راكېتانىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يىراق مۇساپىلىك ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بىلەن بىردەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن يەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىمۇ ئوخشاشلا قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ ھەتتا يادرو ئوق بېشى قاچىلىغىلىمۇ بولىدۇ. بۇ نۇقتا چاۋشيەننىڭ ئۆزىگىمۇ ناھايىتى ئايان. چاۋشيەن ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى، كىشىلەرنىڭ چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرماقچى دەپ ئەنسىرىشى تامامەن نورمال، شۇڭا چاۋشيەندىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىپ، بۇنداق قويۇپ بېرىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. شۇ سەۋەبتىن چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى. ئىز تورى www.iz.la
چاۋشيەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنچلىق ئاتموسفېرا قاتلىمىدا بوشلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى دۇنيا ئەھلى ئېنىق ئېتىراپ قىلغان مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى. ھازىر چاۋشيەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقارماقتا. ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى تامامەن چۈشەنگىلى بولىدۇ. چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئېغىۋارگەرچىلىك دەيدىغان سۆزلەرنى قىلىش ئادالەتسىزلىك. كونىلاردا: قائىدىلىك بولمىسا ئىش ئاقمايدۇ دەيدىغان گەپ بار، بۇ دۇنيادا ناۋادا ھەر قانداق بىر دۆلەت خالىغانچە ئىش كۆرۈپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە باشقىلارنىڭ ئەندىشىسىنى ئويلاشمىسا، دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. شۇڭا، چاۋشيەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلىتىمەن دەيدىكەن خەلقئارا قائىدىنى، رايون ۋەزىيىتىنى ئويلىشىشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىشى كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قانداق قىلغاندا مۇشۇنداق شەرت ھازىرلىغىلى بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاش. ھەممىگە مەلۇمكى، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش چاۋشيەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ 2005-يىلىدىكى 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەر ئېتىراپ قىلغان نىشان. گەرچە چاۋشيەننىڭ بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇسۇلىدا ئامېرىكا، كورىيە قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئىختىلاپى بولغان، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى توختاپ قالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نىشان ئۆزگەرمىدى ۋە ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇمىيلىقنى مۇھىم بىلىپ، ئالاقىدار قارارلارغا ئاساسەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، خالىغانچە ئىش قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىپ، بۇ نىشاندىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىكى كېرەك. چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ سۆھبىتى باشلان يېقىنقى ئون يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىنى ھەل قىلشىقا پايدىسىز، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپ ھەل قىلماق تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا 2005-يىلى ئۆز ئالدىغان قوللانغان «پۇل مۇئامىلە جازاسى»، چاۋشيەننىڭ ئۆز ئالدىغا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىز تورى بەك ياخشى
ھازىر شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەر بىرلىشىپ ۋەزىيەت تۇراقسىز بولماقتا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى تېخىمۇ شۇنداق. چاۋشيەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئامېرىكا، كورىيە، ياپونىيە تىرىشىپ توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قويۇپ بەرگەن ھامان مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىمىز دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چاۋشيەننىڭ بۇ ھەرىكىتى رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىكى يېڭى ئامىل.
ھازىر، چاۋشيەن سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەردى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ بۇ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. قارىغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى زۆرۈردەك قىلىدۇ. بۇرۇنقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە رەئىس باياناتىنىڭ چاۋشيەنگە نىسبەتەن رولى بولمىدى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قوللانغان چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، يىغىشتۇرۇۋالغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم بىلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، تېزدىن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى باشلاپ، بارلىق مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش زۆرۈر. ھەر قانداق شەكىلدىكى كەينىگە سۆرەش، رەت قىلىش، شەرت قويۇشتەك سۆھبەتلىشىش پوزىتسىيىسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
