app دېتالى
رەسىملىك تەۋىسسيە
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

خوتەندە يۈز بەرگەن ‹‹29 ــ ئىيۇن›› زوراۋانلىق، تېرورلۇق قىلىپ ئايروپىلان بۇلاش دېلوسىغا 1 ــ سوت ئىچىلدى

ۋاقتى:2012-12-13 16:42مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى:ئالماس چېكىلىشى:قىتىم

     خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 11 ــ دېكابىر مۇسا يۈسۈپ قاتارلىق تۆت جاۋابكارنىڭ زوراۋانلىق، تېرورلۇق قىلىپ ئايروپىلان بۇلاش دېلوسىغا 1 ــ سوت ئاچتى ھەمدە تېرورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش،  رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى، ئايروپىلان بۇلاش جىنايىتى، پارتىلىتىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى قوشۇپ جازالاپ، جاۋابكار مۇسا يۈسۈپ، ئەرشىدىن قارى ئىمىن، ئۆمەر ئىمىنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش؛ جاۋابكار ئالىم مۇساغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھۆكۈمى ئېلان قىلدى.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   سوت دېلوغا قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلارنى ئېنىقلىدى: جاۋابكار مۇسا يۈسۈپ، ئەرشىدىن قارى ئىمىن، ئۆمەر ئىمىن، ئالىم مۇسا ۋە ئابابەكرى ئىبىراھىم قاتارلىقلار 2011 ــ يىلى ئۆكتەبىردىن بۇ يىل فېۋرالغىچە دىننىي رادىكال، زوراۋانلىق، تېرورلۇق مەزمۇنىدىكى ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتنى قوبۇل قىلىپ، مۇسا يۈسۈپ، ئەرشىدىن قارى ئىمىن باشچىلىقىدىكى زوراۋانلىق، تېرورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە تېرورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا كۆپ قېتىم تەييارلىق قىلغان. مۇسا يۈسۈپ قاتارلىقلار بۇ يىل مايدىن ئىيۇنغىچە ئايروپىلان بۇلاپ چگرا سىرتىغا چىقىپ تېرورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى مەسلىھەتلەشكەن ھەمدە ئايروپورتنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم كۆزىتىپ، يېنىشچان پارتلاتقۇچ بۇيۇم ۋە مېتال ھاسسا، چاقماق، سەرەڭگە قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى تەييارلاپ، مەمەتئېلى يۈسۈپنى قوبۇل قىلىپ، تېرورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاپ، ئىش تەقسىملىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئايروپىلان بۇلاش پىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، ئايروپىلاننى پارتلىتىپ، ئايروپىلاندىكىلەر بىلەن تەڭلا ھالاك بولۇشنى كېڭىشكەن. مۇسا يۈسۈپ قاتارلىقلار 29 ــ ئىيۇن نىقابلىغان يېنىشچان پارتلاتقۇچ بۇيۇمى دېلو سادىر قىلىش قورالىنى ئېلىپ، ئايروپورتنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، GS7554 نۆۋەتلىك ئايروپىلانىغا چىققان. ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن ئەرشىدىن قارى ئىمىن، مۇسا يۈسۈپ، ئۆمەر ئىمىن، ئالىم مۇسا قاتارلىق جاۋابكار ۋە مەمەتئېلى يۈسۈپ، ئابابەكرى ئىبىراھىم پارچىلانغان تۆمۈر ھاسسىنى ئېلىپ، دىننىي رادىكال شوئارىنى توۋلاپ، ئۇچقۇچىلار بۆلۈمىگە كىرىشكە ئۇرۇنۇپ، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلارنى ئۇرۇپ تەھدىت سالغان. ئوت ئېلىپ پارتلاش بۇيۇمىنى پارتلىتىش جەريانىدا، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلار ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ، بويسۇندۇرغان. GS7554 نۆۋەتلىك ئايروپىلانى خوتەن ئايروپورتىغا قايتىپ قونۇشقا مەجبۇر بولغان. مۇسا يۈسۈپ قاتارلىق ئالتەيلەن قولغا چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئابابەكرى ئىبىراھىم، مەمەتئېلى يۈسۈپ بويسۇندۇرۇش جەريانىدا يارىلىنىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن. يۇقىرىدىكى جاۋابكارلارنىڭ جىنايى قىلمىشى 24 يولۇچى، ئايروپىلان خادىمىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 28 مىليون 583 مىڭ يۈەن مال ــ مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جىنايەت پاكىتى، نەق مەيداندا ئېلىنغان ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزى، جاۋابكارلارنىڭ بايانى، تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى،  نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل ــ ئىسپاتلار ھەقىقىي بولۇپ، تۆت جاۋابكار جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

   سوت دېلوغا قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىدى: جاۋابكار مۇسا يۈسۈپ، ئەرشىدىن قارى ئىمىن تېرورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئايروپىلان بۇلاش تېرورلۇق ھەرىكىتىنى پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغان ۋە قاتناشقان. ئايروپىلاندا پارتىلىتىش سۇيقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇپ، كۆپ ئادەمنىڭ يارىلىنىشى، ئومۇمنىڭ ۋە شەخىسنىڭ مال ــ مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. باش جىنايەتچى ئۆمەر ئىمىن تېرورلۇق تەشكىلات ۋە ئايروپىلان بۇلاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئايروپىلاندا پارتلىتىش سۇيقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. ئاساسىي جىنايەتچى ئالىم مۇسا تېرورلۇق تەشكىلاتى، ئايروپىلان بۇلاش تېرورلۇق ھەرىكىتى ۋە پارتىلىتىش جىنايىتىگە قاتناشقان. بىراق جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدىكى  رولى بىر قەدەر يېنىك بولغانلىقى ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش پوزىتسىيەسى بىر قەدەر ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يۇقارقى ھۆكۈم چىقىرىلدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، جاۋابكارنىڭ ئانا تىل ــ يېزىقىدىن پايدىلىنىپ دەۋا قىلىش ھوقوقى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى سوتتا جاۋابكارنى ئاقلىدى. جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق ــ تۇغقىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(5)
29.4%
ئالقىشلايمەن
(12)
70.6%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس