جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: copyright by www.iz.la
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «خەلقنى بېيىتىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش»، «مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «ئادەم بىلەن چارۋىنى ، ئادەم بىلەن ئوتلاقنى ئايرىش، ئادەم بىلەن ماشىنىنى ئايرىش»نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى يېڭى يېزا، يېڭى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى ياغاچ قۇلاق چارۋىچىلىق يېڭى يېزىسىغا كىرسىڭىز 48 چارۋىچىنىڭ مۇقىم ئۆيى رەتلىك تىزىلغانىدى؛ ھەر بىر چارۋىچىنىڭ 85 كىۋادرات مېتىر ئۆيى، 100كىۋادرات مېتىر قوتىنى، 100كىۋادرات مېتىر سامانلىقى بار ئىدى. ئەۋلادىمۇ-ئەۋلاد تارقاق كۆچۈپ يۈرۈپ، سۇ ئوتلاق قوغلىشىپ ياشاپ كەلگەن قازاق چارۋىچىلار يېپيېڭى ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشلىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سانجى خۇيزۇ ئوبلاستى- شىنجاڭدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى رايون، يېزا ئىقتىسادىينىڭ تېز تەرەققىياتى بىلەن يېزا قىياپىتى ماس كەلمىگەن ئىدى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆي سېلىۋېلىشتەك تەرتىپسىزلىك سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېڭى يېزىغا، يېڭى چارۋىچىلىق رايونىغا بۇرۇلۇش ياساش تەپەككۇرىغا تۈرتكە بولدى. پۈتۈن ئوبلاستتا مەركىزىي يېزا قۇرۇش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، «ئادەم بىلەن چارۋا، ئادەم بىلەن ئوتلاق، ئادەم بىلەن ماشىنا»نى ئايرىش يولغا قويۇلدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «خەلقنى بېيىتىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش»، «مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش» قاتارلىق قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش داۋامىدا يېزا ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا مەركەزلىك تۇتاشقان خىش ئۆيلەر ھەتتا بىنا ئۆيلەر قالايمىقان بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 300مىڭ ئائىلىلىك، بىر مىليون 200مىڭدىن ئارتۇق دېھقان چارۋىچى رەتلىك، ئادەم بىلەن چارۋا ئايرىلغان، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن مۇقىم ئۆيگە، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش كەنتىگە كۆچۈپ كېرىدۇ. www.iz.la
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
