ئىز تورى بەك ياخشى
قىش پەسلى ئورۇقلاشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدۇر ،قىش پەسلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا ،خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى ،ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى ،ئەزالارنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تۆۋەندە قىش پەسلىدە ئورۇقلاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
پىيادە مېڭىش :پىيادە مېڭىش بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئادەتتە كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇش تىلغا ئېلىنسىلا تەرلەپ ،پىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ، ھەتتا بەزىلەر پىيادە مېڭىشنى بەدەن چېنىقتۇرۇش دەپ قارىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە پىيادە مېڭىپ بەرگەندە ،ئوخشاشلا بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەمدە باش ،بەل ،مۈرە ئاغرىقلىرىنى پەسەيتكىلى ،شۇنداقلا يەنە ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
سۇ ئۈزۈش : قىشتا سۇ ئۈزۈپ بەرگەندە يۈرەك ،قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ،نەپەسلىنىش يولى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ ، ئەمما بۇنداق كىشىلەر قىشتا سۇ ئۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ ، دورا ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولمايدىغانلار ، تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلار ،رېماتىزملىق يۈرەك پەردىسى ياللۇغى بارلار،تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە زۇكامداپ قالغانلار ۋە بالىلارمۇ قىشتا سۇ ئۈزسە بولمايدۇ . ئىز تورى www.iz.la
تەيجى گۇمپىسى ۋە بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش گىمناستىكىسى ئويناش : بۇ چېنىقىش تۈرىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن سىرت يەنە نېرۋا سىستېمىسى ،يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى ،يۈرەك ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ياخشىلاشتا مۇھىم رولى بار ،تەيجى گۇمپىسى ۋە بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش گىمناستىكىسىدىكى نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنىڭ مۈرە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىمۇ بار . ئىز تورى www.iz.la