دوستلۇقمۇ ياكى مۇھەببەتمۇ ؟

ۋاقتى:2008-09-11 01:29مەنبە: يوللىغۇچى:dilyara چېكىلىشى:قىتىم
   دوستلۇقمۇ ياكى مۇھەببەتمۇ ؟ ئادەتتىغۇ ئۇنىڭ بىلەن دىيىشمەيدىغان گېپىمىز يوق ، بىراق ئۇ كۆڭلۈمنىڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ ؟ ئۇ ھەممە جەھەتتە ناھايىتى ئوڭلۇق ، ئۇنىڭ قەلبىدە ماڭىمۇ بىر كىشلىك ئورۇن بارمىدۇ ؟ ئۇ مېنىڭ دوستلۇق يۈزىسىدىن قىلغان ياردەملىرىمنى ماڭا كۆڭلى بار ئىكەن دەپ خاتا چۈشىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟ ئۇنىڭ ماڭا قىلىۋاتقانلىرى دوستلۇقمۇ ياكى مۇھەببەتمىدۇ ؟

كىشىلىك تۇرمۇشقا ئەمدىلا قەدەم قويۇۋاتقان بەزى قىزلار يۇقىرىقىدەك سوئاللار ئالدىدا گاڭگىراپ ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ . يەنە بەزىلىرى قارشى تەرەپنىڭ دوستلۇق ئۈچۈن قىلغانلىرىنى مۇھەببەت دەپ خاتا چۈشىنىۋىلىپ ، بىھۇدە كۆڭۇل ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بەزى قىزلار بولسا قارشى تەرەپ ئىپادىلەۋاتقان مۇھەببەت ئۇچۇرلىرىنى دوستلۇق دەپ قاراپ ، كۆڭۇلدىكىدەك ياخشى بىر لايىقتىن مەھرۇم بولۇپ ھەسرەت چېكىدۇ ، بەزىدە قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە دوستلۇق بىلەن مۇھەببەت پەرق ئەتكۈسىز دەرىجىدە سىڭىشىپ كېتىدۇ . شۇنداقتىمۇ دوستلۇق مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ ، لېكىن مۇھەببەت دوستلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

ئۇنداق بولسا ، قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دوستلۇق ياكى مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەي قىز ، سىز ئۇنىڭ بىلەن دوستمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ ؟
ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن دوست بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا كۈنلىرىڭىز ناھايىتى خوشال ئۆتىدۇ ؛ قانداقلا جاي بولمىسۇن ئۇلا بولىدىكەن ، سىزگە زېرىكىشلىك بىلىنمەيدۇ ؛ سىز ئۈچۈن ئۇ بىر سىرداش دوست ، ئۇنىڭغا ئىچ قارنىڭىزدىكى بارلىق ئەلەملىرىڭىزنى تارتىنماي تۆكەلەيسىز ؛ تولا چاغلاردا ئىككىڭلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىدۇ ، قىز ھەۋىسىڭلار ، ھېس تۇيغۇ ، چۈشەنچەڭلار كۆپىنچە ئوخشاش بولىدۇ ؛ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
كۆپىنچە ھاللاردا بىر بىرىڭلارغا ھەمدەمدە بولىسىلەر .
ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز سىز قەلبىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز ، ئۇنى كۆرمىگەن چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىز تىنىمسىز تېپىرلاپ ، ئۇنى كۆرۈشكە تەشنا ، تەقەززا بولىسىز ؛ ئۇنى كۆرگەن چېغىڭىزدىلا كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشۈپ ، شادلىنىپ كېتىسىز ؛ ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى تېلىفون كەلسىكەن دەپ تىلەپ كېتىسىز ، تېلىۋىزور ، كىنو كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسىز .
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(28)
90.3%
ئالقىشلايمەن
(3)
9.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • مۇڭسىرغان يۈرەك

    ھەجەپ كۈنلەر كەلدى بىشمغا ، دەرتلەر چۈشتى غەمسىز بۇ باشقا ، كۆزۈم تولدى ھىجرانلىق ياشقا، يالغۇز قالدى مۇڭسىرغان يۈرەك. كەتتى توزۇپ بىغۇبار غۇنچە ، ئون سەككىزنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ، تالاي قىستى ئاسىيلىق شۇنچە ، يالغۇز قالدى مۇڭسىرغان يۈرەك. ئەلەم بولغاچ بۇ كۈل...

  • شاپاق قىزغا

    غىرىپ بولدۇم سۆيۈپ بىرسنى ، چۈشەنمىگەچ سنىڭ قەلبىڭنى ، ئالداپ كەپسەن مىنى نەچچە رەت، ماڭا بەرگەن قەسەملىرىڭ قىنى . كۆڭلۈڭ شۇنداق ئونۋىرسال كۆڭۈل، ھەممىگە بىرىپ تۈگمەس كۆڭۈلنى ، ئۆزۈڭچە چىرايىڭ ئاي،چاچلىرىڭ سۇمبۇل، ئەمدە شاخىڭغا قونۇپ سايرىماس بۇلبۇل. نەچچ...

  • ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە

    ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى بىر چەمبەرگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇنىڭ مەركەزدىن قېچىش دەرىجىسى مەڭگۈ نۆل. ساڭا بولغان سېغىنىشىم بولسا دەۋرىي سانغا ئوخشايدۇ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدۇ. نۆل ۋېكتورنىڭ يۆنىلىشى چەكسىز كۆپ بولالىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنلىقى پ...

  • ئۆتەڭ دۇنيادا

    سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھمۇ ؟ سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھ بولسا مەن بۇ ھاياتتمىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنى ۋە ئەڭ ئەخمەق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلمەن ... سەن بىلەن ۋىسالىمغا يىتىش بۇ ئۆتەڭدۇنيادىكىئەڭ چوڭ ئارۇزۇلىرىمنىڭ بىرسى....... ساڭا بولغان پاك مۇھەبتىنم بۇ ئۆتەڭ...

  • خىلۋھ ت سۆيگۈ (ئىمكان)

    خىلۋەت سۆيگۈ مەن يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چاغدا ئارزۇيۇمدىكىدەك كومپىيوتېر تور خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشتىم، بىكار چاغلىرىمدا تور ئارىلاپ تۇراتتىم، بىر كۈنى بىر مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەسەرگە قىززىقىپ قالدىم، بۇ قىزىقىشنىڭ ئاخىرىدا مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغى...

  • مـــەۋھــۇم سۈكــــۈت

    داستىخان راستلاپ سۈكۈتتىن چىللىغان نامەرد ئۆزۈڭ، يوق ئىكەن بۇغداي نېنىڭمۇ ،يوقمىدى بۇغداي سۆزۈڭ؟ كۆزلەرىڭگە تەلمۈرۈپ ئاۋارە بولدى دېققىتىم ، نەئۈچۈن مۈشكۈل مۇئەمما ياغدۇرار بىرجۈپ كۆزۈڭ؟ كەپتىمەن ھۆسنۈڭدىكى مەۋھۈم سۈكۈتكە ئۈلگۈرۈپ ، ھېچقاچان مۇنداق پەرىشا...

  • ئازاپلىق سويگۈ

    1...

  • تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،

    تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم ئۈنسىز ياش تۈكۈپ. كۈرۈشۈشنى ئىستەپ سەن بىلەن، قاچانغىچە ياشايمەن كۈتۈپ. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم سەندىن ساداسىز. كەلگەن ئىدۇق شۇنچە يىراقتىن، بۇپ قالمايلى ئەمدى ۋاپاسىز. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،...

  • سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ(ئابىدە)

    ئۆخشار ئىدىم قاينام بۇلاققا، ئۆخشاپ قالدىم ئوكيان دىڭىزغا، شۇنداق تىنىچ ياشىدىم نىمىشقا؟ سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ. يۇلتۇزلا گەر تۇرسىمۇ ماراپ، ئۆتەر كۇنۇم ئايغىلا قاراپ. بۇ ھالىم ساڭا قالارمۇ ياراپ. يۇرىكىم بۇچۇق، دەرتلىرىڭ تالاپ. ئۇيىلىمەن تىكىلىپ قا...

  • ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش

    ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش...