ــ « مەن سىزنى سۆيىمەن ، مەڭگۈ سۆيىمەن ، سىزنى مەڭگۈ ــ مەڭگۈ سۆيىمەن »
قىز :
ــ قېلىن ...
يىگىت :
ــ « سىز مېنىڭ پەرىشتەم ، مېنىڭ بارىلىقىم ، مەن پەقەت سىز ئۈچۈنلا ياشايمەن ... »
مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ، كىشىلەر ئېغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭ مۇ قەددىمىسى .
تۈنۈگۈن مۇھەببەتتىن شاپائەت تىلەپ يۈرگەن تىلەمچىلەر ئەتىلا ئۆزىگە خەيرىخاھلىق يەتكۈزگەن شاپائەتچىلەر بىلەن بىرگە مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ، بىغۇبار ، نادان ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان مۇھەببىتىنى ھەم پاكلىقىنى بۇلغاپ ، ئۇنىڭ ئەتىسىلا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ھېسابلاپ ، ئۇلاردىن ئايرىلىدۇ ...
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
قىز : سىز ماڭا نېمە دەپ ۋەدە بەرگەن ، سىز ماڭا نېمە دىگەن؟
يىگىت : كەچۈرۈڭ !
قىز :
ــ « سىز ماڭا : ــ سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن ... ... » ــ دېگەنتىڭىزغۇ؟...
يىگىت : مېنىڭ ئۇ چاغدا نېمە دىگىنىم زادىلا ئېسىمدە يوق ...
قىز : نېمىشقا ... !؟
يىگىت : خوش ...
--------------------------------------------------------------------------
ئۇ سىزنى سۆيگەندە سىزنىڭ ئىككى قەدەم ئارقىڭىزدىن ماڭاتتى ، سىز بىلەن تونۇشۇپلا سىز بىلەن تەڭ ماڭدى . سىز ئۇنى سۆيۈپ بارىلىقىڭىزنى بېغىشلىغاندا بولسا ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ ، سىزدىن ئىككى قەدەم ئالدىڭىزدىن ماڭدى .
ئۇلۇغ ئاللا ھەممە كشىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن !
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!