بۇ كۇنلەردە قىز -يىگىتنى ئەجەپمۇ تويغازدى بۇ توي،
قىزلىرى بەك ئېگىزدە ئۇزاتساڭلار يەتمەيدۇ بۇ بوي.
تويلىقى بەكمۇ ئېغىر يەنە ئۆسەر قانچە كوي،
توينىڭ مەسلىھەت چىيىغا يەتتە خىل ئاش،ئالتە قوي. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سۈرۈشتۈرمەس كىشىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىنى،
سۈرۈشتۈرەر ئۇلار پەقەت، ئىختىساد ۋە ئۆيۋاقىنى.
ئالتە كۈنلۈك بولۇپ قالدى شۇ سەۋەپلىك بۇ نىكاھ ،
ناچار ئىللەت بۇلغىماقتا دوسلىرىم ئەخلاقىنى.
يىگىتنى سەرسان ئەيلىدى بۇ تويدىكى كۆپ پەتىۋا،
قىزغا تويلۇق مال ئۈچۈن موتونى سالغان نەدە بار.
توينى قىلغان شۇ يىگىتنىڭ نەچچەيەردە قەرزى بار،
قەرز تۈپەيلى ئەر-خوتۇننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار.
توي تۈگەپ نەچچە ئاي ئۆتمەي تۇرۇپ قىزلىق تەرەپ،
قىزلىرىنى ئايرىۋەتتى يىگىت تەرەپنى دىۋانە دەپ.
شۇ سەۋەپتىن توي بۇزۇلدى جەمىئىيەتنى بويتاق قاپلىدى،
قىز -يىگىتلەر دىيىشتى بويتاق يۈرۈپ ياشايلى دەپ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نەگە بارساڭ كوچىنى ناچار ئىللەت قاپلىدى،
تويدا پەشۋا يىگەنلەر قايتا جۆرە تاپمىدى.
قىز -يىگىتلەر ئوتتۇزدىن ئاشتى ھىچ ئىزامۇ تارتمىدى،
يا ئىنساپ، يا ئادالەتنى بازارلارغا ساتمىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دوستلىرىمغا ئىلتىماس توي قىلمىغىن ھەشەمەت،
ئەڭ مۇھىمى ئەي دوستۇم ئىسراپچىلىق قىلمىغىن.
ئۆز قولۇڭدا دوسلىرىم ئۆز گۆشۈڭنى شىلمىغىن،
گۈلنى گۈلگە قوش پەقەت، بوستاننى ۋەيران قىلمىغىن
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!