ئاڭلىغىن ئەي قىزچاق ساڭا بىرخىتاپ،
روھىڭ ۋە پاك قەلبىڭ بولمىسۇن بىتاپ،
ئەسلىڭنى، ۋەسلىڭنى ئۇنۇتما ھەرگىز،
پەزىلەت باپىدا بولما تىرىك تاپ .
www.iz.la
قىزدىمەك كەلگۈسى ئەۋلاتقا ئانا،
مىللەتكە ۋەتەنگە باش پانا،
بىر قولدا توختىماي تەۋرىتەر بۆشۈك،
يەنە بىر قولىدا تەۋرىتەر دۇنيا. www.iz.la
مىللەت دەپ ياشىغىن ئىپپىتىڭ بىلەن،
ۋىجدانىڭ،غۇرۇرىڭ،ئىززىتىڭ بىلەن،
ئەخلاقىڭ پاكلىقىڭ زىننەتتۇر ساڭا،
تارىخىڭ ئۆلچىنەر قىممىتىڭ بىلەن.
بىز ئۇيغۇر ئەسلىدە ئۇلۇغ بىر مىللەت،
بەلكى ساقلاندى ناچار بىر ئىللەت ،
ھايات ۋە ئەخلاقىنى بىرچەتكە قويۇپ،
يات ئەلدىن ئاشقاننى دىدۇق مەدىنيەت.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن