ئۈمۈدىمنى قىلسام پايانداز،
ماڭار سەنمۇ پىنھان يوللاردىن.
مەندىن قېچىپ تاپارسەن نېمە،
شەپقەت مۇزلاپ قالغان قوللاردىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تىنىقلىرىم ئۇرۇلسا مىسكىن،
كېتەرسەنمۇ ئۈنسىز تېرىكىپ.
بىرەر دوستۇڭ قىلسا تەرىپىم،
قالارسەنمۇ ئۇندىن زېرىكىپ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كىرىپ قالسام چۈشۈڭگە ئەگەر،
تۇرار سەنمۇ بىرلا سىلكىنىپ.
تاقارسەنمۇ ئىشىكنى مەھكەم.
سېغىنىشىم بارسا يېلىنىپ.
ئۆكسۈپ يۈرسەم ئىزىڭنى سۆيۈپ،
كۈلەرسەنمۇ ھەسىرەتلىرىمگە.
ئۆتەرسەنمۇ ھىجران تولدۇرۇپ،
چاڭقاپ تۇرغان قەدەھلىرىمگە.
بالكۇنۇڭغا قالسام ئېسىلىپ،
قۇتقۇزۇشقا بارارمۇ رايىڭ.
مۇزلاپ يۈرسەم سوغۇق شەھەردە،
قانداق تۈسكە كىرەر چىرايىڭ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سوراپ بارسام يەنە مۇھەببەت،
قىلارسەنمۇ كۆزۈڭدىن سۈرگۈن.
تىلەرسەنمۇ ئەجەلسىز ئۈلۈم،
ساڭا كۆيۈپ قالغىنىم ئۈچۈن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!