ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى،ئائىلە ئىشىلىرىنىڭ كۆپلۈكى ياكى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن،ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىسى ۋە كۆزىنىڭ ئۆپچۆرىسىگە بالدۇرلا قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ،بۇنىڭ سالامەتلىككە تەسىر بولمىسىمۇ،ئەمما چىرايىنى سەتلەشتۈرۈپ،كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھۆسىن تۈزەشنى تەتقىق قىلغۇچىلار مۇۋاپىق ھۆسىن تۈزەش ئۇسۇللىرىنى يەنى كىيىنىش،ياسىنىش ۋە تېرىنى ئاسىراش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق،ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.دەپ قارىماقتا. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يېشىغا مۇناسىپ كىيىنىشى لازىم.ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ چىرايىدا قورۇق بولغاچقا،كۆزى نۇرسىزراق كۆرۈنىدۇ،چېچىمۇ بەك پارقىرىمايدۇ،شۇڭا چاچنى بۈدۈرە قىلىپ،كەينىدىن بىر تال بوغۇۋېلىش ياكى ئېگىز تۈرۈۋېلىش لازىم.ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ھەمىشە سەمرىپ كېتىدۇ،كىيمىنى ئۆزىگە يارىشىملىق كىيگەندە سېمىزلىكى چانمايدۇ،مەسىلەن؛كوپتا-يوپكا كىيگەندە،كوپتىنى يوپكىنىڭ سىرتىغا چىقىرۋېتىش،يەڭسىز كوپتا-كۆڭلەكلەرنى كىيمەسلىك،چوڭ گۈللۈك رەختلەردىن كىيگەسلىكى كېرەك.ئۇشىشاق كاتەكچە ۋە يوللۇق رەختلەردىن كىيسە يارىشىملىق بولىدۇ،كىيمىنىڭ رەڭگى بەك رەڭسىز بولۇپ كەتمەسلىكى،شۇنداقلا بەكمۇ ئالىيېشىل بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك،شۇنداقلا بەكمۇ ئالىيېشىل بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.رەخىتنىڭ نېپىز-قېلىنلىقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قېلىنى رەختتىن تىكىلىگەن كىيم ئادەمنى سېمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يۈز يۇيۇش،كۈندە ئورۇنلىنىدىغان ئادەتتىكى ئىش ئەمما يۈزنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا،بالدۇر قورۇق چۈشۈپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يۈزنى يۇمشاق لۆڭگىدە سۈرتۈش،لۆڭگىنى پات-پات يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك.يۈزنى يۇغاندا يەڭگىل ئۇۋۇلاپ يۇيۇش، قاتتىق باسماسلىق، ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىر سوپۇندا يۇماسلىق كېرەك،يۈزنى ئىسىسىق سۇدا يۇغاندا،يۈز تېرىسىدىكى ماي ۋە كىرلار ئېرىپ ،تەر تۆشۈكچىلىرى تازىلىنىدۇ،سوغۇق سۇدا يۇغاندا،قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،تېرىنىڭ سوغۇققا چىداملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى يۈزنى ئىسىسىق سۇ بىلەن يۇغاندىن كېيىن سوغۇق سۇ بىلەن بىر چايقىۋېتىش،يۈزنى ئىسىسىق سۇدا يۇغاندا،يۈز تېرىسىدىكى ماي كىرلار ئېرىپ،تەر تۆشۈكچىلىرى تازىلىنىدۇ.سوغۇق سۇدا يۇغاندا،قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،تېرىنىڭ سوغۇققا چىداملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى يۈزنى ئىسىسىق سۇ ىبلەن يۇغاندىن كېيىن سوغۇق سۇ بىلەن بىر چايقىۋېتىش،يۈزنى يۇيۇپ بولۇپ،تېرىنىڭ ئاسىرايدىغان يۈز مايلارنى سۈرتۈپ لازىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!