ھايات _ بارلىق مەۋجۇداتلار ئۈچۈن چەكسىز قىممەتلىك، ئىنسان ئۈچۈن تېخىمۇ مۇقەددەستۇر. ھايات ئىككى خىل يوقلۇق، يەنى ئىجابىي يوقلۇق بىلەن مەڭگۈلۈك تاماملىنىش ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ قىسقا چاقناشتۇر. ئۇ، بىزنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنىڭ ئاچقۇچى. بىراق، سىزنىڭ ئىمكانىيەت مۇھىتىڭىز زادى قانچىلىك؟ ئۆزىڭىزنىڭ دەسلەپكى يوقلۇقىڭىز ئاداققى تاماملىنىشىڭىزنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ھېچنېمىگە تەڭ ئەمەس. زەررىچىلەر سېلىشتۇرما فورمۇلىسىمۇ ئۇنى ھېسابلاپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىشى مۇمكىن. بۇ بىر ھەقىقەتكى، ھايات ئۆزىڭىزنىڭ بۈيۈك تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك چاقناشقىمۇ ئېرىشەلەيدۇ.
ھايات _ بېشىڭىزدىلا ئۇچۇپ يۈرگەن ئەڭ خاسىيەتلىك، ئەڭ مۇقەددەس بىر قۇش. سىز مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنىدۇر تاشلاپ بېرىشىنى، گۈزەل پەر قېقىشلىرى بىلەن ئارزۇ دەرىخىڭىزنىڭ ئالتۇن شاخلىرىغا قونۇشىنى كۈتىسىز. ئۇ بىر بولسا، ھازىرلا بېشىڭىزغا قونىدىغاندەك، بىر بولسا ھازىرلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇ سىزنى زېرىكتۈرگەندىمۇ، بېشىڭىز ئۈستىدىن ھازىرلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىق ۋە يىرگىنچلىك تەرەپلىرىنى سېزەلمەيسىز. ئۈمىدىڭىز پاچاقلانغان، روھىڭىز خورىغان دەقىقىلەردىمۇ ئۇ يەنىلا سىزگە تاتلىق بىلىنىدۇ. ئۆلۈۋېلىش ئىستىكىنىڭ قۇترىشى ئەمەلىيەتتە ھاياتنىڭ تەمىگە چىدىمىغانلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھىدۇر.
بىز ھەممىمىز ھاياتنى ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن شەكلەنمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ھايات بىزنى ياشايدۇ. ئادەمنىڭ ماھىيىتى ياشاش تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي مەنىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بىراق، ئادەم بىلەن ھاياتنىڭ بىر - بىرىنى ياشاش ھالىتى ئاجايىپ تەكشىسىز ۋە يۈكسەك ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. ئادەم ئۈمىدلىرى ئارقىلىق يۈكسەك ئۇلۇغۋارلىققا ئېرىشكەن. بۇ خىل قانۇنىيەت ئادەمنىڭ ھايات رېئاللىقلىرى قاينىمىدا مەڭگۈ تىرىشىش سالاھىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھايات ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۈكسەك سالاھىيىتى مەۋجۇت ئەمەس. ئادەملەر دەل سەۋەب ئىزچىللىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بارلىق مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي ئېرىشىشلىرىنى بەلگىلەيدۇ. لېكىن، ئۇ ھاياتنىڭ ھەممە ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز خاھىشىغا، ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا يەنىلا مۇئەييەن ئاجىزلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئادەم بىلەن ھايات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەم مۇرەككەپ، ھەم ئىجتىمائىيلىققا ئىگە نىسبىي مۇناسىۋەتتۇر. ئۇلار چەكسىز بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ۋە قانۇنىيەتلىك خىرىس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى ئىجاد قىلىشتىكى ماھىيەتمۇ ئۆزىنىڭ ھايات ئالدىدىكى ئوبرازىنى چاقنىتىش ئۈستىدىكى كۈرىشىدۇر.
بىز مەڭگۈ ھاياتنى تولۇقلىغۇچى ۋە بېيىتقۇچى. ھاياتمۇ بىز ئۈچۈن تالايلىغان ئىمكانىيەتلەرنى يوشۇرۇپ ياتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، پۇرسەت ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولىدۇ، سىز نەپەسلىرىڭىز تاماملانغانغا قەدەر ھامان پۇرسەتلەر قاينىمى ئىچىدە ياشايسىز. پۇرسەت گويا ئەتراپىڭىزدا ئۇچۇپ يۈرگەن سەلتەنەت قۇشىغا ئوخشىشىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ بايقاشلىرىڭىز ئارقىلىق ئەقىل نۇرىڭىز بىلەن ئۇچرىشالىسا، سىز تېخىمۇ ئۆتكۈر ئۇچۇش قۇۋۋىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ناۋادا ئۇنداق بولمىسىچۇ؟ پۇرسەت ھەرگىزمۇ ھەقىقىي پۇرسەتكە ئايلىنالمايدۇ، شۇنداقتىمۇ سىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭىز كېرەك.
سىز ھاياتنى ئۆزىڭىزنىڭ قارشىسىدىكى خاسىيەتلىك ئەينەك دەپ چۈشىنىڭ. سىز كۈلسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە قاراپ كۈلىدۇ، سىز يىغلىسىڭىز، ئۇمۇ كۆز ياشلىرىنى تۆكىدۇ. ئەگەر سىز ئىشەنچىڭىزنى يوقاتسىڭىز، ئۇمۇ ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئۇنى تاردەك ھېس قىلسىڭىز، شەكسىزكى، ئۇ كۆز ئالدىڭىزدا تېخىمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۈمىدكە، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تۇرغىنىڭىزنى ئىپادىلىيەلىسىڭىز، ھاياتمۇ سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ؛ ناۋادا سىز ھاياتنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر يۈك دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭ غايەت زور يۈككە ئايلىنىپ، ئۆزىڭىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقىنىنى ھېس قىلىسىز... ئىشقىلىپ، سىز ئۇنىڭدىن ئۆز ئەكسىڭىزنى كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزدىن شەكلەنمەڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھايات _ ئەسلىدىنلا مەۋجۇت نەرسە. بىزنىڭ تەۋەللۇت دەقىقىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇ بىز ئۈچۈن يېڭىۋاشتىن ئايرىۋاشلانغان بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، سىزنىڭ قەدەم ئىزلىرىڭىز ئۇنىڭغا چېكىلىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭدا سىزنىڭ «چىغىر يوللىرىڭىز» شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىزنىڭ ئۇنىڭ باغرىغا چەككەن، ئۇنىڭ باغرىدا ئاچقان يوللىرىڭىز قانداق يول بولسا، سىزنىڭ ماڭىدىغىنىڭىزمۇ شۇنداق يول بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە: "جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى" 2000-يىللىق 2-سان.
www.iz.la