نوپۇزلۇق بىر كىنو تارىخى ئەسىرىدە چارلىز چاپلىنغا: «كىشىلەر چارلىز چاپلىننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىلا كىنونى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدە چارلىز چاپلىندەك پۈتۈن دۇنيا ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم بولۇپ باقمىغان » دەپ باھا بېرىلگەن. دەرۋەقە مىسالغا ئالىدىغان بولساق1921-يىلى چارلىز چاپلىن لوندوندا تۇرغان ئۈچ كۈن ئىچىدىلا كىنو مەستانىلىرىدىن 73مىڭ پارچە خەت تاپشۇرۇۋېلىپ كىنو مەستانىلىرىدىن ئەڭ كۆپ خەت تاپشۇرۇۋالغان چولپانغا ئايلانغان. چاپلىن1919-يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىل كىنو ئىشلەشكە كىرىشكەن. ئۇ ئۆز ھاياتىدا «ئالتۇن قېزىش»(1925-يىلى، «شەھەر نۇرى»(1931-يىلى)، «مودېل دەۋرى»(1936-يىلى)، «چوڭ مۇستەبىت»(1940-يىلى)، «فېرناندو ئەپەندى» (1947-يىلى) قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلىگەن. بۇ فىلىملەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا قويۇلۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. مانا مۇشۇنداق پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان كىنو چولپىنى ھاراقنىڭ كەينىدىن ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەنلىكتىن قازا قىلغان.