ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بايىنغۇلىن ئوبلاستى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەتنىڭ 12 مىليون يۈەنلىك ئوقۇش ياردەم مەبلىغىدىن مەنپەئەتلەندۈردى

2011-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان مەمەت خەۋىرى : بايىنغۇلىن ئوبلاستى بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈپ ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە بىمالال ، خاتىرجەم ئوقۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ، ئوبلاست بويىچە 16 مىڭ 400 نەپەر ئوقۇغۇچىنى دۆلەتنىڭ 12 مىليون 270 مىڭ يۈەنلىك ئوقۇش ياردەم مەبلىغىدىن مەنپەئەتلەندۈردى .

   بايىنغۇلىن ئوبلاستى مائارىپ بايلىقىنى يەنىمۇ ئېچىش ، مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ، مۇۋاپىق ياشتىكى بالىلارنىڭ تۈرلۈك باسقۇچتىكى مەكتەپلەردە داۋاملىق ئوقۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ، شەھەر ۋە يېزا–بازارلاردىكى ياشلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوبلاست تەۋەسىدىكى 16 مىڭ 400 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ھەر يىللىقى 1500 يۈەندىن دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىمەن قىلىشقا كىرگۈزۈشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ، ئوبلاست بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن قېلىش ھادىسىسى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ ، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قىزغىنلىقى ئاشتى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!