ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىمنى زىيارەت
جىڭ بو
پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى، نەتىجىسىدە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە دائىر سىياسەتلەردىن ئېنىق خەۋەردار قىلىپ، بالىلارنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىمنى زىيارەت قىلدى.
ئالىي مەكتەپلەردە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى ئورنىتىلدى
مۇخبىر: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟
تۇرسۇن ئىبراھىم: ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن مەكتەپ تەسىس قىلغان ‹‹راۋان يول›› ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، ئوخشىمىغان تەدبىر، ئۇسۇللار بويىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى ئاساس، دۆلەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلار قوشۇمچە قىلىنىدۇ؛ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساس، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئىگە بولۇش قاتارلىقلار قوشۇمچە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت يەنە ئىجتىمائىي كوللېكتىپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ۋە ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ئورتاق ياردەم بېرىشكە پائال يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى.
دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەر ئوقۇش يىلىدا بىر قېتىم باھالاپ بېكىتىلىپ، ئون ئاي بويىچە تارقىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. مەملىكەت بويىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىلىغا 3000 يۈەن، كونكرېت ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىلىغا 2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە بولىدۇ، 2 – دەرىجە ۋە 3 – دەرىجە، دەپ ئايرىلىدۇ. دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى ئوخشاش ئوقۇش يىلىدا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ياكى ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپاتىنى تەڭلا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپاتى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ بېكىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپاتى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىمدىلا تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپىغا خاتىرىلىنىدۇ. دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 5000 يۈەن بولىدۇ. دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ئىچىدە يەنە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، لېكىن، بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئوبيېكتى 2 – يىللىقتىن يۇقىرى (2 – يىللىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپىي مەكتەپ، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋان ئالىدىغانلار)تا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدىغان، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە ئېستېتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەركىزىي ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ تەسىس قىلغان، ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدۇر. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ بېكىتىلىپ، دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش بېسىلغان تەقدىرنامە تارقىتىلىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپىغا خاتىرىلىنىدۇ. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 8000 يۈەن بولىدۇ. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، ئەمما، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار شۇ ئوقۇش يىلىدا يەنە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا ھەم ئالسا بولىدۇ. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ئوبيېكتى 2 – يىللىقتىن يۇقىرى (2 – يىللىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپىي مەكتەپ، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋان ئالدىغانلار) مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى››
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىز ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە قايسى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟
تۇرسۇن ئىبراھىم: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2010 – يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپلەردە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى›› نى تەسىس قىلىشنى، يىلدا 160 مىليون يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى 2000 يۈەن، كونكرېت ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولىدۇ، 2 – ۋە 3 – دەرىجە، دەپ ئايرىلىدۇ، دەپ بېكىتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئالىي مەكتەپلەر (پۇقراۋى مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ئوبيېكتى: ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىدىغان؛ سەمىمىي، راستچىل، يۇقىرى ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە؛ تىرىشىپ ئۆگىنىپ پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان؛ ئائىلىسىدە ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بار، تۇرمۇشتا ئاددىي – ساددا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ‹‹ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش›› سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەندى
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا پايدىلىق قانداق ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى؟
تۇرسۇن ئىبراھىم: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىش سىياسىتى 2009 – يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىش ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلدى. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى رەسمىي ئوقۇش تەۋەلىكى بولغان، 1 – ، 2 – ، 3 – يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى يېزا نوپۇسىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار (سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقىلىرى)، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يېزا نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، باشقا جايلاردىكى باشقا كەسىپتىكى مەكتەپلەردە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %25ى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ شەھەر نوپۇسىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %15ى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇنۇلارنى قارار قىلدى: 2010 – يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، دۆلەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىش سىياسىتى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزىلىرىدىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر شۇنداقلا شەھەرلەردىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇسا، ئۇلارنىڭ ياتاق پۇلى، ئوقۇش ماتېرىيال پۇلى بىكار قىلىنىدۇ، يەنى ‹‹ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش›› سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدۇ. ياتاق پۇلى، ئوقۇش ماتېرىيال پۇلىنى بىكار قىلىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 900 يۈەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ياتاق پۇلى 600 يۈەن، ئوقۇش ماتېرىيال پۇلى 300 يۈەن بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى 2010 – يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى %30 ئوقۇغۇچى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 يۈەن بولىدۇ. كونكرېت ئۆلچىمى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولىدۇ، 2 – دەرىجە ۋە 3 – دەرىجە، دەپ ئايرىلىدۇ.