تېرىنىڭ قانداق تىپلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بار

ۋاقتى:2009-10-03 09:09مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
   (1) نورمال تېرە (نېيترال): بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، ساغلام، توقۇلمىسى زىچ، تېرە ماي بېزى ۋە تەر بەزلىرىنىڭ ئاجرالمىلىرى راۋان، پارقىراق سىلىق بولىدۇ. لېكىن پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى چوڭراق بولۇپ، يازدا مايلىشىپ، قىشتا قۇرۇشۇپ تۇرىدۇ. (2) قۇرغاق تېرە (مېيى كەمچىل): تەن سالامەتلىك، ئوزۇقلىنىش ۋە تېرىنى ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، تېرىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشى كېمىيىپ، تېرە قۇرغاق، ماي تەركىبى ئاز بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل تېرىنىڭ پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى چوڭراق بولىدۇ. (3) قۇرغاق تېرە (سۈيى كەمچىل): بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تېرە توقۇلمىلىرى بوش، تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېنىق ئەمەس، ئېپېدېرما قېلىنراق بولۇپ، سۇ تەركىبى ئاسان پارلىنالمايدۇ؛ تېرىنىڭ رەڭگى ئاق، سىلىق، لېكىن قورۇق ئاسان پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تېرە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، مۇھىت ۋە كەيپىيات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئاسانلا قېرىپ كېتىدۇ. (4) مايلىق تېرە: بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېنىق، يوغان، تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرالمىلىرى كۆپ بولۇپ، دانىخورەك ۋە كىچىك ھۈررەكلەر ئاسان پەيدا بولىدۇ. يۈزى، بولۇپمۇ پىشانە، قاڭشار، ئىڭەك قاتارلىق ئورۇنلار خۇددى بىر قەۋەت ماي سۈرۈپ قويغاندەك تۇرىدۇ. تېرىنىڭ رەڭگى قارامتۇلراق بولۇپ، سۇس قوڭۇر ياكى قوڭۇر، ھەتتا قىزىل مىس رەڭلىك بولىدۇ. بۇ خىل تېرىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى تەكشىسىز، تۇراقسىز بولۇپ، ئىشقارلىق ئېشىپ كەتكەندە، تېرىدە ئاسان داغ پەيدا بولىدۇ. (5) ئارىلاشما خاراكتېرلىك تېرە : بۇنىڭدا مايلىق تېرە بىلەن قۇرغاق تېرە ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. مايلىق قىسمى پىشانە قاڭشار ۋە مەڭىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە T ھەرىپى شەكلىدە بولىدۇ، كۆز ئەتراپى ۋە مەڭزى قۇرغاق بولىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاياللارنىڭ تەخمىنەن 80 پىرسەنتىنىڭ تېرىسى ئارىلاشما خاراكتېرلىك تېرە تىپىغا كىرىدىكەن. ئومۇمەن، مەيلى سىزنىڭ تېرىڭىز قايسى خىل تېرە تىپىغا كىرسۇن، تېرىڭىزنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاسرىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، تېرىڭىز يۇمشاق، ئاپئاق، سىلىق، پارقىراق بولۇپ ياشلىق ھاياتىي كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
75%
ئالقىشلايمەن
(2)
25%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چاچ ئاسىراش رىتىسىپىلىرى

    1. ئوزۇقلۇق تەركبى مول بولغان يىمەكلىكىلەرنى ئىسىتىمال قىلىش لازىم. ئوزۇقلۇق مول بولمىسا ، چاچ زەخمىگە ئۇچىرايدۇ ، چاچىنڭ پارقىراقلىقى يوقايىدۇ . تەركبىدە ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار مول ، ياغ تەركبى ئاز بولغان يىمەكلىكىلەرنى ، ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىك...

  • پەرداز بۇيۇملىرە ۋە تىرەكېسەللىكى

    ھەممە ئادەم گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزنى پەردازلاپ گۈزەل ياسنىۋالغانلىقى نۇرمال ھادىسە .بىراق يەنە بىر قىسىم ئاياللاردا پەررداز بۇيۇملىرنى ئىشلەتكەندىن كىيىن يۈز - كۆزلىرى قىزىرىپ ئىشىشىپ قىلىش ، ياللغۇغلىنىش ھادسلى...

  • چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر

    چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر ئادەم 30-40 ياشلارغا بارا بارماي چېچى قېرىشقا باشلايدۇ. ھالبۇكى چاچنىڭ گۈزەلىكى بارلىق گۈزەلىكلەرنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ياش ۋاقتىڭز دىن تارتىپلا مۇۋاپىق بولغان توغرا ئۇسۇل بىلەن چېچىڭزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرشىڭىز...

  • ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

    ئامرىكىدىكى كۆپلىگەن ھۆسۈن تۈزەش مۇتەخەسسىسلىرى،ئايالللار يۈز تېرىسنىڭ پارقىراق ،يۇمران بۇلۇشى ،ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ھالقا - بەدەندىكى پېروكسىدلىق مايلارنى كېمەيتشتۇر،دەپ قارايدۇ. ئاياللار نىڭ بەدىندىكى بۇخىل ماددا 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان...

  • سۈت ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش

    سۈت بىلەن ھۆسن تۈزەشتە ئاساسلىقى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي ۋە ۋېتامىنلاردىن پايدىلىنىپ موسكۇللارنى رۇسلاش ۋە ھۆسن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەزى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھۆسن تۈزەش مېيى ئورنىدا قېتىق قىلپ ئىشلىنىدۇ. سۈت ئەسلىدىلا بىر خىل ئىمۇلگات...

  • چېچىڭىزنى ئاسىراشتا...

    مۇتەخەسىسلەر : ئاپتاپتا ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىلەر چېچىنى يېشىل چايدا يۇيۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى يېشىل چاي تەركىبىدىكى چاچ مېيى باش تېرىسى ۋە چاچ يىلتىزىنى ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.بۇنىڭ ئاپتاپتا قاقلانغان چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولى بار...

  • تۇخۇم ئېقى يېڭى تاتۇقنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك

    جاراھەت قاقاچ تۇتۇشتىن بۇرۇن يەرلىك توخو تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ بەرسە، جاراھەت تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، جاراھەتلەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى جاراھەتلەنمىگەنگە ئوخشاش بولۇپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلاپ قالغىلى بو...

  • بەدەندىكى ماينى خورىتىشنىڭ توققۇز خىل ئۇسۇلى

    1.ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق؛ 2.سەيلە قىلغاندا ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈۋېلىش؛ 3.ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش؛ 4.ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ 5.ئۆرە تۇرۇپ تېلېفون ئۇرۇش؛ 6.ئىش ئۈستىلىدىن ئايرىلىش؛ 7.ئۇسسۇل ئويناش؛ 8.تاماقنى كونتىرول قىلىپ ئورۇقلىماسلىق؛ 9.ئۆرە ت...

  • مايلىق تېرىلەرنى قانداق ئاسراش كېرەك

    مايلىق تېرە بىلەن قۇرغاق تېرە بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى بولۇپ، مايلىق تېرە قارىماققا ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، بىراق ھەر خىل سىرتقى غىدىقلىنىشلارغا چىداملىقراق كېلىدۇ. شامال ۋە كۈن نۇرىدىن قورقمايدۇ. ئاسان قېرىمايدۇ، قورۇق كېچىكىپ چۈشىدۇ. لېكىن بۇ خىل تېرىلە...

  • ھۆسىن تۈزەشكە پايدىلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

    پەمىدۇر: ھەر كۈنى بىر ئىستاكان پەمىدۇر شەربىتىگە مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى ئاسىرايدۇ.دائىم پەمىدۇر شەربىتى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنى ئاقارتىپ پارقىراق قىلىدۇ. تاۋۇز: تاۋۇز شاپىقىن...