يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى كۆپ ئىشلىتىۋەتكەندە پھكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ-دە، ئاسانلا تېرىدە مەسىلە پەيدا بولىدۇ. ئەگەر مەلھەم تۈرىدىكى بولسا چىمچىلىقىمىزنىڭ 1-ئۈگىسىنىڭ يېرىمىچىلىك ئالساقلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر سۇيۇق ھالەتتىكىسى بولسا بىر يۈئەنلىك تەڭگە پۇلنىڭ 2/3 چىلىك چىقارساقلا كۇپايە قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك جەۋھىرى
ئۆسۈملۈك جەۋھىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئىشلىتىلىش مىقدارى چۈشەندۈرۈش كىتابىدىكى كۆرسەتمىدىن ئېشىپ كەتكەندە تېرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر تېرىڭىزنى ياخشى ئاسرىماقچى بولسىڭىز، داۋاملىق تېرىڭىزگە ماس كېلىدىغان جەۋھەرنى ئىشلىتىڭ، بىر قېتىمدا بىر مولۇق تەڭگە پۇلنىڭ 1/2 لىك ئىشلىتىڭ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
كۆز مەلھىمى
كۆز مەلھىمىنى ئىشلەتكەندە بىر دانە گۈرۈچچىلىك چوڭلۇقتا ئىشلەتسەك بولىدۇ. كۆز ئەتراپىنىڭ تېرىسى نېپىز بولغاچقا ، ئاساسەن دېگۈدەك تەر تۆشۈكچىلىرى بولمايدۇ، شۇڭا كۆز مەلھىمىنى كۆپ ئىشلىتىۋەتكەندە تېرىدە ماي دانچىلىرى پەيدا بولمايدۇ.