ھۆسىن تۈزەش رىتسىپلىرى

ۋاقتى:2011-07-13 10:37مەنبە: يوللىغۇچى:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
   خام تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى تاكى ئاپئاق كۆپۈك پەيدا بۇلغۇچە چېلىپ ،بىھى شىرنىسى قۇشۇپ ،ئاندىن يۈزىگە سۈرۈپ ،بىر پەس ئۇۋۇلىغاندىن كىيىن ،ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە يۈزىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.
2.بىر قۇشۇق زەيتۇن يېغىغا بىر دانە تۇخۇم سېرىقنى ئوبدان ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن ،يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
3.خام ئالمىنى يۇمشاق چاناپ بىھى شىرنىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ،يۈزىگە سۈرسە يۈزىنى پارقىرتىدۇ.
4. پىششىق ئالمىنى يۇمشاق ئىزىپ ،سۈت بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ،يۈزىگە سۈرۈپ 15 مىنۇتتىن كىيىن ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە ،يۈزىنى يۇمشاق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
5. 3گىرام سەمغى ئەرەبىنى مىۋە سۈيىدە ئىرىتىپ ،يۈزىگە سۈرۈپ ،بىر ئاز تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيۇۋەتسە يۈز تېرىسىنى ياخشىلايدۇ. copyright by www.iz.la
6.ھۆل كاسىنىنڭ غولى ۋە يۇپۇرمىقىنى ئوبدان ئىزىپ سۈيىنى چىقرىپ ،ئۇنىڭغا تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈرۈپ .10 مىنىۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيۇۋىتلدۇ. بۇ تېرە تەر بەزلىرىنى جانلاندۇرۇپ يات ماددىلار نى تەر ئارىلىق ھەيدەيدۇ ھەمدە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
7.يالپۇزنى ئىزىپ ،سۈيىنى چىقىرىپ ،تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈرسە يۈز تېرىسى قىچشىشنى توختىتىپ ،مۇدۇرلەرنى يۇقىتىدۇ،يۈزىنى پارقىرتىدۇ.
8.ھۆل ئۈززۈمنى زەيتۇن يېغىدا قاينىىتپ سۈيىنى يۈزىگە سۈرسە ،يۈزىنى پارقىرتىپ ،قورۇقلارنى يوقىتىدۇ.
9. ئوبدان پىشقان ھۆل قاپاقنى قاينىىتپ ھالۋىدەك قىلغاندىن كىيىن يۈزىگە سۈرسە ،رەڭگىرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە پارقىرتىدۇ. www.iz.la
10. ئاپلىسننى يۇمشاق ئىزىپ يۈزىگە سۈرسە ،تېرىنى يۇمشاق قىلىدۇ.
          تېرىنىڭ ساغلام ،پارقىراق بۇلۇشى ھەمدە تېرىنىڭ يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇسخا پايدىلىق.
11.  20گىرام قۇرۇق بىنەپشنى 0.5لىتىر سۇغا ئىككى سائەت چىلىغاندىن كىيىن ئوتقا قۇيۇپ بىر نەچچە مىنۇت قاينىىتپ ،سۈزۈپ ئېلىپ كۈندە ئۈچ ئىستاكان ئىچسە بۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئەتىياز پسلىدە قوللانسا تېخىمۇ ياخشى.
12.بىر نەچچە دانە لەيلىگۈلنى 1 لىتىر سۇدا قاينىىتپ ،سۈزۈپ ،يۈزىنى يۇيسا ،قۇرۇقلۇقتىن بولغا تېرە كىپەكلىشىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
13. كەرەپشىنى پاكىز يۇيۇپ ،سىقلىغان سۈيىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ،ھەپتىدە ئىككى قېتىم يۈزگە سۈرسە ،يز تېرىسىنى ييۇمشاق ،پارقىراق قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

14.پاكىزە ئۈجمنى يۈزىگە سۈرۈپ ،ئاندىن كىيىن ئەرىقى گۈل بىلەن يۇيۇۋەتسە ،يۈزدىكى قورۇقلارنى يوقىتىدۇ.
15. ئۈزۈميېغى تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  500 مىللىلىتىر ئۈزۈم سۈيىنى 100 مىللىلىتىر تاتلىق بادام يېغى ۋە 5گىرام سېرىق موم بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ،لازىم بولغاندا ئازىراق قىزىتىپ يۈزىگە سۈرسە بۇلىدۇ.
16. ناشتىدا زەيتۇن يېغى بىلەن سىياداننى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،يۈزىنى سىلىق ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
17. ئاخشىمى يېتىشتىن ئىلگىرى بىر نەچچە تال تەرخەمەكنى يەپ ،ئەتىگىنى سۇغا چىلاپ قۇيۇلغان قەلەمپۇرنى سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىگە ھەسەل قۇشۇپ ئىچسە ،جىگەرنى كۈچەيتىپ ،بەدەنگە ئاراملىق بېغىشلايدۇ،چىراينىڭ سارغىيشىنى يۇقىتىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
18. بىر ئىستاكان كالا سۈتى ياكى يېڭى خام قايماققا 10 دانە بۆلجۈرگەن قۇشۇپ يۈزىگە سۈرۈپ 15-20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىىين سوغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسە ،تېرىنى تازىلايدۇ ۋە ئۇزۇقلاندۇرىدۇ.
19. خام ياڭيۇنى كىسىپ تېىرىگە سۈرسە ،ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ چۈشۈشنى تىزلىتىپ ،زەخمىلەنگەن تېرىنىڭ ساقىيشىنى تىزلىتىدۇ.
20. نۇقۇت يېغىنى يۈزىگە داۋاملىق سۈرۈپ بەرسە ،داغ ۋە سەپكۈلەرنى يوقىتىدۇ.
21. كەتىرانى يۇمشاق سۇقۇپ ،ئەنجۈر  شىرنىسىدە مەلھەم قىلىپ يۈزىگە چاپسا ،داغ ،سەپكۈننى يوقىتىدۇ.
22. كىرپە گۆشىنى قۇرۇتقاندىن كىيىن ، كۆيدۈرۈپ سۇقۇپ ، سىركىدە مەلھەم قىلىپ يۈزىگە چاپسا ،داغ ۋە سەپكۈنى يوقتىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


23. گۈلسەۋسەن ۋە ئارپىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا ئىزىلگۈدەك قاينىتىپ ،ئۇنىڭغا .اق موم ئارىلاشتۇرۇپ ،مەلھەم تەييارلاپ يۈزىگە سۈرسە ،داغ ۋە سەپكۈننى يوقتىدۇ.
24. قۇغۇن ئۇرۇقى مېغىزى ،تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزلىرىنىڭ ھەربىرىدىن 60گىرام ،تەرەنجىبىندىن 35گىرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ ،مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەلدە مەلھەم قىلىپ يۈزىگە سۈرسە ،داغ ۋە سەپكۈننى يوقىتىدۇ.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چاچ ئاسىراش رىتىسىپىلىرى

    1. ئوزۇقلۇق تەركبى مول بولغان يىمەكلىكىلەرنى ئىسىتىمال قىلىش لازىم. ئوزۇقلۇق مول بولمىسا ، چاچ زەخمىگە ئۇچىرايدۇ ، چاچىنڭ پارقىراقلىقى يوقايىدۇ . تەركبىدە ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار مول ، ياغ تەركبى ئاز بولغان يىمەكلىكىلەرنى ، ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىك...

  • پەرداز بۇيۇملىرە ۋە تىرەكېسەللىكى

    ھەممە ئادەم گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزنى پەردازلاپ گۈزەل ياسنىۋالغانلىقى نۇرمال ھادىسە .بىراق يەنە بىر قىسىم ئاياللاردا پەررداز بۇيۇملىرنى ئىشلەتكەندىن كىيىن يۈز - كۆزلىرى قىزىرىپ ئىشىشىپ قىلىش ، ياللغۇغلىنىش ھادسلى...

  • چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر

    چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر ئادەم 30-40 ياشلارغا بارا بارماي چېچى قېرىشقا باشلايدۇ. ھالبۇكى چاچنىڭ گۈزەلىكى بارلىق گۈزەلىكلەرنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ياش ۋاقتىڭز دىن تارتىپلا مۇۋاپىق بولغان توغرا ئۇسۇل بىلەن چېچىڭزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرشىڭىز...

  • ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

    ئامرىكىدىكى كۆپلىگەن ھۆسۈن تۈزەش مۇتەخەسسىسلىرى،ئايالللار يۈز تېرىسنىڭ پارقىراق ،يۇمران بۇلۇشى ،ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ھالقا - بەدەندىكى پېروكسىدلىق مايلارنى كېمەيتشتۇر،دەپ قارايدۇ. ئاياللار نىڭ بەدىندىكى بۇخىل ماددا 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان...

  • سۈت ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش

    سۈت بىلەن ھۆسن تۈزەشتە ئاساسلىقى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي ۋە ۋېتامىنلاردىن پايدىلىنىپ موسكۇللارنى رۇسلاش ۋە ھۆسن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەزى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھۆسن تۈزەش مېيى ئورنىدا قېتىق قىلپ ئىشلىنىدۇ. سۈت ئەسلىدىلا بىر خىل ئىمۇلگات...

  • چېچىڭىزنى ئاسىراشتا...

    مۇتەخەسىسلەر : ئاپتاپتا ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىلەر چېچىنى يېشىل چايدا يۇيۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى يېشىل چاي تەركىبىدىكى چاچ مېيى باش تېرىسى ۋە چاچ يىلتىزىنى ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.بۇنىڭ ئاپتاپتا قاقلانغان چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولى بار...

  • تۇخۇم ئېقى يېڭى تاتۇقنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك

    جاراھەت قاقاچ تۇتۇشتىن بۇرۇن يەرلىك توخو تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ بەرسە، جاراھەت تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، جاراھەتلەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى جاراھەتلەنمىگەنگە ئوخشاش بولۇپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلاپ قالغىلى بو...

  • بەدەندىكى ماينى خورىتىشنىڭ توققۇز خىل ئۇسۇلى

    1.ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق؛ 2.سەيلە قىلغاندا ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈۋېلىش؛ 3.ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش؛ 4.ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ 5.ئۆرە تۇرۇپ تېلېفون ئۇرۇش؛ 6.ئىش ئۈستىلىدىن ئايرىلىش؛ 7.ئۇسسۇل ئويناش؛ 8.تاماقنى كونتىرول قىلىپ ئورۇقلىماسلىق؛ 9.ئۆرە ت...

  • مايلىق تېرىلەرنى قانداق ئاسراش كېرەك

    مايلىق تېرە بىلەن قۇرغاق تېرە بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى بولۇپ، مايلىق تېرە قارىماققا ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، بىراق ھەر خىل سىرتقى غىدىقلىنىشلارغا چىداملىقراق كېلىدۇ. شامال ۋە كۈن نۇرىدىن قورقمايدۇ. ئاسان قېرىمايدۇ، قورۇق كېچىكىپ چۈشىدۇ. لېكىن بۇ خىل تېرىلە...

  • ھۆسىن تۈزەشكە پايدىلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

    پەمىدۇر: ھەر كۈنى بىر ئىستاكان پەمىدۇر شەربىتىگە مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى ئاسىرايدۇ.دائىم پەمىدۇر شەربىتى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنى ئاقارتىپ پارقىراق قىلىدۇ. تاۋۇز: تاۋۇز شاپىقىن...