ئاۋۋال يۈزىڭىزگە سىناق قىلىڭ مۇۋاپىق ئۇپا تاللاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈش ، ئەمما ئۇپىنى بىلەك ، قولغا سۈرۈپ كۆرۈشكە بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ ئورۇنلاردىكى تېرىنىڭ رەڭگى بىلەن يۈز تېرىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەڭ ياخشىسى مەڭىز سۆڭىكىدىن ئىڭەككىچە بولغان ئارىلىققا ئۈچ خىل رەڭلىك ئۇپىنى سۈرۈپ سىناپ بېقىش كېرەك . رەڭ يەنە بېكىتىلمىگەندە . ئۇپىنى پېشانىگە سۈرۈپ كۆرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ماس كېلىدىغان ئۇپىنى تەڭشەپ ئىشلىتىش ئادەتتە يازدا ئۇپا تاللاشتا قىشتا ئىشلىتىدىغان ئۇپىدىن بىر دەرىجە قېنىق رەڭدىكىنى تاللاش كېرەك . مۇۋاپىق رەڭدىكى ئۇپىنى تاپالمىغاندا ، تېرىسىگە ماس كېلىدىغان رەڭدىكى ئىككى خىل رەڭلىك ئۇپىنى تەڭشەپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
ھال رەڭلىك ئۇپا ماس كەلمەيدۇ ھال رەڭلىك ئۇپا يۈزى بەك ئاقلارغا مەس كەلمەيدۇ . ئەگەر گىرىمىمىز تەبىئىي بولسۇن دەيدىكەنمىز ، سەل سېرىقراق رەڭدىكى ئۇپىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ھال رەڭلىك ئۇپا سۈرگەندە تېرىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، تېرىدىكى نۇقسانلار چېنىپلا قالىدۇ .