24-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلغان ئاۋسترالىيە زۇڭلى سايلىمىدا نۆۋەتتىكى زۇڭلى لۇك ۋېن سايلام رىقابىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكتىن ، ئۇنىڭ بىردىنبىر رىقابەتچىسى بولغان مۇئاۋىن زۇڭلى جۇلىيا گىلارد بىۋاستە ھالدا سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئاۋسترالىيىنىڭ 27-نۆۋەتلىك زۇڭلىلىقىغا سايلاندى ھەمدە ئاۋسترالىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولۇپ قالدى .
سابىق زۇڭلى لۇك ۋېن يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم ئاممىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن ، ئاخبارات بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي سايلام رىقابىتىدىن چېكىنىپ چىقتى .