
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، بەرنا ھالىتىڭگە ئىشىنىپ يۈرمەي. ئەتراپىڭدا ئايلانمىسۇن شەيتانلار، ئازغۇنلۇق يۇلىدا مېڭىپ سالماي. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، گۈلدەك،چىرايىڭ ،سامان بولمىسۇن. ئاتا-ئاناڭ،دوسلىرىڭ ئالدىدا، قەدرىمى-قىممىتىڭ ساقلىنىپ قالسۇن. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، پۇل-مال دۇنيانىڭ قۇلى بولمىغىن. ئادىمى شەيتاننىڭ كىرىپ ئارقىغا، ئازغۇنلۇق يۇلىدا مېڭىپ سالمىغىن. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، ئۇيغۇر يىگىتلىرى ھەۋەس قىلسۇن. ئۇنداق-مۇنداق دېگەن شۇ يىگىتلەر، سىنىڭ ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولسۇن. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، ياخشى قىزلارغا پۇقۇڭ يۇقمىسۇن. ئىمان-ئىتقات ھايانى ئۇنۇتما، يات مىللەت ئىچىدە يۈزىمىز قالسۇن. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، ھايات،قەدرىنى،غەنىمەت بىلگىن. كۆرۈنمىسۇن گەر سۇلغۇن چىرايىڭ، ئىمان-ئىتقات، پاكلىقنى، چىن بىلگىن. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، ۋاقتىڭنى قەدىرلەپ تىرشىپ ئۆگەن. قەلبىڭنى بىزەپ ئىلىم-بىلىم نۇرىدا، قىزلارغا خاس ،ئىسىل ،خىسلەت ئۆگەن. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، بىر ئانا بۇلۇپ بۈشۈك تەۋرىتىسەن. ئۇ بىر بۈشۈك ئەمەس دۇنيا بۈشۈكى، جەميەت ئائىيلىگە مەسئۇل بولسەن. 
قەدرىڭنى ساقلىغىن ئۇيغۇر قىزى، نام نىشانىڭ ئەل قەلبىدە قالسۇن . ھەقىقى بىر ئايال بۇلۇپ ياشىغىن، فەرزەنتىڭ سىنىڭدىن ئۆلگە ئالسۇن. 
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-18 16:12
|