ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار قەلبىمنى ئوغىرلىۋالغان يانچۇقچى يىگىت
كۆرۈش: 201|ئىنكاس: 5
go

قەلبىمنى ئوغىرلىۋالغان يانچۇقچى يىگىت  

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قەلبىمنى ئوغىرلىۋالغان يانچۇقچى يىگىت

ياق ،ياق ...ئابلىكىم مېنى تاشلىۋەتمەڭ ،مېنى تاشلاپ كەتمەڭ...توختىماستىن ئۇنىڭ پۇتلىرىغا يامىشىپ نالە قىلاتتىم .ئەمما ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويماستىن مەغرۇركۈلگىنىچە كېتىپ بارىدۇ .يېنىدىكى كىمكىنە ؟بۇدرە چاچلىق ،بىر قاراشتا ئورۇس قىزلىرىغا ئوخشاش بىرىنى قولتۇقلىۋاپتۇ تېخى. يەردە توپىغا مىلەنگەن چاچلىرىمنى يۇلغانچە ئولتۇرۇپ قالدىم .ئەتراپىمدا ئۆزۈم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر توپ كىشىلەر مېنى مازاق قىلىپ كۈلىشىۋاتىدۇ .نەدىندۇر يەر تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك بوش ۋە زەئىپ بىر ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتىدۇ ..دادا؟ دادامنىڭ ئاۋازىغۇ بۇ ؟
«قىزىم ،قىزىم..» ،دادام مېنى چاقىرىغاچ .كىملەرنىدۇر تىللاپ قارغاۋاتتتتى.قولىغا نېمىلەرنىدۇر ئېلىپ بىر سېنى قوغلاۋاتىدۇ...دادامنى ئىزلىمەك بولۇپ ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كۆزۈمنى ئاچتىم ...
ۋوي چۈش كۆرۈپتىمەنغۇ ..نېمىدىگەن كۆڭۈلسىز چۈش بۇ .يەنە قارا بېسىپتۇدە .كۆزۈمنى ئاچسام ياتىقىمدا يېتىپتىمەن .ئەتراپىمدا ھېچكىم يوق .ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتىم .تۇرۇپلا بايا كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلىدىم .مۇشۇنداق چۈشلەرنى تالاي قېتىم كۆردۈم ھە.ھەي ئابلىكىم ،ماڭا نېمىشقا مۇشۇنداق قارا چۈشلەرنى راۋا كۆردۈڭ ؟يەنە نېمە دەپ مېنى ئارامىمدا قويمايدىغانسەن؟مېنىڭ چۇشلىرىممۇ نەقەدەر شىرىن تۇيغۇلارغا موھتاج ھە..ئوڭۈمدا ئەمەس چۈشۈمدە بولسىمۇ ماڭا شۇنچىلىك ھۇزۇرنى راۋا كۆرمىگىنىڭ نېمىسى ؟باغرىڭ نېمانچە تاش سېنىڭ ؟..

توۋا..مەنمۇ بىر چاغلاردا ئاتا –ئانامنىڭ باغرىدا شۇنچە ئەركە ئۆسكەن قىز ئىدىمغۇ.تەقدىر-قىسمەتنى ياشلىق باھارىمنىڭ دەسلەپكى بەتلىرىگە مۇنۇ قورقۇنۇچلۇق چۇشلەرنى يېزىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن.ھاياتىمدا بېسىلغان تۇنجى قەدەمنىڭ بۇنداق ئوڭۇشسىز بولۇشىنى كۈتمىگەن ئىدىم .

كىچىك چاغلىرىمدا ئۆينىڭ كىچىكى ھەم بىرلا قىز بولغاچقا ئاتا –ئانامنىڭ پەپىلەپ چوڭ قىلىشى بىلەن ئۈستىبېشىمغا توپا چاڭ قوندۇرماي تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىقتىم .شۇ يىلى قىشتا ئانام تۇيۇقسىز كەلگەن شۇم كىسەلنىڭ دەستىدىن يىقىلدى.شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كۆڭۈلسىز كۈنلىرىم باشلاندى.ئۆينىڭ بارىلىق ئېغىر يىنىك ئىشلىرى مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى.ئەزەلدىن ئۆيدە «مەلىكە»لەرچە كۈتۈنۈپ كەلگەن مەن بۇلارغىمۇ بارا-بارا كۆنۈپ كەتتىم .مەكتەپتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇيتتۇم.كىچىكىمدىن تارتىپ قەلبىمدە ھاياتقا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى بولغاچقىمىكىن تولىمۇ جايىل ئىدىم .قىلىمەن دېگەن ئىشىمنى قىلمىسام قويمايتىم.شۇنداق قىلىپ مەن تۇللۇق ئوتتۇرامەكتەپنىمۇ پۈتتۈردۇم ھەم ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتۈم،چاقىرىق قەغىزىنى قولۇمغا ئېلىپ قانداق خوشال بولغان بولسام خوشاللىقىم شۇنچە تېز ئاخىرلاشتى.چۈنكى مېنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز مىھنىتى بىلەن بېقىپ مۇشۇ بەختىيار كۈنلەرگە ئىرىشتۈرگەن،مېنىڭ كەلگۈسۈمنى دەپ قانچىلىك قىينالسىمۇ ھەتتا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمىسىمۇ مېنى ئوقۇشتىن توختاتماي ،4يىلدىن بېرى كېسەل ئازابىدا ئىڭراپ ياتقان ئانام بار ئىدى.مەن ئەمدى كىچىك ئەمەس،بۇلارنى ئويلىيالمىغىدەك دەرىجىدە كىچىك ئەمەس.ھېلىمۇ مەن بىر قىز بالا تۇرۇپ 4 يىلدىن بېرى بىچچارە ئانامنى ئاكىلىرمنىڭ يەڭگىلىرمنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويدۇم .ئەمدى يېتەر.مېنىڭمۇ ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىدىغان ۋاقتىم كەلدى.بىر پەرزەنت ئۈچۈن ئانىسىنى بېقىپ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئوقۇش،بەخىت بولمىسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي شۇنچە يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ئۆز قولۇم بىلەن يىرتىۋەتتىم.گەرچە پارە-پارە بولۇپ كەتكەن چاقىرىق قەغىزىگە قاراپ يۈركۈم پىچاقتا تىلغاندەك بولۇپ ئاغرىسىمۇ ئەمما ئۆزۈمنىڭ چىقارغان قارارىمدىن ئۆزۈم رازى ئىدىم.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.مېنىڭ كۈنلىرىممۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا تېلفۇن قىلىپ ئۆز تۇرمۇشىدىكى خوشاللىقلارنى، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى سۆزلەشكەن چاغدىكى كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا خېلى ياخشى كېتىپ باراتتى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانامنىڭ شۇ كېسىلى يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى.گەرچە ۋاقتىدا دوختۇرغا ئېلىپ بارغان بولساقمۇ .ئەمما بۇ ئىككىنچى قېتىملىقى بولغاچقا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئانام يەنە بىزنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى.تەقدىر مېنى يەنە بىر قېتىم ئۆز ئارزۇيۇمدىن ئايرىپ يىتىم قالدۇردى.ئانامنىڭ مېنى بۇنچە تېز تاشلاپ كېتىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.ئۆز ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچسەم ھەممە ئىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن.ئەپسۇس ...تەقدىر مېنىڭ خوشاللىقلىرىمنى ئۇزۇنغا ئاپارمىدى.مانا ئەمدى ئۆيدە ئاكىلىرىم دادام ۋە مەنلا قالدۇق.كۈنلىرىم تېخىمۇ ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.ئاخىرى دادام مەسلىھەتلىشىپ مېنى توللۇق 3-يىللىققا قايتا ئوقۇشقا ئەكىرىپ بەردى .شۇنداق قىلىىپ گەرچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 3 ئايلا ۋاقىت قالغان بولسىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يەنە ئەلا نەتىجە بىلەن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە قوبۇل قىلىندىم .بۇنىڭدىن بەزىلەر خوش بولغان بولسا يەنە بەزىلەر ھەيران قېلىشتى.ئۆزۈم بولسام يەنە شۇنداق ئېغىر كەيپىيات ئىچىدە يا خوشال بولۇشۇمنى يا ھەسرەت چېكىشنى بىلەلمەي قالدىم .چۈنكى ئەمدى مەن ئۈچۈن ھەممە ئىش بەرىبىر ئىدى.قايتا ئوقۇشۇممۇ دادامنىڭ ۋە ئۇرۇق –تۇغقانلارنىڭ زورلىشى بىلەن بولغان .شۇنداق قىلىپ ئوقۇشقا ماڭىدىغان كۈنلىرىممۇ توشۇپ قالدى.

مەن مەكتەپكە ماڭىدىغان كۈنى دادام مېنى ئايرىم چاقىرىپ پاراڭلاشتى،

-قىزىم ،ئاخىرى مېنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيى بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدىڭىز .مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن .ئىسىڭىزدە بولسۇن ،سىز ئائىلىمىزنىڭ ئۈمىدى ۋە پەخرى.بۇندىن كىيىنكى ھەر بىر قەدىمىڭىزنى ئويلىنىپ بېسىڭ.مەن سىزگە ئىشىنىمەن ،ئەمما جەمىيەت مۇرەككەپ ،ئۆزىڭىزگە پىششىق بولۇڭ...مەن سىزدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىمەن! - ،دادامنىڭ بۇ گەپلىرى بىلەن تەڭ يىغلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتىم،ئانامدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى بارچە دەرت –ئازاپلىرىمنى خۇددى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگەتمەكچى بولغاندەك دادامغا ئېسىلىپ ئېتىلىپ يىغلاۋاتاتتىم...

ئالىي مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپلا بۇ گۈزەل ئەمما مىھرى سوغۇق ناتونۇش شەھەردە كۈنلىرىمنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزدۈم .ئۆزەمگە چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ دادامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش،گەرچە دىلىم سۇنۇق بولسىمۇ ئەمما روھلۇق ،تېتىك ياشاش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردىم.شۇنداق قىلىپ بىرىنچى مەۋسۈملۈك ئوقۇشمۇ ئاخىرلاشتى.مەن بۇ يەردە نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن باشقا بوش ۋاقىتلىرىمدا دوسلىرىم بىلەن بىللە پايتەخىتنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىك جايلىرىنى تاماشا قىلىپ كۈنلىرىمنى خوشال ئۆتكۈزدۈم..بەزى چاغلاردا مەكتەپنىڭ كومپىيوتىر ئوقۇتۇش ئۆيلىرىدە تورغا چىقاتتىم .ئۇ چاغدا مەن تورغا چىقىشنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن چاغلىرىم ئىدى.ئوتتۇرامەكتەپتە ئۆگىنىش بىلەن بولۇپ تورخانىلارغىمۇ كىرمەيتتىم .شۇڭا بۇ يەردە بىكار ۋاقتىم بولسا دايىم دېگۈدەك تورغا چىقاتتىم .نىھايەتكى بۇ تور دۇنياسى دېگەننىڭ مېنى شۇنچىۋالا ئازاپقا مۇپتىلا قىلىشىنى نەدىن بىلەي؟

بىر كۈنى كەيپىياتىم شۇنداق ناچار ئىدى.ياتاقدېشىم بىلەن مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى بىر تورخانىغا كىردۇق .مەن چچ رىمنى ئېچىپ قويۇپ ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم .بىرسى خەت يازدى،

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

-پاراڭلاشساق بولامدۇ؟

-ياق

-نېمىشقا؟ئالدىراشمۇ؟

-ھەئە

-ئۇنداق قىلماڭ بىردەم پاراڭلىشايلىچۇ؟ سىز نەدىن؟

ئوججون، ئەجەپ چىشىمغا تەگدا ما ئاداش،بىردەم گەپ قىلمىسا گاچا دەپ قالماستىم مەن .

-تام سالغان يەدىن.

ئۇنىڭغا قوپال تەگدىم،بۇ ئۇنىڭغا ھار كەلدىمۇ قانداق خېلى ئۇزۇنغىچە گەپ قىلمىدى،بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ مەن بىلەن بەك پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ ھە دەپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يۇرتداش ئىكەنلىكىمىزنى،ئۇنىڭمۇ ئىچكىردە ئىكەنلىكىنى بىلدىم ،شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇزاق ئولتۇرمايلا ئۇنىڭغا ئاغزىمغا كەلگەن يالغان ئىسىمدىن بىرنى ئېيتىپ بېرىپ توردىن چۈشۈپ كەتتىم..

شۇنداق قىلىپ مەن دايىم تورغا چىققاندا ئۇ ھەر قېتىم بار ئىدى.ھەم ماڭا قىزىق –قىزىق گەپلەرنى قىلىپ بېرىپ كۈلدۈرەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىز دوست بولۇپ قالدۇق.دەسلەپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا دوست بولۇپ قالغاندىكىن دەپ ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىدىم .كىيىن بارا-بارا كۈندە دېگۈدەك پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق،مەنمۇ ئۇنى دەپ كۈندە تورغا چىقاتتىم .ئۇمۇ مېنى ساقلاپ تۇراتتى ،بىز تاكى كومپىيۇتېرخانىدىكىلەر ئىشىكنى تاقايمىز دېگەندە ئاندىن بىر –بىرىمىزگە قىيالمىغان ھالدا خوشلىشاتتۇق.ئۇ ماڭا بەكلا كۆيىنەتتى .قەتئىي دىلىمنى رەنجىتمەيتتى.مېنى تولىمۇ ھۆرمەت قىلاتتى.ھەرگىزمۇ توردىكى بىر قىسىم قىلىقسىز ئوغۇللاردەك بولمىغۇر گەپلەرنى قىلمايتتى.ئوتتۇرمىزدىكى پاراڭلار ئادەتتە مېنىڭ ئۆگىنىشىم ،ئائىلەم،كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەخلاق،سالامەتلىك توغرىسىدا بولاتتى .ھەم ماڭا ھەر دائىم مەغرۇر ،تېتىك ياشاش،ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە قىلاتتى.ئىشقىلىپ ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام كۆڭلۈم بۆلەكچىلا كۆتۈرۈلۈپ ،كەيپىياتىم ياخشى بولۇپ قالاتتى،ئۆگىنىشتىن چارچىغان ،كوڭلۈم يېرىم بولغان ،ئائىلەمنى سېغىنغان چاغدا ئۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى سىردىشىم ئىدىم.ھەر دائىم ياتاققا خوشال كىرگىنىمدە دوسلىرىم :

- ئوھوي ئاداش ،بۈگۈن كەيپىياتىڭ سازغۇ ؟ھېلىقى توردىشڭ رومانتىك گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلىڭنى كۆتۈرۈپ قويغان ئوخشىمامدۇ ؟

- شۇنى دەيمەن ،ئادەتتە قاچان قارىسا ھېلىلا بىرسى بىلەن سوقۇشىدىغاندەك قاپىقىڭدىن مۇز ياغدۇرۇپ يۈرەتتىڭ ...دېگەندەك گەپلەر بىلەن چىشىمغا تېگەتتى.دېمىسىمۇ نېمىشقىكىن ئادەتتە پەقەت ئېچىلالمايتىم .دائىم دېگۈدەك ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ كەيپىياتىم ناچار خامۇشلا يۈرەتتىم .ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان چاغدا بولسا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ ياتاقداشلىرىمنىڭ مانا بۇنىڭدەك پاراڭ تېمىسىغا ئايلىناتتى.

مۇشۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئالتە ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى،مەن شۇنىڭغىچە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ راست ئىسىمىمنى ئېيتمىغان ئىدىم. تۇنجى قېتىم پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭغا يالغان ئىسىم دەپ بەرگەن .چۈنكى توردا ھەر خىل ئادەملەر بولىدۇ ،ھە دېگەندىلا ئۇلارغا سالاھىيىتىمىزنى ئاشكارلىغىلى بولاتتىمۇ ؟ ئۇنى بەلكىم ئازراق ۋاقىتتى كېيىن باشقا تورداشلاردەك ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ ،يەنە كېلىپ ئىچكىردى يۈرىدىغان بۇنداق بالىلارغا ھەقىقىي ئىسمىمنى دەپ بېرىپ يۈرسەم بولمايدۇ دەپ ئويلىدىم،كېيىن مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭغا قانداق دېيىشنى بىلەلمىدىم ،بىر ئوبدان ئۆتىۋاتقان ئادەمگە «مەن سېنى ئالدىغان ئىدىم »دېسەم ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنمەسلىكىدىن ،مېنى شۇنداقلا ئىزدىمەسلىكىدىن ھەم ئۇنىڭ ئازاپلىنىشىدىن قورقتۇم .ئەمما ھەر قېتىم ئۇ مېنى «دىلنار» دەپ چاقىرغاندا يۈرەكلىرىم پارە-پارە بولۇپ كېتەتتى .ماڭا شۇنچىلىك ئىشىنىپ ئۇزۇندىن بېرى ھىمايە قىلىپ كەلگەن بىر ئىنساننى ئالدىغىنىمنى ئويلىسام نۇمۇستىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىم.،بۇنىڭغا ياتاقداشلىرىممۇ كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلگەندە ھېچ ئىككىلەنمەستىن مېنى چاقىرىپ قوياتتى .بەزىدە قەستەن ئۇرغۇلۇق قىلىپ« دىل ....نار» ساڭا تېلفۇن كەپتۇ دەپ زاڭلىق قىلىپ كۈلىشەتتى .بۇنداق چاغلاردا ئۆزۈم بىر نېمىلەرنى دەپ چۈشەندۈرەتتىم يۇ ،ئىچى-ئىچىمدىن خىجىل بولاتتىم.بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ :

- ئابلىكىم ،بەلكىم بىزنىڭ دوسلىقىمىز بەلكىم ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىن ،بەلكىم بىز بىر –بىرىمىزنى ئىزدەشكە ئامالسىز قېلىشىمىز مۇمكىن ،-دېدىم.

- نېمە ؟ نېمىشقا بۇنداق دەيسىز دىلنار؟مەن سىزنى خاپا قىلدىممۇ؟

- ياق،ئىشقىلىپ مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم ،بەلكىم مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئىسىل قىز بولماسلىقىم مۇمكىن ،بەلكىم سىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويۇشۇم مۇمكىن ،-دېدىم مەن ئۇنى سىنىماقچى بولۇپ ، بىز ئۇ چاغدا كامىرادا پاراڭلىشىۋاتاتتۇق. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ تۇرۇپلا بېشىنى ئالدىدىكى كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە قويىۋالدى .مەن نېمە بولغىننى بىلەلمەي ئۇنىڭغا قايتا قايتا خەت يازدىم .شۇندىلا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ كامىرادىكى مېنىڭ سۈرىتىمگە ئەلەملىك كۆزلىرىنى تىكتى.ئۇنىڭ ئاشۇ مەيۇس كۆزلىرىدە ياش تامچىسى يالتىرايتتى.ئاندىن ماڭا خەت يېزىشقا باشلىدى،


- ماڭا قاراڭ دىلنار،مەن سىزگە بۇرۇنمۇ دېگەن ،قەسەم قىلىمەنكى ،ئەگەر جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن سىزنى مەڭگۈ ئىزدەيمەن .ئەگەر بىزنىڭ ئالاقىمىزگە قانداق بىر كۈچ توسالغۇ بولىدىكەن مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن شۇنىڭ بىلەن ئېلىشىمەن، مەن سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن ......

- بۇنداق دېمەڭ.ھەر ئىككىلىمىز پەقەت ئۆزىمىزگە مەنسۇپ ئەمەس،بۇ جاھاندا ھېچكىمگە ھېچنىمە مەڭگۈلۈك ئەمەس.

- ياق،بىزنىڭ دوسلىقىمىز مەڭگۈلۈك! مەن ھەممە نەرسىدىن كېچەلىشىم مۇمكىن ،ئەمما سىزدىن ۋە بىزنىڭ دوسلىقىمىزدىن كېچەلمەيمەن..،- ئۇنىڭ مۇشۇ گەپلىرىدىن كېيىن مەن ھېچنىمە دېيەلمىدىم ،پەقەت مۇشۇنداق بىر دوستۇمنىڭ بولغىنىدىن ئالەمچە پەخىرلەندىم ،گەرچە ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئېزىتقۇ بورانلىرىنىڭ ئۇچىرىشى بىلەن ھەممە ئادەم نەپرەتلىنىدىغان يولدا مېڭىۋاتقان ،تۇرمۇش يولىنى تاپالماي ھاياتنىڭ ئەگرى- توقاي يوللىرىدا تەمتىرەۋاتقان بىر ئازغۇن يانچۇقچى بولسىمۇ ،مۇشۇ مىنۇت،مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە شۇ قەدەر سۆيۈملۈك كۆرىنىۋاتاتتى.ئۇنىڭ گۇناھ بىلەن تولغان جىسمىدىكى مۇشتۇمچىلىك يۈرىكىدە بۇنداق ئۇلۇغۋار دوسلۇقنىڭ،ئەقىدىنىڭ ساقلانغانلىقىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم .ۋە ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى سەۋەپلىرى بىلەن قوشۇپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم،ئۇمۇ مېنى توغرا چۈشەندى .ھەم تېخى « بۇدېگەن سەمىمىي يالغانچىلىق ،سىز خىجىل بولماڭ»دەپ ماڭا تەسەللىي بەردى.شۇنىڭ بىلەن دوسلىق رىشتىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.بۇ چاغدىكى خوشاللىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدىم.

مانا ھەش پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىمۇ پۈتتۈرەي دەپ قالدىم .ئىشلىرىممۇ ،ئۆگىنىشىممۇ ئۆز يولىدا كېتىپ باراتتى.بۇ جەرياندا ئالىي مەكتەپنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان ھەرخىل ئىسسىق –سوقۇقلىرىنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم ، بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ مۇھەببەتلىك تىكىلىپ قاراشلىرىنىمۇ رەت قىلىپ ئۈلگۈردۈم ئەلۋەتتە.چۈنكى قەلبىمدە بىلىمگە بولغان يۈكسەك ئىنتىلىش ،دادامنىڭ مېنى يولغا سالغان چاغدىكى ئۆتۈنۈش ئارلاشقان تەربىيىسى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈممۇ ھىس قىلىپ يېتەلمەيدىغان ئاللىقانداقتۇر بىر تۇيغۇ مېنى يات ئوي-خىياللاردىن نېرى قىلاتتى.كۈنلىرىمنى ئاساسەن دېگۈدەك ياتاق،سىنىپ ،كومپىيۇتېر ئوقۇتۇش ئۆيى ئارلىقىدا ئۆتكۈزەتتىم.ئەمما نېمىشقىكىن مۇشۇ چاغلاردا ئابلىكىم مېنى ئانچە كۆپ ئىزدىمەيدىغان بولۇپ قالدى .تورغىمۇ كوپ چىقمايدىغان ،ئۇچۇر قىلسام قايتۇرمايدىغان بولۇپ قالغاندى. ئۇ مېنى ئىزدىمىگەنسىرى تەشۋىشلىرىم شۇنچە كۈچىيەتتى .خۇددى ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالغاندەك ،خۇددى ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى مەڭگۈ كۆرۈشەلمەيدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ مېنى قىينايتتى.دېمىسىمۇ بۇ يولدا ماڭغانلاردىن ئەنسىرىمەي بولامدۇ ؟گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئانچە چۇشەنمىسەممۇ ئەمما ئۇنىڭ ماڭا ھەسرەت بىلەن سۆزلەپ بەرگەن بەزى كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇنداقلارنىڭ بىرەر كۈنىنىڭمۇ ئارامخۇدا ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم .ئۇنىڭغا زادى نېمە بولدىكىنە؟يا مەندىن رەنجىپ قالغانمىدۇ ؟ ھەر قېتىم تېلفۇن قىلسا ئەمدى بۇ يولدىن يېنىپ گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىش ،شىنجاڭغا قايتىپ كېتىش توغرىسىدا بىر مۇنچە نەسىھەت قىلاتتىم .يا شۇ گەپلىرىمدىن زېىكىپ ،خاپا بولۇپ قالدىمۇ يا ؟ياق ،ياق ..ئۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن رەنجىمەيدۇ .تېخى مېنىڭ مۇشۇنداق نەسىھەتلىرىمنى ئاڭلىسا خوشال بولىدۇ .مەندىن كۆڭلى تەسەللىي تاپىدۇ .ئۇنداقتا زادى نېمە بولغاندۇ ...مۇشۇنداق خىياللار بىلەن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى .ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە بىرەريۈز قېتىم تىلفۇن قىلغاندىمەن ،تېلفۇنى ئېلىنمىدى.بىر مۇنچە ئۇچۇرلىرىم جاۋاپسىز قالدى .كۈندە مەن بۇ يەردە دېگەندەك چىقساملا خەت كېلىپ لىپىلداپ تۇرىدىغان چچ سىمۇ مانا بىر ھەپتىدىن بېرى قارىداپلا تۇراتتى .ئۇنىڭدىنمۇ ھېچبىر سادا كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالمىغانسىرى ئىچىم تىتىلداپ قولۇم ئىشقا بارماي قالدى.كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان خامۇشلا يۈردۈم ،ئاخىر بىر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا يەنە تىلفۈن قىلدىم .تىلفۇن ئىككى سايرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى،ئەمما بۇ ئاۋاز نەچچە ۋاقىتتىكىدەك جۇشقۇن ،كۆتۈرەڭگۈ بولماستىن ئىنتايىن زەئىپ ئىدى.

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم .

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئابلىكىم بامۇسىز بۇ جاھاندا؟نېمانچە ئادەم ئەنسىرتىسىز؟

-باغۇ ،مەندىن ئەنسىرىدىڭىزما ؟قانچىلىك؟

-سىزنىڭ خىيالىڭىزغا كىرىپ چىقمىغان بىلەن ئەنسىرەيدىكەن ئادەم .شۇنداقمۇ يوقاپ كەتكەن بامۇ ؟ئۆتۈنۈپ قالاي ئەمدى تېلفۇننى قويىۋەتمەڭ.،-شۇنداق دەپلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ سالدىم،ئۇمۇ بىر پەس سۇكۈتتىن كېيىن:

-كەچۈرۈڭ،ئالدىڭىزدا خىجىلمەن ،يېقىندىن بۇيان ئىشلىرىم سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ شۇڭا ئىزدىيەلمەي قالدىم.

-بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىش بولمايدۇ دەپ ماڭا ۋەدە بېرىڭ .

-...

-گەپ قىلمايسىزغۇ ؟ۋەدە بىرەلمەمسىز؟

ئۇ كۈلۈپلا قويۇپ گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدى .بىز گويا ئارىمىزدا بولغان ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ تاكى تېلفۇننىڭ توكى تۈگەپ كەتكۈچە شۇنداق ياخشى پاراڭلاشتۇق.مەن تېلفۇننى قويۇپ ياتىقىمغا كىرگەندە سائەت ئىستىرىلكىسى بېيجىڭ ۋاقتى 4 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى.

- ئاپلا تاڭ ئاتاي دەپ قاپتىغۇ ؟ئەتە بىر كۈن دەرستە خامۇش ئولتۇردىغان بولدۇمدە ئەمدى. مەيلىلا بىر ئامال قىلامەن ،-شۇلارنى ئويلاپ بۈگۈن كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم .چۈنكى ئۇخلاپلا قالسام ئەتىگەنلىك دەرسكە ئويغىنالمايدىغىنىم ئېنىق ئىدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇ بەزىدە ئانچە مۇنچە ئۇچۇر قىلىپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا يەنە تۇرمۇشۇمدىن يوقالدى .مېنى يەنە بۇرۇنقىدەك ئىزدىمەس بولىۋالدى .بۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ،ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ بېقىش نىيتىگە كەلدىم دە تېلفۇنۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدىم «ئەگەر مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك قىز بولسام ،ئەگەر قەلبىڭىزدە نەچچە ۋاققىتتىن بېرى ياخشى ئۆتكەن دوسلىقىمىزنىڭ سىماسى ھېلھەم بولسا بۈگۈن تورغا چىقىڭ ،سىزگە دەيدىغان گېپىم بار..» شۇنداق دەپ يوللىۋېتىپلا يېقىن ئەتراپتىكى تورخانىلارنىڭ بىرىگە كىرىپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرۇدم.ئاللاھەزەل ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتتىمىكىن ئۇ كىردى.غەزەپتىن يېرىلىپ كېتەي دېسەممۇ ئۇنى خاتا ئەيىپلەپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ يەنە تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭغا خەت يازدىم،

- ئالدىڭىزدا نېمىنى خاتا قىلدىم ؟ ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز ؟

- سىز ھېچنىمىنى خاتا قىلمىدىڭىز زىلالە ،دېدىمغۇ ئالدىراش دەپ...

- يالغان! بۇرۇن ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ مېنى كۈندە ئىزدەپ تۇراتتىڭىز .مانا ئەمدى ..بۈگۈن ھەممىنى ئوچۇق دەڭ ئابلىكىم ،شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى سىزگە شۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگىنىم ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بۇنداق مۇئھمىلىگە ئۈچرىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالاي ،نېمىنى خاتا قىلغىنىمنى بىلىۋالاي....

ئۇنىڭغا تەنە ئارلاشقان ئاچچىق گەپلەرنى ياغدۇرۋەتتىم ،ئۇ نېمە قىلارنى بىلەلمەي قالدى بولغاي بىر پەس گەپ قىلمىدى،ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇنىڭدىن سادا كەلدى .

-مېنى كەچۈرۈڭ زىلال،سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن،دوسلىقىمىزغا يۈز كېلەلمەيمەن..

-نېمىشقا ؟

-مەن تا ھازىرغىچە سىزنى خۇددى سىز ئويلىغاندەك پەقەت دوستۇم دەپ كەلگەن ئىدىم.ئەمما قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرگىچە بۇنچە ئورناپ كېتىشىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن .

-نېمە دەيدىغانسىز ؟چۈشىنىشلىكراق گەپ قىلىڭ ..- شۇ پەيىتتە ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى راستىنلا چۈشەنمىگەن ئىدىم.ھەم ئەزەلدىن خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم.

-مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن زىلال،مېنى كەچۈرۈڭ ،مېنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققىم يوق ،دوسلىقىمىزنى بۇزۇشقا ھەققىم يوق ،ئەمما مەن كۆڭلۈم ئالدىدا ئامالسىزمەن ،مەن ھەم بۇنداق بولۇشىنى كۈتمىگەنمەن،شۇڭا سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم .قەستەن دىلىڭىزغا ئازار بەردىم ،مەن سىزنى سۆيۈشكە لايىق ئەمەس..

نېمە دېيىشىمنى نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ،كاللام قۇپقۇرۇق ،ئالدىمدىكى كومپىيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرىمەن،ئۇنىڭ كىيىن يازغان خەتلىرىىنىمۇ كۆزۈم كۆرمىدى .ئېغىر قەدەملىرىمنى تەسلىكتە سۆرەپ تورخانىدىن چىقتىم .ئەمدى قانداق قىلاي ؟ ..مەن ئەجەپ بۇنداق بولىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن .ھەتتا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇنداق ئىشلارنىڭ بولىشى مۇمكىن بولمايدىغاندەكلا ھىس قىلاتتىم،ئۇنى خۇددى قىز بالا دوسلىرىمدەكلا كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم،باشتىلا ئۇنىڭمۇ خۇددى باشقا ئوغۇللاردەك كۆڭۈل ئىگىسى ئىكەنلىكىنى نېمىشقا ئويلىمىدىم ھە ؟ ئەسلى شۇڭا مېنى ئىزدىمەپتىكەن .ئەمدى نېمە دەي ؟«ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىشى ،ئەمما سەن يەنىلا مېنىڭ دوستۇم »دەيمۇ ؟ياكى «ئۆزۈڭگىمۇ ،ماڭىمۇ قىلدىڭ ،ئەمدى ھەر ئىككىلىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى»دەيمۇ ؟بېشىم پارتىلاپ كېتىدىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى.مەن نېمىمۇ قىلالايتىم ،دوسلىقىمىز ئەمدى بۇرۇنقىدەك داۋام قىلالمايدۇ بەرىبىر،ئۇمۇ ماڭا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلالمايدۇ .مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەم...

شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇرمۇشۇمدىن ئەمدى يوقالدى .ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈم تېخىمۇ پاراكەندە،تۇرمۇشۇمدىكى ھېچنىمە ماڭا تېتىمايتى .نە ئۈگىنىش قىلىش،نە دوسلىرىم بىلەن سىرىتلارغا چىقىپ ئويناش ،نە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئېچىلىپ يېيىلىپ پاراڭلىشىش...ھەممىسى تۇرمۇشۇمدىن ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا يوقالغان ئىدى.دائىم ئۇنى خىيال قىلاتتىم،بۇرۇنقى چاغلاردا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيتىم،مانا ئەمدى ئەنسىرەشكە يەنە بىر خىل تاتلىق تۇيغۇ قوشۇلۇپ مېنى قىيناپ ئارام بەرمەيتتى.ئۇنى سېغىناتتىم .بىرگە ئۆتكۈزۈگەن ۋاقىتلىرىمىزنى سېغىناتتىم ،بۇرۇن كىشىلەر مۇھەببەت ،سېغىنىش دېسە مەن تەمىنى تېتىپ باقمىغاچقىمىكىن ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن ،ھەم خۇددى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا مەڭگۈ بولمايدىغان كىتابى گەپلەردەكلا تۇيۇلاتتى ماڭا. مانا ئەمدى بىلدىم ئەمدى ھەقىقىي مەنىسىگە يېتىپ چۈشەندىم ،ئەمما بەزىدە ئۆزۈمنىڭ قىلغان خىياللىرىمدىن ئۆزۈم قورقۇپ كېتەتتىم ،ئەجىبا مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ ؟بۇ مۇمكىن ئەمەس دەيتتىم ئۆزۈمگە،ئەمما كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان سېغىنىشىم ،ئويلىماي دېسەممۇ ئۆزۈمگە بويسۇنمايۋاتقان خىياللىرىم ماڭا بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلاپ بولغان ئىدى.شۇنداق مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،ئۇنىڭغا شۇ قەدەر كۆنگەن ئىكەنمەنكى مانا ئەمدى ئۇنىڭسىز بۇ تۇرمۇش مېنىڭ جېنىمغا پاتقان زىق ئىدى.ئوگ ماندىنونىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى»ناملىق كىتابىدا «ئاجىزلار ھەركىتىنى كەيپىياتىغا ماسلاشتۇرىدۇ،كۈچلۈكلەر كەيپىياتىنى ھەركىتىگە ماسلاشتۇرىدۇ»دەيدىغان بىر كەلىمە سۆز بار.مەن دەل شۇنداق ئاجىزلاردىن بوپ قالدىم
.ئۇزندىن بېرى ئۆزۈمگە قىبلىنامە قىلىپ كەلگەن سۇنماس ئىرادەم مانا ئەمدى ھىسىياتىم ئالدىدا ئاجىز كەلمەكتە ئىدى.خۇددى ساراڭغىلا ئوخشاپ قالدىم .يا پاننا مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ .دۇنيادىن ئاللاھنىڭ كۈچىدىن باشقا يەنە بىر ئۇلۇغۋار كۈچ بار دېسە مانا مۇشۇ مۇھەببەتنى دېسە بولىدىكەن جۇمۇ..

ئارىدىن ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى .مەنمۇ ئۇ ھەققىدىكى خىياللىرىمنى ئۆزۈمگە سىرداش قىلىپ ئۇسىز تۇرمۇشقىمۇ خېلى كۈنۈپ قالدىم.بىر كۈنى ياتاقتا ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز تېلفۇن جىرىڭلىدى،

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،- قارشى تەرەپتىن بىرسىنىڭ تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى .كۆڭلۈم دۇككىدە بولۇپ يۈرۈكۈم ئەسلىدىكىدىن تېز سوقۇپ كەتتى .

- كىمنى ئىزدەيسىز ؟،- ياندۇرۇپ سورىدىن سەل تەشۋىشلىنىپ.

-مېنى تۇنىمىدىڭىزمۇ زىلالە .شۇنچە تېز ئۇنتۇپ كەتتىم دەڭ..

شۇندىلا ئۇنىڭ ئابلىكىم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم .ئاھ..يەنە نېمە بولدى ساڭا ؟مېنى يەنە قانچە ئازاپلانسۇن دەيسەن .سەن دېگەندەك سېنى شۇنچە تېز ئۇنتالىغان بولسام كاشكى ..تېلفۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ خىيالغا پاتتىم .

-بارمۇ سىز ؟ گەپ قىلمايسىزغۇ ...ئۇنىڭ ئاۋازى خىياللىرىمنى بۆلدى.

-ھە..ھەئە.قانداق ئەھۋالىڭز ؟سالامەت تۇردىڭىزمۇ ..ئاۋازىم تىتىرەپ شۇنى ئاران دىيەلىدىم .بىر بىرەر قۇر سالاملاشقاندىن كېيىن .ئۇ ناھايتى خىجالەت ئىچىدە ماڭا ئۆزىنىڭ مېنى ئىزدەشتىكى مەقسىدىنى ئېيتتى .ئەسلى ئۇ شىنجاڭغا چىقىپ قايتىپ كېلەر چاغدا يولدا ئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ يېنىدا پۇل قالمىغانلىقى ،شۇڭا پەقەت ئامال قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ماڭا تېلفۇن قىلغانلىقىنى ئېيتتى .پارىڭىمىز تولىمۇ قىسقا ھەم شۇ مەقسەت-مۇددئا ئۈستىدلابولىۋاتاتتى .مەنمۇ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ كارتىسىغا ئۇنىڭغا لازىم بولغان پۇلنى ئۇرۇپ بەردىم .بەلكىم رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بولسا كېرەك ئۇ مېنى بىر نەچچە قېتىم ئىزدىدى .ئەمما ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلى ئۆزىمىزگە ئايان بولغاچقا ئانچە قىزغىن پاراڭلىشالمىدۇق.ئەمدى بولسا بۇرۇنقىدەك كۈندە تېلفۇن قىلىشتىن ھەپتىدە بىر بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر تىلفۇن قىلىشقا ئۆزگەردى ،شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ تېلفۇنىنى تەخىرسىزلىق بىلەن كۈتەتتىم ،ھەر قېتىم ئۇنىڭ تېلفۇننى ئالغاندىن كېيىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە خۇددى تەنگە داۋا مەلھەم ئىچكەندەك كەيپىم چاغ يۈرەتتىم.گەپ ئارلىقىدا ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ مېنى سېغىنغانلىقىنى چاندۇرماي دەۋالاتتى.بۇنداق چاغلارداگەرچە يېنىمدا بولمىسىمۇ قەلبىمدە بولغاچقا دائىم بەختىيار يۈرەتتىم ،بىر ۋاقىتتا نېمە سەۋەپتىندۇر ئىككىمىز تاكاللىشىپ قالدۇق .گەرچە سەۋەنلىك ئۇنىڭدا بولسىمۇ مەن ئۇنىڭغا خېلى قاتتىق گەپ قىلغان ئىدىم شۇڭا ئۇ مېنى خېلى ئۇزۇنغىچە ئىزدىمىدى .ئاخىر بىر كۈنى ئۆزۈم غەيرەتكە كېلىپ ئۇنى ئىزدەپ كەچۈرۈم سورىماقچى بولدۇم .ئەمما ئۇ ماڭا بەكلا قوپلا تەگدى.ھەتتا مەن قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆڭلۈمنى ئاغرىتتى. ھەم ماڭا:

-ماڭا ئۇنداق ساختا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرۋالماڭ .سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەن نېمىگە ھېساپتىم ؟مەن سىزدەك ئالىي مەلۇماتلىق قىز بىلەن تەڭ بولالمايمەن .مەن دېگەن جەمئىيەتنىڭ داشقىلى،سىز بولسىڭىز بىر داشۆسىڭ .شۇڭا مېنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزۈم ،ماڭغان ھەر بىر قەدىمىم سىزنىڭ ئالدىڭىزدا خاتا.شۇڭا ماڭا ئەمدى كۆڭۈل بۆلمەڭ ....سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن ..

ئۇنىڭ ئاخىرقى بۇ گېپىگە چىداپ تۇرالمىدىم .ئۇنىڭدىن بۇنى كۈتمىگەن ئىدىم .

- راست دەيسىز .بىزنىڭ تونۇشقىنىمىز خاتا.سىزنى ياخشى كۆرگىنىم تېخىمۇ خاتا. مەنمۇ سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن. ئەمدى سىزگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن .خەيىر...،- ئاغزىمدىن بۇ گەپلەرنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىننى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ئاغزىمنى تۇتقانچە تۇرۇپ قالدىم . ئۇ بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن تېلفۇندىن ئۇنىڭ يىغا ئارلاشقان ئاۋازى كەلدى .

-را..راست دەۋاتامسىز ؟بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ ؟

- .....

ئۇ ئەمدى تېخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتتى .توۋا ئوغۇل بالىمۇ شۇنداق يىغلايدىكىنا ،بۇرۇن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .

- مېنى بىر ئۆمۈرپۇشايماندا قالدۇراي دېگەنمۇ ؟ مېنى بىر ئۆمۈز سىزنى سۆيگىنىم ئۈچۈن ئازاپلىنىپ ئۆتسۇن دېگەنمۇ؟مېنى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىشقا بۇنچە قىينايسىز ؟سىزدىمۇ شۇنداق بىر يۈرەكنىڭ بارلىقىغائىشىنەلمەيۋاتىمەن .،-بىز خېلى بىر ۋاقىتقىچە مۇشۇنداق يىغلىشىپ تۇردۇق .گەرچە قەلبىمدىكىنى ئۇنىڭغا دەۋېلىپ بىر ئاز يىنىكلەپ قالغان بولساممۇ ئەمما قىزلىق غورۇرۇم بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىدى .شۇنىڭ بىلەن تېلفۇن تۇرۇپكىسىنى ئۇنىڭغا بىلىندۇرمەي قويىۋەتتىم دە تېلفۇننڭ سىمىنى توشكىدىن چىقىرۋېتىپ، قول تېلفۇنۇمنى ئېتىۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتىم .

ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە تېلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆپ ئويلانغانلىقىنى ،ئەگەر مەن قوشۇلساملا ئۇزۇنغا قالماي شىنجاڭغا قايتىپ كېتىپ تۇرمۇشىنى يېڭىدىن باشلاپ مېنى كۈتىدىغانلىقىنى ،مېنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىدىغانلىقىنى .بۇنىڭغا يۈكسەك ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئەمما مەن دەماللىققا نېمە دىيىشنى بىلەلمەي ئويلىنىپ بېقىشنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويىۋەتتىم . ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىپ خاتا قىلدىممۇ نېمە؟زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟شۇ چاغدا دادامنىڭ مېنى يولغا سالغاندىكى گەپلىرى ،ياتاقداشلىرىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ ئالاقە قىلىپ يۈرگەندىكى ئەسكەرتىشلىرى خىيالىمغا كەلدى .شۇ چاغدا ئۇلارغا نېمە دەپ پو ئاتمىدىم ھە مەن.مانا ئەمدى نېمە بولدى ؟ ئۇلارنىڭ دېگىنى بىر-بىرلەپ ئالدىمغا كەلدى.كۆڭلۈم بىلەن كەلگۈسۈم ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپتا زادى قايسسى تەرەپتە تۇرۇشنى بىلمەي بەك بېشىم قاتتى .«كۆڭلۈڭ ئىشەككە چۈشسە ئېغىلدا ياتماي ئامالىڭ يوق »دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن .مەن يەنە نېمىمۇ قىلالايتىم .چۈنكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە مېنى بەخىتلىك قىلالايدىغىنىغا ئىشىنەتتىم .ئۇ مېنىڭ توللۇق ئىشەنچەمگە ئىرىشىپ بولغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ بىز يۈرۈپ قالدۇق..شۇ كۈنى دادام بىلەن خىيالەن پاراڭلاشتىم «كەچۈرۈڭ دادا.قىزىڭىز سىزنىڭ دېگەن يىرىڭىزدىن چىقالمىدى.ئۇ بىر ئوغرى يىگىتنى سۆيۈپ قالدى .ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ دادا.سىزگە ۋەدە بىرىمەن .چوقۇم بەخىتلىك بولىمەن...»كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتىم .

ئاھ مۇھەببەت.ئۇنىڭ لەززىتىگە نېمە توغرا كېلىدۇ.ياشلىق باھارىمدىكى تۇنجى مۇھەببەتنىڭ لەززىتىدىن مەس بولۇپ كۈنلىرىمنى ناھايتى مەنىلىك ئۆتكۈزىۋاتىمەن.ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قېتىم كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ ئەمما ئۇ دائىم يېنىمدىكىدەكلا ئۆزۇمنى شۇنچە بەختىيار ھەم خاتىرجەم سېزەتتىم.بىردەم پاراڭلاشمىساق چىداشمايتۇق .قۇلاققا تېلفۇننى تۇتۇپ كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلايتتۇق.بەزى كۈنلىرى مۇشۇ سەۋەپلىك دەرسلىرىمگە توللۇق چىقالمايتىم .ئىشقىلىپ ئۇ چاغلاردا پۇتكۈل دۇنيا خۇددى ئىككىمىزگىلا مەنسۇپتەك بىلىنەتتى .مۇشۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى .مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى 3 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولسىمۇ ئەمىليەتتە بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدۇق .يۈرۈپ خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ئۇ سەل ئۆزگىرىپ قالدى .بەزىدە ماڭا قوپال تېگىپمۇ قوياتتى .بەزىدە ئۇ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى گويا ئۇنۇتقاندەك شىنجاڭغا قاچان كېتىدىغانلىقى توغرىىسىدا گەپ سورىسام .ئىشلىرىنىڭ تۈگىمىگەنلىكى ،مېنىڭ دائىم بۇنداق دەپ ئۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىمنى دەپ ماڭا خاپا بولاتتى .ئامال قانچە ؟كىم مېنى بۇنداق مۇرەككەپ ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالسۇن دەپتىكەن ..كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى سەل سۇسلىشىپ قالدى.سەۋەبىنى سورىسام «سىزنى بەك سېغىندىم ،ئالدىڭىزدا خىجىلمەن .»دەپلا تۇرۋالاتتى .دېمىسىمۇ مەنمۇ ئۇنى بەك سېغىنغان ئىدىم .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى ،ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى لايىق تاپتىم .ھەم بۇ ئويۇمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم .ئۇ دەسلەپ قوشۇلمىغان بولسىمۇ كېيىن چۈشەندۈرشىمنى ئاڭلاپ ماقۇل بولدى .

شۇنىڭ بىلەن دوسلىرىمنىڭ «ئۆزۈڭ بىرەر قېتىمۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان ،يەنە كېلىپ جەمىئىيەتتە يۈرىدىغان ئادەم بىلەن كۆرۈشسەڭ خەتەرلىك »دەپ قانچىلىك توسقىنىغا قارىماي دادامغا جىددىي ئىشقا ئىشلىتىمەن دەپ خېلى كۆپ پۇل سالدۇرۇپ ئۆزۈم بىر قېتتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان يانچۇقچى مۇھەببىتىمنى كۆرۈش ئۈچۈن، يەنە بىر ناتونۇش شەھەرگە ئۆزۈم يالغۇزلا ئايرۇپىلان بىلەن يولغا چىقتىم .گەرچە ئۆزۈممۇ دەسلەپتە بىر ئاز ئەنسىرىگەن بولساممۇ ئەمما ئابلىكىمگە توللۇق ئىشىنەتتىم .شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش خوشاللىقىم ئەندىشەمنى يوقاتتى.ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن ئايرۇپىلان ئۇ تۇرۋاتقان شەھەردىكى ئايرۇدورۇمغا قوندى.ئۇ مېنى شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن .بىز خۇددى ئەزەلدىن تونىشىدىغان ئاشۇق –مەشۇقلاردەك قىزغىن پاراڭلىشىپ ماڭدۇق...

مەن بۇ يەرگە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈن دەم ئېلىش ۋاقىتتن پايدىلىنىپ كەلگەن بولغاچقا ئاران ئىككى كۈنلا تۇردۇم .بۇ ئىككى كۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار دېسەممۇ بولىدۇ .ئۇ مېنى گۈزەل مەنزىرلىك جايلارغا ئاپىرىپ ئويناتتى .يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەن ئۇنىڭغا قىيالمىغان ھالدا ئۆنىڭدىن ئايرىلىپ مەكتىپىمگە قاراپ يول ئالدىم .

قايتىپ كەلگەندىن بېرى دوسلىرىممۇ مېنىڭ ئۇنى خاتا تاللىمىغىنمغا ئىشەندى ھەم مېنىڭ خاتىرجەم قايتىپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ ئىككىمىزگە چەكسىز بەخىتلەرنى تىلەشتى .

مەن قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىگىچە ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدەكلا دائىم تېلفۇن قىلىپ كېيىن شىنجاڭغا چىقىپ كەتتى .بىر كۈنى تۇيۇقسىز ناتونۇش بىر نۇمۇردىن ماڭا قىسقا ئۇچۇر كەلدى.« سىزنى سېغىندىم جېنىم .تامىقىڭىزنى ۋاقتىدا يەۋاتامسىز ؟»ئۇچۇرنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى .ياندۇرۇپلا تېلفۇن قىلدىم .ئەمما ئۇ تېلفۇننى ئالمىدى.نېمە بولغاندۇ دەپ تۇرسام يەنە ئۇچۇر كەلدى .«كەچۈرۈڭ .ئۆيدە چوڭلار بار ،تېلفۇننى ئېلىشقا ئامالسىزمەن ».بىز ئۇچۇردا بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى« سىزگە بىر گەپنى دەي دېگەن ،قانداق باشلىشىمنى بىلەلمىدىم .مېنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن .ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن قانداق گەپ بولسا ئۇچۇر قىلىپ دەڭ ،تېلفۇن قىلسىڭىز ئالمايمەن..»بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى .كۆڭلۈم ئاللىقانداقتۇر بىلىپ بولمايدىغان تەشۋىشلەرگە ئەسىر بولدى .يۈرۈكۈم بىر خىل شۇملۇقنى سېزىپ ئەنسىز سوقۇپ كەتتى .«قېنى دەڭ نېمە ئىش ئىدى ؟» ئۇچۇر قايتۇردۇم .خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئۇچۇر كەلدى «مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن .مېنى كەچۈرۈڭ» باردى يوقى بىر قۇرلا خەت .مەزمۇن شۇنداق ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك .شۇنداق بولىشىغا قارىماي خۇددى چۈشىنەلمەيۋاتقاندەك ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردۇم .بىردىنلا تېلفۇن قولۇمدىن سىيرىلىپ يەرگە چۈشتى .يېنىمدا مەن بىلەن بىللە تۇرغان دوستۇم نېمە بولغىننى بىلەلمەي ،دەرھال يەردە چېچىلىپ ياتقان تېلفۇنۇمنىڭ باتارىيىسىنى ئېلىپ قۇراشتۇرغاندىن كېيىن ئۇچۇرنى كۆرۈپ ،مېنى باغرىغا چىڭ باستى .كاللامدا ھېچنىمە يوق .پەقەت ئۇنىڭ باغىرىغا بېشىمنى قويۇپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىمەن .ياتاقتىكى ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان دەرتمەن مۇزىكىلارنىڭ ئاۋازى،ياتاقداشلىرىمنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان كۈلكە-چاقچاقلىرى ،،ھېچنىمە قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ .كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ ھېچنىمىنى كۆرەلمىدىم .بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام دوسلىرىم بېشىمنى يۆلەپ يېنىمدا ئولتۇرۇپتۇ .بەلكىم ئۇلار ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز .دەرھال تېلفۇنۇمنى ئىزدەپ قولۇمغا ئالدىم دە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان كەچۈرۈم سۆزلىرىدىن باشقا نەرسىنى كۆرمىدىم .ئۇ ھەتتا سەۋەبىنىمۇ چۇشەندۈرمىگەن ئىدى.ئۇنىڭغا نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر قايتۇردۇم .«ياخشى كۆرۈشكە سەۋەپ كەتمىگىنىدەك ئايرىلىشقىمۇ سەۋەپ كەتمەيدۇ زىلال.مېنى كەچۈرۈڭ».«ئىسىت سەن يۈزسىز ،ساختىپەزگە قىلغان ئەقىدەم .سەندىن بىر ئۆمۈرنەپرەتلىنىمەن!»دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپلا تېلفۇنۇمنى ئېتىۋەتتىم...

ھەي بىۋاپا دۇنيا ..نۇرغۇنلىغان كىشلەر مۇھەببەت سۆيۈش بىلەن باشلىنىپ كۆز يېشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دېسە نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن .ئەسلى مۇشۇ ئىكەن ئەمەسمۇ .قايسى ئۆتكۈزگەن گۇناھىم ئۈچۈن بۇ قىسمەتنى راۋا كۆردۈڭ ماڭا ؟مەن ئەسلىدىنلا بىر دىلى سۇنۇق ناتىۋان ئىدىمغۇ ؟ھېلىمۇ تارتقان دەرتلىرىم ئازمۇ ماڭا ...ئىسىت،مۇھەببەت مېنىڭ كۆزلىرىمنى كور،قۇلاقلىرىمنى گاس،پۇت قوللىرىمنى ناكا قىلىپ قويغان بولغىيمىتى .ئۆز ئىىتىيارىم بىلەن سۆيگۈ سوراپ كەلگەن بىر تۈلكىگە قەلبىمنى ھېچ توسالغۇسىزلا تاپشۇرغىنىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ ؟ياكى رەھمەتلىك ئانامنىڭ ،مېھرىبان دادامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارار چىقارغىنىمغا بېرىلگەن جازامۇ ؟ئەمدى بۇنى كىمدىن كۆرەي ؟دەرتلىرىمنى كىمگە ئېيتاي ...

كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .ئىشقىلىپ جىسمىم بىر تىرىك موردىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى .تۇرمۇشۇمدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان قارا كۈنلەر يەنە باشلاندى .بۇ قورقۇنچلۇق چۈشلەردىن كېيىن تېخىچە ئۆزۈمگە كېلەلمەيۋاتىمەن .گەرچە ئۇنىڭدىن شۇنچە نەپرەتلەنسەممۇ ئەمما يەنە بەزىدە سېغىنىپ قالاتتىم .ماڭا زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ئىچىم سىقىلاتتى . ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارچە ئەسلىمىلەرنى يۇيىۋەتكەن بولساممۇ يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى چوقۇم مېنى ئىزدەيدۇ دېگەن ئۈمىدىممۇ يوق ئەمەس ئىدى.تورغا چىقسام ناتونۇش كىشىلەر مېنى قاچىلاپ ئەھۋالىمنى سورىسا بەزىدە ئۇ مىكىن دەپ گۇمانلىنىپ قالاتتىم .ئەمما ئۆز گۇمانىمنى ئۆزەم ئىنكار قىلاتتىم .چۈنكى ئۇنىڭ ئەمدى مېنى ئىزدىمەيدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان .ئۇ قىلغان ئىشىغا ئالدىراپ پۇشايمان قىلىدىغان يىگىت ئەمەس.ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇنى ئۇنتالمىدىم ،ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئازاپلىرىنى تېخىمۇ ئۇنتالمىدىم .

بىر كۈنى سىنىپتىن كىرسەم مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىم بولغان ھەم ھەممە ئىشتىن خەۋىرى بار بىر دوستۇم مېنى چاقىرىپ قالدى.

-ئاداش،ئۆزەڭنى ئۇنداق تاشلىۋەتمە ،بەلكىم ئۇنىڭمۇ ساڭا ئېيتالمايۋاتقان بىرەر سەۋەبى بادۇ ،بەلكىم كۈنلەر ئۆتۈپ سېنى ئىزدەپ ئالدىڭغا كەپ قالا. قەددىڭنى رۇسلاپ يۈرگىن .نېمە دەرتلەرنى تارتمىغان سەن .ئۇنىڭ ئالدىدا بۇ قانچىلىك ئىشتى.،- ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى ئاقلىماقچى بولدۇم .

- ياقەي ،مەن ئۇنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىم .ئەمدى ئۇنىڭ گېپىنى قىلما.مېنىڭ بۇنداق يۈرشۈم ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەن ناھايتى ياخشى.

- ھەي.مەن سېنى چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس.راست گەپ قىلسام مەن ئۇنىڭ بىلەن چچ دا پاراڭلاشتىم ،- ئۇنىڭ كۆزلىرىگە زەردىم بىلەن تىكىلدىم .

- كىم قويدى ساڭا بۇنداق ئاتىكاچىلىقنى ؟نېمە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ يۈردۈڭ؟ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنگە ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ قالاتتىما ؟

-كەچۈرگىن ئاداش،سېنىڭ بۇنداق يۈرىۋىرىشىڭگە قاراپ چىدىمىدىم .ھېچبولمىسا ساڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلەي دەپ شۇ ...

-ھە نېمە دەپ ھىكايە توقۇپ بەردى؟ساڭا دېسەم ئەمدى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقمايمەن.مېنىڭ ئالدىمدا ئۇنى تىلغا ئالغۇچى بولما ، - شۇنداق دەپ كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن قاچۇردۇم .ئېغىزىمدا ئۇنداق دىگىنىم بىلەن سەۋەبىنى مەنمۇ بىلىشنى خالايتىم.دوستۇم ئاستا كېلىپ مېنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى .

- ئۇنىڭغىمۇ تەسكەن ئاداش.ئۇ ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .دېيىشىچە ئۇ زەھەر چېكىدىكەن ،شۇڭا سېنىڭ بەختىڭنى نابۇت قىلىشنى خالىماي...

-نېمە؟؟؟يالغان !ھەممىسى يالغان! بۇ ئۇنىڭ مېنى ئالداش ئۈچۈن تېپىپ چىققان باھانىسى ،بۇ گېپىگە سېنى ئىشەندۈرەلىگىنى بىلەن مېنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ. ،- شۇنداق دېدىمدە ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ بالكون تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.كۆزلىرىمدىن ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەكتە .پەقەت ئىشەنمەيتتىم .گەرچە ئۇ گۇناھ يولىدا ماڭغان بەندە بولسىمۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق ئىپلاس ئىشنى قىلىشىغا ئىشەنمەيتتىم .بۇرۇن مەن ئۇنىڭغا بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلغىنىمدا ئۇ ئاللاھنى ئېغىزىغا ئېلىپ تۇرۇپ قەسەم قىلغان .ھەم تېخى «زەھەر چەككەن ئادەم ئادەم ئەمەس،ئۇ زەھەر بىلەن ۋىجدان .غورۇرنى قوشۇپ چىكىپ تۈگىتىدۇ»دېگەنلىكى ھېلىھەم يادىمدا. ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ .بىر تەرەپتىن بۇ يالغان گەپكە ئىشەنمەيتىم يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق گەپنى بىرسىگە چاقچاق قىلىپ دەيدىغان گەپ ئەمەسلىكىنى ئويلىغىنىمدا قورقۇنۇش بېسىپ كېتەتتى . ئۇنى ئىزدەپ بۇنىڭ راست –يالغانلىقىنى سوراپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما كۆڭلۈم كۆتۈرمىدى.ھەم ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى بىلمەيتىم .شۇنىڭ بىلەن خۇداغا نالە قىلىپ بۇنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى تىلەشتىن باشقا ئىلاجىم قالمىدى.ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى .بەزىدە مۇشۇ توغرىسىدا قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرگەندىن باشقا ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەرگە ئىگە بولالمىدىم .ئۇ جەمئىيەتتە يۈرۈدىغان ئادەم بولغاچقا بىرەرمۇ دوستىنى تونىمايتىم .

دوستۇم ئۇنى چچ سىدىن تېخى چىقىرۋەتمىگەن ئىكەن .ئايرىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن دوستۇمنىڭ چچ سى ئارقىلىق ئۇنىڭ چچ بوشلۇقىغا باردىم .ئاھ خۇدا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم .بۇرۇن مېنىڭ سۈرەتلىرىم تۇرغان بوشلۇقنى ئەمدى چىرايىدىن ئىتتىك قاراشقا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ،ئەمما خېلى زامانىۋى بىر قىزنىڭ سۈرەتلىرى ئىگىلەپتۇ .تېزدىن ئۇنىڭغا قالدۇرۇلغان سۆزلەرگە كۆزۈمنى يۈگۈرتتۈم .بۇرۇن مەن قالدۇرغان سۆزلەر ئاللىبۇرۇن ئۆچۈرۈلگەن ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر قىزنىڭ رومانتىك مۇھەببەت مەكتۇبلىرى قالدۇرۇلغان ئىدى.تېخى سۈرەتلەرئىچىدىكى بىر پارچە سۈرەتكە خەنزۇچە قىلىپ «سىزنى سۆيىمەن»دېگەن «تامغا»مۇ بېسىلغان ئىدى. ئاھ خۇدا .نېمە كۆردۈم مەن ...؟

كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . شۇمۇ ماڭا ئەمدى كۆرسەتكىنىڭ ؟ سەن ماڭا يۈز كېلەلمىگىنىڭ ،مېنى سۆيۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىڭ سەۋەبىدىن مېنى شۇنچىۋالا دەرتكە مۇپتىلا قىلغان ئەمەسمىدىڭ ؟مانا ئەمدى شۇنچە تېزلا باشقا بىر قىزنى سۆيۈشكە يۈرىكىڭ چىداپتىغۇ ؟.ئەجىبا ئۇنى بەخىتسىز قىلىشتىن قورقمامسەن ؟ۋە ياكى ئۇ سېنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈش ئۈچۈن ماڭا ئويناپ بەرگەن نەيرەڭۋازلىقىڭمۇ ؟ سەن ئۈچۈن شۇنچە نەرسىلىرمنى قۇربان قىلغىنىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ ؟ئەگەر كۆڭلۈڭ باشقىنى خالىسا يالغان سۆزلەپ مېنىڭ يۈرىكىمنى داغلاپ ئۆزۈپ ئۈچۈن ئاھ ئۇرغۇزغۇچە باشتىلا دېسەڭ بولماسمىدى ؟ مېنى خارلىساڭمۇ مۇھەببىتىمنى بۇنچە خارلىمىساڭ بولاتتىغۇ ؟....

ئۇنىڭ چچ سىغا خەت قالدۇردۇم .

- ۋۇ نامەرد،ئۆز نامىڭنى ئۆزەڭ بۇلغاشتىن نۇمۇس قىلمىدىڭمۇ ؟سېنىمۇ يىگىت دېگىلى بولسۇنمۇ ؟راستىنلا سۆيەمسىەن شۇ قىزنى ؟ ۋۇ ئىپلاس..
-....
ئۇ ئۈندىمىدى.چچ سى ئوچۇق ئىدى بولمىسا.

- گەپ قىلە .سەندىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن .مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ جاجاڭنى بېرىدۇ .سەن بىر ئوغرى سەن .مېنىڭ قەلبىمنى ئوغىرلىۋالغان قەلب ئوغرىسىسەن !ئىسىت ،ساڭا بېغىشلىغان مۇھەببىتىم ....

چچ نى ئۆچۈرۈپ خىيالغا كەتتىم .ئادەملەرنىڭ بۇنچە رەزىللىشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتى .بىر زامانلار ئۇنى شۇنچە ئەزىزلەپ،قەدىرلەپ سۆيگىنىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيتى .كېيىن ئۇنىڭ بىر «كەسىپداش» دوستىدىن ئۇنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى ،ئۇ قىزنىڭمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ،ماڭا قىلغان چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنىمۇ ئالداۋاتقانلىقىنى ،ئەمما پات –پات دوسلىرىغا مېنىڭ ئەخلاقىم ھەم ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدەم توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى،ماڭا يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى دەيدىغانلىقىنى ..بىلدىم.

ياشلىق باھارىمنىڭ تۇنجى قەدىمىنى مۇشۇنداق بىر ۋىجدانسىز مەخلۇق بىلەن باسقىنىمنى ئويلىسام ھېلىھەم ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلايدۇ .قانچىلىغان بالىلار ماڭا ئوخشاش ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ مەن ئۇنى قانچىلىك قەدىرلىدىم ؟ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەنلىرىگە قانچىلىك جاۋاپ قايتۇردۇم ،قىلغانلىرىم ئۆزۈمنى تۈگىمەس ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلىشتىن باشقا نېمە بولدى؟ مۇھەببەت قانچە نەپرەت شۇنچە دېگەندەك ،ئۇنىڭدىن قانچە نەپرەتلەنسەم ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم شۇنچە يېلىنجايدۇ .قەلبىمگە باشقا بىرىنى سىغدۇرۇشقا ئامالسىزمەن .قاچانغىچە مۇشۇنداق ۋاپاسىز يىگىتنىڭ ،ۋىسالسىز سۆيگۈنىڭ ئازابىنى تارتىپ يۈرەرمەن ،ئۇچۇ ؟ مېنىڭ بۇنداق يۈرگىنىم بىلەن قىلچە پەرۋايى يوق .يەنە يېڭى «ئولجا»سىنى ئالداش بىلەن ئاۋارە بەلكىم .ئەمما تېخىغىچە ئۇنىڭ دوستۇمغا دېگەنلىرىنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ماڭا نامەلۇم .پەقەت ئاللاھدىن ئۇنى تېزراق ئۇنتۇپ كېتىشىمگە كۈچ-ماغدۇر بېرىشىنى تىلەشتىن باشقا ئامالىم يوق ...


شۇنىڭدىن بېرى مانا مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ قارا بېسىپ ئويغىنىپ كېتىمەن .ئۇ مېنى چۈشلىرىمدە بولسىمۇ ئارامىمدا قويسا بولاتتى .ھەي ..بۇ قارا چۈشلەر قاچانمۇ ئاخىرلىشار....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زىلالە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-19 00:28

Rank: 8Rank: 8

توردا
742سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
1392 
تېما
62 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى كۆرۈپ قالسا مۇھەببەتكە ئامال يوق جۇما..
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
1325سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
1568 
تېما
139 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ۋۇي قانداق جاھان بۇ،
بىرى بىرىگە زار،
بىرى بىرىگە ئىنتىزار.

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
77 
تېما
20 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راس.ياخشى كۆرۈپ قالسا مۇھەببەتكە ئامال يوق

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
69 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى كۆرۈپ قالسا مۇھەببەتكە ئامال يوق جۇما.. بۇ گەپ ناھايتيى جىڭ گەپ بوپتۇ

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
57 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كوڭلۇڭ ئىشەككە چۇشۇپ قالسا ئىغىلدا ياتماي ئامال يوق دىگەندەكما ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-22 04:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.