
قار ياققاندا كۆزۈم يۇلىڭغا باقار 
زىمىننى بېزىگەن ئاپپاق تون كەبى، ئانا تۇپراققا تۆكۈلەر ئاپپاق قار. قەلبىم روھلىنىپ كۆزلىرىم چاقناپ، ئارزۇ ئىستەكلەردە يۇلىڭغا قارار. 
دەرىزە تۈۋىدە تۇرمەن مۇڭلىنىپ، مۇزلىغان ئەينەكتىن ئىرەر سۇ تامچىپ. قۇشقاچلار سايرىشار ۋىچىرلاپ يۈرۈپ، ئۇچىدۇ كۆڭۈل ھىسلىرىم خۇش كۈلۈپ. 
ئىسىمدە ھېلىقى قار ياققان سەھەر، يىشىلگەن ئىدى قەلبىمىزدىكى سىرلار. سەن كەلگەندە قەلبىڭنى ئىزھار قىلىپ، كۆز يېشىم تۆكۈلدى بۇپ گۇيا شىئىر. 
ھاۋادىن تۈكۈلەر ئاپپاق ئۈنچىلەر، ماڭسام ناخشىدۇر غىچىرلىغان قار. جاھاننى بىزەپ تۇرار ھەر دەقىقە، ئۈمۈتلۈك كۆزلىرىم يۇلىڭغا تەلپۈنەر. 
مەنبە قەلىمىم 
|