بىر يۈرۈش پەندى نەسىھەتلەر : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم « ئىز » تورىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىللىرى ، سىللەرگە ئالىي ئىھتىرام ، سىللەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىلار ۋە تىرىشچانلىقىڭلار نەتىجىسىدە بۈگۈنكىدەك خۇشاللىنارلىق ئىناق كەيپىيات « ئىز » دا شەكىللەندى ، ھېچقانداق بىكەتلەردە يوق ئازادىچىلىك ، كۈيۈمچانلىق ، مېھىربانلىق ، خۇش پىچىملىق ، ئىناق – ئىتتىپاقلىق ، ساب سەمىمىيلىك ۋە گۈزەل ئەخلاق مىيلودىيىسى مانا بۇ « ئىز » غا مۇجەسسەم بولدى . تالانىتلىق تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ياخشى بىر بىلىم بازىسى ، مەدەنىيەت بازىسى ئەدەب – ئەخلاق بازىسى ھازىر بولدى ... گەرچە مەن ئاددىي بىر ئادەم بولغان بولساممۇ ، سىللەرگە چوڭقۇر تەشەككۈرلىرىمنى ئېيتىمەن ... سىللەرنىڭ كۈڭۈل ھۇزۇرى بولغۇسى نادىرلىرىڭلارنىڭ قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى چىن كۆڭلىمدىن سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن ... مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەل ياخشى دەپ قارىغان بىر يۈرۈش پەن – نەسىھەتلەرنى كۆپچىلىك ھۇزۇرىغا سۇندۇم ... كۈرۈپ بېقىپ ياخشى بولمىغان تەرەپلىرى بولغان بولسا ، ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ... 1 . كىشىنى ئاچچىغى كەلگەندە سىنا، دوسىتنى زىيان ئۈستىدە سىنا . سۆزنى پاكىت – مېغىزى بىلەن سىنا . 2 . ئۇستازىڭنى ئاتا – ئاناڭدىن ئەزىز كۈت ! . 3 . ئاچچىق بىلەن سۆزلىمە
4 . ئۆز ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر . 5 . بىراۋلارنىڭ ئۈيىگە كىرسەڭ تېلىفۇن بىلەن تىلىڭنى يىغىپ ئولتۇر . 6 . ئاز سۆزلىمەك ، ئاز يىمەك ، ئاز ئۇخلىماقنى ئادەت قىل . 7 . بىلمىگەن ئىشقا ئۇستاتلىق قىلما . 8 . كىشىنىڭ پۇلىغا ئۈمۈد باغلىما . 9 . مويسىپىتكە قاتتىق سۆزلىمە . 10 . ھاجەتمەننى نائۈمۈد ياندۇرما . 11 . مېھماننى ئىشقا بۇيرىما !
12 . مېھمان ئالدىدا كىشىگە ئاچچىقلانما . 13 . سۆزنى كۆلىڭدە پىشۇرۇپ ئاندىن سۆزلە . 14 . ئۈزۈڭدىن چوڭلارغا ئويۇن چاقچاق قىلما . 15 . بىر قېتىم دىگەن سۈزۈڭنى قايتا تەكرارلىما . 16 . كىشىلەر ئالدىدا ئۈزۈڭنى ۋە خۇتۇنىڭنى ماختىما . 17 . ئۆلگەننىڭ يامان گىپىنى قىلما . 18 . بىراۋدىن بىرەر ھېكىمەت كۆرمىگۈچە ئۇنى ماختىما . 19 . ئەخمەقلەر مۇلاقىتىدە سۈكۈت قىل . 20 . ئىككى يۈزلىمە ئادەمدىن مەدەت تەلەپ قىلما ، ئۇنىڭدىن يىلاندىن قاچقاندەك قاچ ... 21 . ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە ئاشۇرۇپ ياخشىلىق قىل . 22 . ئاچچىقىڭ كەلگەندە جىم تۇر ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-17 16:26
|