گۈلمىرە تاققا -تۇققا پاراڭلىرى
دادىڭىز سىىزنى كۆتۈرۈپ باققانمۇ؟
بۇنداق دىسەم،ھەر قانداق دادا بالىسىنى كۆتىرىدىغۇ؟ دىيىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداق بولسا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تاققا-تۇققىدا بولسۇن.
مۇنداق بىر ئىش ھېلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ھويلىدا تىلىۋىزور كۆرۈپ ئۇخلاپ قالسام دادام ئاستا كىلىپ مىنى ئاۋايلاپ قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قوياتتى. دادام مىنى قۇچىقىغا ئالغان ۋاقىتلاردا بەزى ۋاقىتتا قاتتىق ئۇخلاپ سەزمىسەممۇ، تولا ۋاقىتلاردا دادامنىڭ مىنى كۆتۈرگىنىنى سىزىپ قالاتتىم. شۇنداق بولسىمۇ قەستەن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم. دادامنىڭ ئىللىق باغرىدىن قانغۇدەك ھۇزۇر ئالاتتىم. ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بالا قاتارىدا كۆرەتتىم.
چوڭ بولدۇم، مەكتەپكە كىردىم، دادامنىڭ مىنى كۆتىرىغان ۋاقىتلىرى ئاز قالدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتلىرىمدا پەقەت دادامنىڭ مىنى بۇرۇن كۆتۈرگەن ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ھويلىدا ئۇخلاپ قالساممۇ دادام چوپچوڭ بولغان يىگىتنى كۆتۈرمەيدۇ-دە... ئاستا ئويغۇتۇپ ئۆيگە كىرىپ كىتىشنى ئېيتاتتى.
بۇلتۇر توپ ئويناۋېتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئوڭ پۇتۇم ئۇشۇقىدىن چىقىپ كەتتى. تېڭىقچىغا باراي دىسەم چىقىپ كەتكەن جاينى بىر كۈن ئۆتمىسە تاڭغىلى بولمىغاچقا، ھۇجرامغا تەستە ئاقساپ كىرىپ يېتىۋالدىم. كەچتە دادام كىرىپ،
-ئاسمانغا پۇت ئاتما دىسەم ئۇنىمايسەن بالام، قارىغىنە بىكار پۇتۇڭنى قايرىۋاپسەن، ئەتە تېڭىقچىنىڭ يېنىغا بېرىپ تاڭدۇرۇپ كىلەيلى. دەپ چىقىپ كەتتى.
بىر كىچە پۇتۇم ئىششىپ كۈپتەك بولۇپ كەتتى. پۇتۇمنى ئاغرىقتىن تەستە مىدىرلىتالايتتىم. ئەتىسى ئەتتىگەن دادام تاماققا چاقىرغاچ،
- پۇتۇڭنى تاڭدۇرۇپ كىلەيلى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭالامسەن؟ دىدى.
-ماڭالايمەن، دەپ تەستە دادامنىڭ يۆلىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىككى قەدەممۇ ئالالمىدىم. دادام،
-كىلە قۇچۇقۇمغا چىق، سىنى كۆتىرۋالاي، دىدى، مەن
-ياق دادا، بولدى ماڭالايمەن دىدىم، دادام،
-بولدى، كىلە سىنى قۇچۇقۇمغا ئېلىۋالاي، سىنى نۇرغۇن قېتىم قۇچۇقۇمغا ئالغان مەن دەپلا مىنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ھويلىغا ئېلىپ چىقتى.
18 ياشقا كىرگەن بىر چوپچوڭ يىگىت ئۈچۈن، دادىسىنىڭ ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن مىنۇتلىرى، بەلكىم ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار بولىشى مۇمكىن. ھاياجانلانغىنىمدىن كۆزۈمدىن چىققان ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ لەۋلىرىمگە ئېقىپ چۈشتى.
بەلكىم بۇ، دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مىنى قۇچىقىغا ئېلىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى كۆتۈرگەن، بىر ئۆينىڭ روھى تۈۋرۈكى بولغان دادىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.
بوۋامنىڭ يۇمۇرلىرى
بىر كۈنى بوۋام-موماملارنى يوقلاپ چوڭ ئۆيگە باردىم. بوۋامنىڭ ھويلىسىدا قوناق ئۇنى تارتىشقا ئىشلىتىدىغان چوڭ تۈگمەن تېشىدىن بىرسى بار ئىدى. ئۇنى بىرسىگە ساتقان ئىكەن، 5 ئادەم بىر بولۇپ ھارۋىغا شۇنداق تەستە ئالدىدە، بوۋام ئۇلارغا قاراپ،
ھەي بۇ زاماننىڭ بالىلىرى نىمانچە بوشاڭدۇ، ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇ تاشتىن ئىككى ھەسسە قېلىن تاشنى دەس كۆتۈرۈپ ھارۋىغا ئالاتتىم. دەيدۇ..
ھى ھى ھى ھى
بوۋامنىڭ يەنە بىر يۇمۇرى
بىر كۈنى بوۋامنىڭ ئۆيىگە بارسا، بوۋام،
-بالام قويلارغا سۇ بىرىۋەتكىنە، دىدى،
مەقۇل دەپ قويلارغا سۇ بىرىۋاتسام بوۋام بىلەن مومام كەلدى، مومام،
- قارىغىنە بالام، ئاۋۇ ئىككىنى قۇزىلىغان قوي مىنىڭ، ماۋۇ قويۇممۇ ئىككىنى قوزىلىدى، بۇمۇ مىنىڭ...... مەن دىدىم،
- موما، بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئۇ مىنىڭ، بۇ سىنىڭ دەيدىكەنسىلە، ئۇنداقتا بوۋامنىڭ قويىچۇ؟ دىسەم، بوۋام،
بالام جۈپ قوزىلىغىنى موماڭنىڭ، تاق قوزىلىغىنى مىنىڭ دەيدۇ.
ھا ھا ھا ھا ، ياشتا چوڭ ئادەملەر بەك قىزىقارلىق سۆزلەيدىكەن...
باھانە ئىزدەش
ئاكام، دادام، مەن ئۈچىمىز ھويلىغا ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان توپىلارنى سىرتقا توشىۋەتمەكچى بولدۇق.
ئاكام مەندىن ئاستىراق ئىش قىلىدۇ-دە... مەن تىز-تىز توشىۋاتسام، ئاكام سۆرىلىپ بىردەم ئارام ئالىمەن دەپ ئولتادى.
دادام: چوڭ تۇرۇپ ئۇكاڭنىڭمۇ كەينىدە قالامسە؟
ئاكام: دادا مەن يۈدىۋاتقان خالتا چوڭكەن شۇڭا........
دادام: ئۇكىسىنىڭ كەينىدە قېلىپمۇ يەنە باھانا ئىزدەيدۇ تېخى..
مەن: بولدىلا دادا.. ئاكامنىڭ يەنە ئالبىنى يىگۈسى كەپتۇ...،
ھەممەيلەن........... ھاھا ھا ھا ھا
ئۆيىمىزدە كۈندە كۈلكە-چاقچاق دىگەن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
كەلتۈرۈش
ھەدەمنىڭ ھامىلدار، سىزىك ۋاقىتلىرىدا ماڭا، سىزىكىم تۇتۇپ كەتتى، شاپتۇل يىگۈم كىلىۋاتىدۇ. دەپ شاپتۇل ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىدى. مەن،
-مىنىڭمۇ شاپتۇل يىگىم كەپ تۇرغان دىسەم، ھەدەمنىڭ يولدىشى
سەنمۇ سىزىكمۇ يا ؟ دەيدۇ... بەك چاقچاقدىدە
مەن چاندۇرماي،
-ھە ئە مەن ھازىر سىزىك، سەل تۇرۇپ ھاجەتكە چىقىمەن...
ئۈچىمىز قورساقنى تۇتۇپ بولىشىغا ھا ھا ھا ھا ھا
يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەش
ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، مىنىڭ سول تەرەپ، ياندىكى قاتاردا ئولتۇرغان ھەبىبۇللا، ئەلى ئىسىملىك ئىككى بالا باردە .. بەك قىززىقچى..
بىر كۈنى دەرىس ۋاقتىدا ھەبىبۇللا تېلفۇنىنى تىرت-تىرت قىلىپ سايرىتىپ ئولتادى.... مۇئەللىم بىر قانچە قېتىم قاراپ قويدى..
يەنە شۈك ئولتاماي تىرت-تىرت قىلىپ سايراتقانتى، مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كىلىپ يېنىغا كىلىشىگىلا ھەبىبۇللا چاققانلىق بىلەن قولىدىكى يانفۇننى ئەلىگە تۇتقۇزۇپ قويدى.
مۇئەللىم كىلىپلا ئەلىنى تېلفۇن ئويناۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ، بېشىدىكى شىلەپە بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ قويۇپ، دەرىس ۋاقتىدا جىم ئولتا! دەپ كىتىپ قالدى..
بىچارە بىكاردىن-بىكار يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ، دەرىستىن چۈشۈپ ھەممىمىز تازا كۈلدۇق.
يەنە يازاي دىسەم تاققا-تۇققىلارمۇ خېلى بار ئىدى.... بەك جىق بوپ كەتسە زىرىكىپ قالماڭلار....
مەنبە :ئۆزۇم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-14 21:25
|