بىزنىڭ ئەمەس بىر ماشىنا كىچىك بازاردىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، بىر توخۇنى بىسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
شوپۇر بۇ تەلەيسىز توخۇنى قولىغا ئىلىپ، ئۆزىگە قاراپ تۇرغان بىر كىچىك بالىدىن سوراپتۇ:
- بۇ سىلەرنىڭ توخۇمۇ؟
- ياق ئەپەندىم، بىزنىڭ توخۇنىڭ رەڭگى قولىڭىزدىكى توخۇغا ئوخشاش، لىكىن ئەمما ئۇنىڭىدەك ياپىلاق ئەمەس دەپتۇ.
پۇل ئىختىساد قىلدىم - دادا، پۇل ئىختىساد قىلىدىغان بولدۇڭ.
- قايسى پۇلنى ئىختىساد قىلىمەن. بالام؟
- بۇ يىل يەنە پۇل خەجلەپ ماڭا دەرسلىك كىتاپ سىتىۋالمايدىغان بولدۇڭ. چۈنكى مەن سىنىپ كۆچەلمىدىم.
مەنمۇ قوشۇلىمەن
پوپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن بىر جۈپ ياشنىڭ نىكاھىنى ئوقۇۋىتىپ سەل جىددىيلىشىپ قالغان يىگىتتىن سوراپتۇ؛
- جېك ئەپەندى، سىز جىننى خانقىزنى ئەمرىڭىزگە ئىلىشقا قوشۇلدىڭىزمۇ؟
ھودۇقۇپ كەتكەن يىگىت گەپ قىلالماپتۇ. سەل سۈكۈت قىلغان پوت يىگىتنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا بوش ئاۋازدا؛ <قۇشۇلىمەن> دەپ پىچىرلاپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان يىگىت ئاۋازىنى قويۇۋىتىپ:
- <مەنمۇ قوشۇلىمەن> - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
مىنى نىمىشقا ئىلىۋالمىغان دادىسى ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىلىرىنى ئەسلەپ بالىسىغا:
- ئۇ ۋاقتىلار نىمىدىگەن ياخشى، دالىدا تومۇزغا تۇتاتتۇق، جىلغىلاردا ئوينايتۇق، كۈن بويى چۆپلۈكتە ئۇخلايتۇق، قىلچە غىمىمىز يوق، بەك ياخشى ئىدى،- دەپتۇ.
دادىسىنىڭ گىپىنى ئەستايىدى ئاڭلاۋاتقان بالا بىردىنلا چىرقىراپ يىغلاپ كىتىپتۇ.
- نىمە بولدى؟_ دەپ سوراپتۇ دادىسى ھەيران بولغان ھالدا.
- ئەي ۋاقىتتا مىنى نىمىشقا ئىلىۋالمايسەن،- دەپ تىخىمۇ بەك يىغلاشقا باشلاپتۇ.
كۈيئوغۇل تاللاش تولىمۇ ئاچ كۆز بىر دادا قىزى بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئۈچ يىگىتنى ئالدىغا چاقىرتىپ سوراپتۇ.
- ھەر بىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ بىقىڭلار.
- مىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك مال- بىساتىم بار- دەپتۇ بىرىنچى يىگىت.
- مىنىڭ تولىمۇ ھەشەمەتلىك بىر داچام بار- دەپتۇ ئىككىنچى يىگىت.
- مەندە مال - دۇنيا يوق، بىراق بىر بالام بار، ئۆ ھازىر قىزىڭىزنىڭ قورسىقىدا، دەپتۇ ئۈچىنچى يىگىت.
توغرا جاۋاپ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بىر بالىدىن سوراپتۇ:
- داداڭنىڭ بۇ يىل قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېىيتىپ بىرەلەمسەن؟
- بىلىمەن، دادام بۇ يىل بەش ياشقا قىردى،- دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بالا. بۇنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچى كۈلۈپ كىتىپتۇ.
- ئوبدانراق ئويلاپ باققىن ئۇنداقتا داداڭ سەن بىلەن تەڭ بولۇپ قالمامدۇ؟
- شۇنداق مۇھەللىم، دادام مەن تۇغۇلغاندىن كىيىن دادا بولۇپتىكەن. بۇنى دادام ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا دەپ بەرگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskin0709 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-25 22:47
|