- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-21
- تىزىملاش
- 2010-5-6
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 362سائەت
- جۇغلانما
- 1647
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 627
- تېما
- 31
- توردا
- 362سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 14
- يازما
- 627
- تېما
- 31
|
< مەن مىكىيان ئەمەس>
قاق سەھەردىلا ئانا قىزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قىزىنىڭ يوتقىنىنى قايرىپ تۇرۇپ توۋلاپتۇ؛
-___نادىرە، تېز تۇرە، خوراز ئاللىقاچان ئۈچ مەرتەم چىللاپ بولدى.
_ئۇ چىللىسا چىللاۋەرسۇن،مەن مىكىيان ئەمەس،_دەپلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۇيقۇسىنى داۋام قىپتۇ قىزى.
< ئالاھىدە بەلگە>
بىر جۈپ ئەر_ ئايال سوقۇشۇپ قىلىپ.ئېرى ئۆيدىن چېقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايالى دەرھال گېزىتخانىغا بېرىپ ئادەم ئىزدەش ئېلانى بېرىپتۇ؛
___مەلۇم بىر ئەر، بوي ئېگىزلىكى 1.80 ،بەش ئەزاسى ساق،ئۇچىسىغا كۆك چاپان،سېرىق ئىشتان كىيگەن ،ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئۆيگە قايتسۇن.يەنە باشقا ئالاھىدە بەلگىسى بارمىدى؟__سوراپتۇ گېزىتخانا خادىمى .
__تاز ئىدى ،دەپتۇ ئايال.
_ئەمسە نېمىشقا بۇ گەپنى قوشۇپ قويمايسىز؟ شۇنىڭدا تېپىش ئاسان بۇلاتتى،_دەپتۇ گېزىتخانا خادىمى يەنە.
ئايال دەرھال ئېتىراز بىلدۈرۈپتۇ؛_ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ ،مەن ئۇنى دەل تاز دېگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن .
< ھامىلدار بولۇش>
ئۈچ ئاغىنە تاماق يېگەچ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. پاراڭ ئارىسىدا ،ئېلى ۋەلىدىن سۇراپتۇ؛
_ئاڭلىسام ،ئايالىڭ قوشكېزەك تۇغۇپتۇ. بۇنىڭدا بىرە سىر بارمۇ؟
_بولمامدىغان ،ئايالىم ھامىلدار ۋاقتىدا <ئىككى ئەسكەر >>دېگەن كىتابنى كۆرگەن ،دەپتۇ ۋەلى.
_سىنىڭ ئايالىڭ ئۈچ كېزەك تۇغۇپتۇ، بۇنىڭدىمۇ بىرەر سىر بارمۇ؟دەپ سوراپتۇ ئېلى غېنىدىن .
_ئەلۋەتتە سىر بار ئايالىم ھامىلدار ۋاقىتتا<<ئۈچ چەۋەنداز >>دېگەن كىتابنى ئۇقۇغان_ دەپتۇ غېنى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئېلى چۆچىگەن ھالدا؛___مېنىڭ ئايالىمنىڭ بويىدا بار ئىدى.ئۇھازىر <<ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى>>دېگەن كىتاپنى ئوقۇۋاتاتتى ،دېگىنىچە
ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ.
<<قانداق چېقۋەتتىڭ >>
بىر مالاي ئېھتىياتسىزلىقدىن ناھايىتى قىممەتلىك بىر تەخسىنى چېقۋېتىپتۇ.خوجايىن ئۇنىڭ پارچىلىرىنى كۆرۈپ كىمنىڭ چېقۋەتكەنلىكىنى سۇراپتۇ.
مەن چېقۋەتتىم ،دەپتۇ مالاي.
_قانداق چېقۋەتتىڭ ؟سوراپتۇ خوجايىن
مالاي دەماللىققا مۇۋاپىق بىر گەپ تاپالماي يەنە بىر تەخسىنى ئېلىپ يەرگە تاشلاپ دەپتۇ؛
_____مانا مۇشۇنداق چېقۋەتتىم .
<< نېمە ئىش بولدى>>
رەيھان خانىم قاق سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئايال خىزمەتكاردىن سوراپتۇ؛_قەدىرلىكىم ،مېنىڭ يولدىشىمغا بۈگۈن نېمە بولدى؟مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇنداق شاد _خۇرام ئشقا ماڭغانلىقىنى كۆرمىگەن ،ئۇ بىر تەرەپتىن ئسقىرىتىپ قۇشقاشتەكلا قىلىپ كەتتىغۇ ؟
_ئېسىم قۇرۇسۇن خانىم ،بۇ تامامەن مېنىڭ سەۋەنلىكىم ،دەپتۇ خىزمەتكار ئۆزىنى ئەيىبلەپ ،بۈگۈن سەھەردە مەن خاتا ھالدا ئۇنىڭغا قۇشقاچ يېمىدىن ناشىلىق بېرىپ قويۇپتىمەن.
|
|