<<غەرپكە ساياھەت>>كە دائىر قىزىقارلىق سۇئال - جاۋابلار
1. سۇن ۋۇكۇڭنى پەنجە تاغقا باستۇرۇپ قويۇلغاندا، ئۇ نېمىشقا سىھرى بىلەن كىچىكلەپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ؟ جاۋاب: سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۇستازى بىر تەرىقەتچى بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى بەش ئېلمىنت ياغاچ، مىتال، سۇ، ئوت، تۇپراقنى بەش بارماققا تىمسال قىلىپ سۇن ۋۇكۇڭنى باستۇرۇپ قويغان ھەمدە بۇددا دىنىدىكى مۇقەددەس ئايەتلەر بىلەن تاغنى بەنت قىلىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رىۋايەتلەردىكى <<سىرلىق ئالقان گۇمپىسى>>نىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى سۇن ۋۇكۇڭنىڭكىدىن تىز، شۇڭا سۇن ۋۇكۇڭ مەيلى قانچىلىك كىچىكلىسۇن ھامان پەنجە تاغنىڭ ئاستىدا قالىدۇ.
2. سۇن ۋۇكۇڭ ئەرىشنى مالىمان قىلغان ئەۋلىيا تۇرۇقلۇق، نېمىشقا نوم ئەكىلىش يولىدا ھە دىسىلا ئارقا سەپتىن ئەسكەر يۆتكەيدۇ؟ جاۋاب: سۇن ۋۇكۇڭ نوم سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن بىر ئەركىن پائالىيەتچى ئىدى. ئۇ ئاۋالىكسۇۋارا بۇدساتۋانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شىتاتلىق خىزمەتچىگە ئايلانغان. شىتاتلىق خىزمەتچى بولغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى، رەھبەرلىرى ۋە خولۇم - خوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يول يورۇقىنى ئېلىپ تۇرمىسا، يىللىق باھالىنىشغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۇ ماھارەتىنى كۆز - كۆز قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئىھتىيات قىلغان. 3. يۇرۇن سۇلتان بىلەن خانىش ئانا ئەر - خوتۇنمۇ ياكى ئانا - بالىمۇ؟ جاۋاب: قانداق بولۇشى بەك مۇھىم ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسدا پاك مۇناسىۋەت بار. ئوماي ئانىنىڭ جۇڭگو يىلنامىلىرىغا چىققان ۋاقتى يۇرۇن سۇلتاننىڭكىدىن بۇرۇن، شۇڭا ئۇنى يۇرۇن سۇلتاندىن چوڭ دىيىشكە بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ئىككىسىنى خىزمەتداش دىسەك بىر قەدەر توغرا بولغۇدەك. لېكىن خانىش ئانىنىڭ سىتاژى يۇرۇن سۇلتاننىڭكىدىن ئۇزۇن بولغانلىقتىن، يۇرۇن سۇلتان خانىش ئانىنىڭ شاپتۇل بەزمىسىگە بېرىپ ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ، ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.
4. تاڭسىڭ نېمىشقا ھەدىسىلا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئالۋاستىلارنى ياخشى ئادەم تۇرىۋالىدۇ؟ جاۋاب: چۈنكى ئاۋالىكسۇۋارا بۇدساتۋا سۇن ۋۇكۇڭنى تاڭسىڭغا تاپشۇرغاندا، ئۇنىڭ جىنايەت تارىخى بار، ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ دەپ تاپىلىغان. شۇڭا تاڭسىڭ بۇ بۇيرۇقنى ساداقەتمەنلىك بىلەن بىجا كەلتۈرىدۇ. تاڭسىڭ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بىۋاستە باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۇۋال قىلسىمۇ ھېچقىسى يوق. بەك يامان بولسا سۇن ۋۇكۇڭ ئىستىپا بېرىپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن تاڭسىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاستە باشلىقلىرىنىڭ چىشغا تىگىپ قويسا، ئىستىقبالى تۈگىشىدۇ. 5. سۇن ۋۇكۇڭ بۇرۇن شەرقىي دېڭىزدا دەۋران سۈرگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سۇدىكى ماھارىتىم ياخشى ئەمەس دەيدۇ؟ جاۋاب:سۇن ۋۇكۇڭ بۇرۇن سۇغا شۇڭغىغاندا ئەركىن نەپەستە چۈشەتتى. لېكىن تاغقا 500 يىل باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ۋاقىت كىشىلەر بىلەن سۆزلەشمەي نەپەس ئورگانىزىملىرى قېتىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچچىقى يامان بولۇپ كەتكەنلىكتىن، نەپسى قىسىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەركىن نەپەس بىلەن سۇغا شۇڭغۇشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدە، خىزمەت دىگەننى رەھبەرنىڭ ئالدىدا قىلسا ئاندىن تۆھپىكار بولغىلى بولىدىغان تەجرىبىگە ئىگە بولغان. شۇڭا تاڭسىڭ يوق يەردە جۇباجىلارنى ئىشقا سېلىپ، تاڭسىڭ يەر يۈزىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىشنى مۇۋاپىق بىلگەن.
6. تاڭسىڭنىڭ گۆشىنى يىسە ئۆلمەيدۇ، دىگەن گەپنى باشتا كىم چىقارغان؟ جاۋاب: توققۇز يەردە توققۇز سەنسەن بىر مۇشكۇلات تاڭسىڭنى سىناش ئۈچۈن بولىدۇ، بۇنىڭدىن بۇ ئىشلارنىڭ بۇرۇندىنلا پىلانلا پ قويۇلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 7. سۇن ۋۇكۇڭنى ئالۋاستىلارنى پەرىق ئىتەلەيدىغان سىھىرلىك كۆزى تۇرۇقلۇق، كالا دىۋە باجىنىڭ قىياپىتىگە كىرۋالغاندا نېمىشقا بىلەلمەيدۇ؟ جاۋاب: سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن بىلەن كالا دىۋە بۇرۇن قول بېرىشكەن ئاغا - ئىنىلەر ئىدى. ئەگەر كالا دىۋىنىڭ ئۇنچىلىك كارامىتى بولمىسا، ئەۋلىيا ئەزەم بىلەن قانداقمۇ ئاغا - ئىنى بولىشالىسۇن؟ ... 8. تاڭسىڭ نېمىشقا ئۆزىنىڭ گۆشىدىن ئالۋاستىلارغا ئازراق بەرمەيدۇ؟ جاۋاب: چۈنكى ئۇ نوم ئەكىلىشنىڭ بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلىدۇ. شۇنداق بولغانكەن باشقىلار تالاشقاننى قەتئىي بەرمەيدۇ. ئەگەر بېرىپلا قويسا، سۇن ۋۇكۇڭغا باشلىق بولالمايدۇ- دە؟!... مەنبە :رېتم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyguhur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-1 22:08
|