- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-16
- تىزىملاش
- 2011-1-17
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 84سائەت
- جۇغلانما
- 730
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 126
- تېما
- 29
 
- توردا
- 84سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 126
- تېما
- 29
|
ئابدۇقادىر جالالىدىن
تۇرمۇشتىكى ھەممە نەرسىنى شېئىر، ھېكايە بىلەنلا ئىپادىلەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ژانىرلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا قاملاشتۇرۇپ بىر ئىش قىلىش تەس. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تالانتلىق ھېسابلىنىدىغان ئەدىبلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ كارامىتىنى ئايرىم ژانېرلاردا كۆرسەتكەن. ھەممە ژانېرلاردا كارامەت كۆرسىتىمەن دېگۈچىلەرمۇ بولدى، لېكىن ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆزىگە يارىشىدىغان ژانىرلاردا قولغا كەلدى. ژانىرلار خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە، يەنە شۇنىڭغا يارىشا يېتەرسىزلىككىمۇ ئىگە. شۇڭلاشقا، ئوخشىمىغان ژانىرلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش زۈرۈرىيىتى توغۇلغان.
تۇرمۇشنىڭ قاتلىمى بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى قاتلاملار ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ژانىرلار قاتلىمىدىن كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ. ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتى ۋە كۆڭلىدىكى مەنىۋى ھالەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتى ۋە كۆڭلىدىكى مەنىۋى ھالەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن ھەمىشە بىرەر پارچە ماقالەمنى ياكى شېئىرىمنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كۆڭلۈمنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدە قىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئەمما، شېئىرغا بولغان مۇھەببىتىم كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭغا تۇرمۇشقا ئائىت تەسىراتلارنى ئۇدۇللا قوشۇپ، شېئىرىي مەجازدىكى ساپ ھالەتنى بۇزغۇم كەلمەيدۇ. چۈنكى شېئىر تۇرمۇشنىڭ نورمال كوگىكىسىدىكى سۆزلەر ئورامى بىلەن دەپ بەرگىلى بولمايدىغان باشقا بىر ئىقلىم.
مەلۇم بىر خاھىشنى ياكى بىر خىل پىكىرنى بىر خىل ژانىردا دېگىلى بولمىسا، باشقا ژانىرلاردا دەپ بىقىش كېرەك. ئۇنىڭدىمۇ بولمىسا، ژانىر بىلەن ھېسابلاشماي دەۋېرىش كېرەك، ئەدەبىياتتا ژانىر ئايرىمىچىلىقى بەك مۇھىم نەرسە ئەمەس. قەلەمدىن چىققانلىرى سەنئەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىلا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ كۆرگەن - بىلگەنلىرىمنى، ئاڭلىغان - ئويلىغانلىرىمنى تەۋەككۇل قىلىپ يېزىپ باقتىم. ئۇنىڭ ئاز - تولا قىممىتى بار نەرسە ئىكەنلىكى ئۆزۈمگە ئايان. ئۇنىڭغا «ئەبجەش خاتىرىلەر» دەپ ئىزاھ بەردىم. ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە لازىمى، كۆپرەك مېنىڭ ئىدىيەمدىن بولسا كېرەك. باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالايدىغان «موللا تاپقاق»لاردىن بولمىساممۇ، گېپىمنى تۈزلۈك بىلەن ئېيتىۋەردىم.
مەنبە؛خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/156014/15137476.html |
|